ئوچېرىك
3 مىنۇت ئوقۇش
مالىيە مىنىستىرى: تۈركىيە مالىيە تەرتىپىدىن ۋاز كەچمەيدۇ
شىمشەك تۈركىيەنىڭ ماكرو ئىقتىسادىي مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىرادىسىنىڭ قەتئىيلىكىنى، يېشىل ۋە رەقەملىك ئۆزگەرتىش نىشانىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.
مالىيە مىنىستىرى: تۈركىيە مالىيە تەرتىپىدىن ۋاز كەچمەيدۇ
Mehmet Simsek in the US with investors / AA
2025-يىلى4-ئاينىڭ23-كۈنى

تۈركىيە خەزىنە ۋە مالىيە مىنىستىرى مەھمەت شىمشەك خەلقئارا پۇل فوندى  تەشكىلاتى ۋە دۇنيا بانكىسىنىڭ باھار يىغىنلىرى مۇناسىۋىتى بىلەن ۋاشىنگتوندا ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشلىرىدا، تۈركىيەنىڭ مەسئۇلىيەتچان ۋە سىجىل ئىقتىسادىي باشقۇرۇش  ئىرادىسىنىڭ قەتئىيلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.

سەيشەنبە كۈنى ئاتلانتىك كېڭىشى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن بىر پائالىيەتتە سۆز قىلغان شىمشەك، ئەنقەرەنىڭ ماكرو ئىقتىسادىي مۇقىملىق پىروگراممىسىنىڭ، دۇنياۋى ئېنىقسىزلىقلار ۋە پۇل - مۇئامىلە بازارلىرىدىكى داۋالغۇشلارغا قارىماي، «توغرا يولدا» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

شىمشەك مۇنداق دېدى: «دۇنياۋى ئىقتىسادىي سىياسەتلەردىكى ئېنىقسىزلىققا قارىتا بىزنىڭ جاۋابىمىز شۇكى؛ ئېھتىياتچان، مەسئۇلىيەتچان ۋە سىجىل ماكرو ئىقتىسادىي سىياسەتلىرىمىزنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرىمىز.»

 ئۇ، تۈركىيەنىڭ نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى ۋە داۋاملىشىۋاتقان پۇل-مۇئامىلە سىياسىتىنى كۈچەيتىشى سەۋەبىدىن، پۇل پاخاللىقى بېسىمىغا قارشى ياخشى ئورۇندا تۇرۇۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

 شىمشەك پۇل پاخاللىقىنىڭ ئىقتىسادىي پىروگراممىدا بەلگىلەنگەن نىشان ئارىلىقىدا قېلىشى مۇمكىن» ئىكەنلىكىنى، دەسلەپتە پەرەز قىلىنغاندىن تۆۋەنرەك بىر قىزىل رەقەمنىڭ كۈتۈلۈۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى.

مىنىستىر شىمشەك ھۆكۈمەتنىڭ خىراجەت تەرتىپى، رەقەملىك ئۇل ئەسلىھە، سۈنئىي ئەقىل ۋە يېشىل ئىقتىسادقا يۈزلەنگەن قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىش سىياسىتىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكرارلىدى. بۇ ئىسلاھاتلارنىڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئىمپورتىغا بولغان بېقىندىلىقنى ئازايتىشنى نىشان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 تۈركىيە يەر شارى خاراكتېرلىك تەمىنلەش زەنجىرلىرى ۋە مەبلەغ سېلىش ئىشلىرىدا تېخىمۇ چوڭ رول ئويناشنى نىشان قىلماقتا

 جۇغراپىيەلىك-سىياسىي خەۋپ-خەتەرلەر ۋە سودا جەھەتتىكى  پارچىلىنىش ئەندىشىلىرىگە قارىماي، شىمشەك تۈركىيەنىڭ كۆپ خىل سودا تورى، ئىچكى تەلەپكە يۈزلەنگەن ئۆسۈشى ۋە كۈچلۈك سانائەت ئۇل ئەسلىھەلىرى بىلەن چىداملىق ۋە جەلپكار مەبلەغ سېلىش مەنزىلگاھى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى، بولۇپمۇ غەرب ۋە ئاسىيالىق مەبلەغ سالغۇچىلار ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ جەلپكار تاللاش مەركىزى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«تۈركىيە كۈچلۈك ئىشلەپچىقىرىش مەدەنىيىتى ۋە ئۆزىگە خاس ئىقتىدارى بىلەن بۇ ساھەدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان ئاز ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ بىرى. بولۇپمۇ غەرب بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەر نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، تۈركىيە دۇنياۋى قىممەت زەنجىرلىرى بىلەن بىر گەۋدىلىشىشىنى كۈنسېرى كۈچەيتمەكتە.»

شىمشەك تۈركىيەنىڭ سودىسىنىڭ كۆپىنچە ھاللاردا قوشنا دۆلەتلەر ۋە ئەركىن سودا كېلىشىمى تۈزگەن دۆلەتلەر بىلەن بولۇۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ دۇنياۋى توسالغۇلارغا قارشى بىر قالقان رولى ئويناۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

تۈركىيەنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقتىسادىي مەنزىرىسىنىڭ، كۈچلۈك ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلمىسى، قابىلىيەتلىك ئەمگەك كۈچىنىڭ تۈرتكىسىدە تەرەققىي قىلىۋاتقان ئىقتىسادىي كۈچلەر ئوتتۇرىسىدا رەقەملىك ۋە سۈنئىي ئەقىل تەييارلىقىدا يېتەكچى ئورۇندا تۇرىدىغان جەلپكار دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى:

«ئۇزۇن مۇددەتلىك نۇقتىئىينەزەردىن ئېلىپ ئېيتقاندا، تۈركىيە جەلپكار دۆلەتتۇر.»

 ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە دۇنيا بانكىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەر بارغانسېرى  كۈچەيمەكتە

 شىمشەك بولۇپمۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇداپىئە خىراجىتىنى ئاشۇرۇشنى پىلانلاۋاتقان بىر پەيتتە، تۈركىيەنىڭ ياۋروپانىڭ مۇداپىئە ۋە ئۇل ئەسلىھە ئېھتىياجلىرىغا قوشۇۋاتقان ئىستراتېگىيەلىك رولىنىڭ ناھايىتى زور ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇداپىئە نىشانلىرىغا يېتىشتە ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرۇشقا زور تۆھپە قوشالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كەلگۈسى تۆت يىل ئىچىدىكى مۇداپىئە خامچوتى 800 مىليارد ياۋروغا يېتىدۇ.»

مىنىستىر شىمشەك دۇنيا بانكىسى بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى دائىرىسى بارغانسېرى كېڭىيىۋاتقان ھەمكارلىقنى ماختىدى، ھەمدە ئىناۋەتلىك كىرېدىت سوممىسىنىڭ ئاخىرقى ئۈچ يىلدا 17 مىليارد دوللاردىن 35 مىليارد دوللارغا ئۆرلىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:

«دۇنيا بانكىسىنىڭ پىلانلىرى بىلەن بىزنىڭ مۇھىم نىشانلىرىمىز بىر - بىرىگە تولۇق ماس كېلىدۇ. دەرۋەقە، دۇنيا بانكىسى يېشىل ئۆزگەرتىشتىن رەقەملىك ئۇل ئەسلىھەلەرگىچە بىز بىلەن ھەمكارلاشماقتا.»

ئىزدىنىڭ
مىسىر بىلەن ئامېرىكا غەززەنىڭ قايتا قۇرۇلۇشىنى مۇزاكىرىلەشمەكتە
قاتار غەززە تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ «ئىككىنچى باسقۇچى» ئۈچۈن بېسىمىنى كۈچەيتمەكتە
خاقان فىدان ناتونىڭ بىريۇسسېلدا چاقىرىلىدىغان ھەل قىلغۇچ سۆھبەتلىرىگە قاتنىشىدۇ
ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايغا قارشى دۇنيا سودا تەشكىلاتىدا ئاچقان دېلوسىنى بىكار قىلدى
كولومبىيە كىچىك بالىلارنى سۇيىئىستېمال قىلغان يەھۇدىي تەرىقىتى ئەزالىرىنى قوغلاپ چىقاردى
ترامپ گوندۇراسنى سايلام كېچىكىشلىرى سەۋەبىدىن سايلام كومىتېتىنى ئەيىبلىدى
ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىپ بەش پەلەستىنلىكنى يارىدار قىلدى
مادۇرو ئامېرىكا بىلەن چوڭقۇرلىشىۋاتقان جىددىيچىلىكلەر ئالدىدا «مۇتلەق ساداقەت» قەسىمى قىلدى
ئىسرائىلىيە 2 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى يەنە دەپسەندە قىلدى
پەلەستىن كوماندىسىنىڭ «ئەرەب لوڭقىسى»نىڭ ئېچىلىش مۇسابىقىسىدىكى غەلىبىسى قاتارنى ھاڭ-تاڭ قالدۇردى
ئىسرائىلىيە رەفاھ تونېللىرىدا قاپسىلىپ قالغان 40 ھاماس ئەزاسىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى
تاجىكىستان ئافغانىستاندىن قىلىنغان چېگرا ھالقىغان ھۇجۇملاردا بەش كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى
كىرېمىل: پۇتىن سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا ۋەكىلى ۋىتكوف بىلەن كۆرۈشىدۇ
ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپ ھالدا رەفاھ رايونىغا ۋە غەززەگە ھۇجۇملىرىنى كۈچەيتتى
ۋەيران قىلغۇچ كەلكۈندە 330 دىن ئارتۇق كىشى قازا قىلغان سىرىلانكىغا ياردەم بېرىش دولقۇنى باشلاندى