ترامپ مادۇرو بىلەن جىددىيچىلىك كۈچىيىۋاتقان پەيتتە تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكىنى دەلىللىدى
ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ مادۇرو بىلەن جىددىيچىلىك كۈچىيىۋاتقان پەيتتە تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكىنى دەلىللىدىئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ مادۇرو بىلەن ئېلىپ بارغان تېلېفوندا سۆھبىتى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى.
ترامپ مادۇرو بىلەن جىددىيچىلىك كۈچىيىۋاتقان پەيتتە تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكىنى دەلىللىدى / REUTERS

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشكەنلىكىنى دەلىللىدى، ئەمما سۆھبەتنىڭ مەزمۇنىغا ئالاقىدار تەپسىلاتلارنى بېرىشنى رەت قىلدى.

يەكشەنبە كۈنى مىننەتدارلىق بايرىمىنى ئۆتكۈزگەن فلورىدادىكى مارالاگو داچىسىدىن ۋاشىنگتونغا قايتىش يولىدا «ھاۋا ئارمىيەسى بىرىنچى نومۇرلۇق ئايروپىلان» دا مۇخبىرلارغا سۆز قىلغان ترامپ: «بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇشنى خالىمايمەن. جاۋابىم شۇكى: مادۇرو بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتۈم» دېدى.

سۆھبەتنىڭ قانداق ئۆتكەنلىكى سورالغاندا بولسا، «بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىلمەيمەن» دەپ سۆھبەت ھەققىدە توختىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى ۋە «ياخشى ئۆتتىمۇ، يامان ئۆتتىمۇ ئېيتمايمەن» دېدى.

«نىيۇ يورك ۋاقتى گېزىتى» بۇ مەسىلىدىن خەۋىرى بار بىرنەچچە مەنبەگە ئاساسلىنىپ جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، ئىككى رەھبەرنىڭ ئالدىنقى ھەپتە تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكىنى ۋە يۈزتۇرانە كۆرۈشۈش ئېھتىماللىقىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى يازغانىدى.

ترامپ: «ۋېنېزۇئېلانى بەك دوست دۆلەت دەپ قارىمايمىز. چۈنكى ۋېنېزۇئېلا مىليونلىغان ئىنساننى دۆلىتىمىزگە ئەۋەتتى. بۇ ئىنسانلارنىڭ كۆپىنچىسى دۆلىتىمىزدە بولماسلىقى كېرەك ئىدى — بۇلارنىڭ ئارىسىدا تۈرمىلەردىن، شايكىلاردىن، زەھەرلىك چېكىملىك ساتقۇچىلاردىن كەلگەنلەرمۇ بار» دېدى.

يېقىنقى كۈنلەردە ۋېنېزۇئېلا ھاۋا تەۋەلىكىگە قارىتا چىقارغان قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇشىنىڭ يېقىندا يۈز بېرىدىغان بىر ھاۋا ھۇجۇمىدىن دېرەك بېرىدىغان ياكى بەرمەيدىغانلىقى سورالغاندا، ترامپ: «بۇنىڭدىن باشقا مەنا چىقىرىۋالماڭلار» دەپ جاۋاب بەردى.

بۇ دەلىللەش ۋاشىنگتون بىلەن كاراكاس ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيچىلىك كەسكىنلىشىپ كەتكەن بىر مەزگىلدە ئوتتۇرىغا چىقتى. ترامپ يېقىندا ۋېنېزۇئېلا ھاۋا تەۋەلىكىنىڭ «تولۇق تاقىلىدىغانلىقىنى» جاكارلىغانىدى.

نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى  باش كاتىپى ھەيسەم ئەلغەيسكە ۋە ئەزا دۆلەتلەرگە ئەۋەتىلگەن ھەمدە ۋېنېزۇئېلا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئىۋان گىل ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى تېلېگرام سەھىپىسىدە ھەمبەھرىلىگەن مەكتۇپتا، پىرېزىدېنت نىكولاس مادۇرو دۆلىتىنىڭ تەبىئىي ئېنېرگىيە بايلىقلىرىنى قوغداش مەسىلىسىدە «ئىرادىسىنىڭ قەتئىي» ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

مادۇرو بۇ مەكتۇپنى ترامپ شەنبە كۈنى ۋېنېزۇئېلا ھاۋا تەۋەلىكىنىڭ «تولۇق تاقىلىدىغانلىقىنى» ئېيتقاندىن كېيىن ئېلان قىلدى؛ كاراكاس ھۆكۈمىتى بولسا ئامېرىكادىن ۋېنېزۇئېلانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا «شەرتسىز ھۆرمەت» قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

ۋېنېزۇئېلا رەھبىرى مادۇرو ئامېرىكانىڭ دۆلىتىنىڭ نېفىت زاپىسىنى قولغا كىرگۈزۈۋېلىش ئۈچۈن «زور ھەربىي كۈچ» ئىشلىتىشكە تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى، شۇنداقلا بۇنىڭ دۆلەت زېمىنىغا، ۋېنېزۇئېلا خەلقىگە ۋە ئورگانلىرىغا قارىتىلغان بىر تەھدىت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ترامپ پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئامېرىكانىڭ «پات ئارىدا» ۋېنېزۇئېلاغا قارشى قۇرۇقلۇق ھەرىكىتى باشلايدىغانلىقىنى جاكارلىغانىدى. بۇ بايانات، سېنتەبىر ئېيىدىن بۇيان دېڭىزدا يۈز بەرگەن ۋە كەم دېگەندە 83 كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان 21 قېتىملىق ھەربىي ھۇجۇمدىن كېيىن ئېلان قىلىندى.

ئىزدىنىڭ
ھىندونېزىيە ۋە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى مۇداپىئە ۋە ئېنېرگىيە مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ئىران باش ئىشتاب باشلىقى: دۈشمەننىڭ يېڭى تەھدىتلىرىگە ۋەيران قىلغۇچ زەربە بىلەن جاۋاب قايتۇرىمىز
ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى يارىلاندۇرغان پەلەستىنلىك قانسىراپ ئۆلدى
نىگېرىيەدە كېمە ئۆرۈلۈپ كېتىش ۋەقەسىدە 52 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ياپونىيە ئويۇنخانىغا ئوت قويۇپ 5 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان جىنايەتچىنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلدى
گۇتېررېس رۇسىيەنىڭ كىيېۋ ۋە باشقا ئۇكرائىنا شەھەرلىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
رۇسىيە ئامېرىكانى تېھرانغا قارشى تۇتقان پوزىتسىيەسىدە «تاجاۋۇزچى» تەرەپ دەپ ئەيىبلىدى
پاكىستان ۋە سۈرىيە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
كۇبا ئامېرىكانى خەلقنىڭ ئاساسىي مۇلازىمەتلەردىن بەھرىمەن بولۇشىغا توسالغۇ بولۇش بىلەن ئەيىبلىدى
قىرغىزىستان خىتاينىڭ ۋىزا رەسمىيىتىنى قولايلاشتۇرۇش قارارىنى قىزغىن قارشى ئالدى
ئەرمېنىيە ئەنقەرە ۋە باكۇ بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇشنى مۇھىم ئورۇنغا قويدى
فىرانسىيەدە «ئۆلۈمگە ياردەم بېرىش» قانۇنى كۈچكە ئىگە بولدى
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىسرائىلىيەنىڭ ئەبۇ زۇھۇر ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا قىلغان ھۇجۇمىغا باھا بەر
تۈركىيەنىڭ رايونلۇق رولى ئىراق لىنىيەسىدىكى نېفىت ئېقىمىنى ئاشۇرۇش نىشانى بىلەن تېخىمۇ كۈچىيىدۇ
جەنۇبىي كورېيە: شىمالىي كورېيەنىڭ 80 دىن 120 گىچە يادرو قورالىغا ئىگە ئىكەنلىكى تەخمىن قىلىنماقتا