ئوچېرىك
4 مىنۇت ئوقۇش
شىمشەك: ئامېرىكانىڭ سۈرىيەگە قاراتقان ئېمبارگولىرىنى بىكار قىلىشى ئىنسانىيەت ئۈچۈن زور بىر ئۇتۇق
تۈركىيە خەزىنە ۋە مالىيە مىنىستىرى مەھمەت شىمشەك «‹TRT World› تېلېۋىزىيە قانىلى» غا 2025 - يىللىق قاتار سودا-ئىقتىساد مۇنبىرى يىغىنى دائىرىسىدە بەرگەن باياناتىدا، تۈركىيەنىڭ سۈرىيەنىڭ مۇقىملىق ئورنىتىش سىياسىىتىنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى
شىمشەك: ئامېرىكانىڭ سۈرىيەگە قاراتقان ئېمبارگولىرىنى بىكار قىلىشى ئىنسانىيەت ئۈچۈن زور بىر ئۇتۇق
/ TRT World
2025-يىلى5-ئاينىڭ22-كۈنى

مالىيە مىنىستىرى مەھمەت شىمشەك ئامېرىكانىڭ سۈرىيەگە قاراتقان ئېمبارگولىرىنى بىكار قىلىشىنىڭ ئىنسانىيەت ئۈچۈن زور بىر ئۇتۇق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

مەھمەت شىمشەك ئامېرىكانىڭ سۈرىيەگە قاراتقان ئېمبارگولىرىنى بىكار قىلىش قارارىنى «ئىنسانىيەت ئۈچۈن زور بىر ئۇتۇق» ۋە ئۇرۇش ۋەيران قىلغان بۇ دۆلەتتە تىنچلىق ئورنىتىلىشى ۋە پاراۋانلىقنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى يولىدىكى مۇھىم بىر قەدەم» دەپ ئىدى.

شىمشەك دوھادا ئۆتكۈزۈلگەن 2025 – يىللىق قاتار سودا-ئىقتىساد مۇنبىرى  يىغىنى جەريانىدا «‹TRT World› تېلېۋىزىيە قانىلى» غا بەرگەن باياناتىدا، مۇقىم ۋە بىرلىككە كەلگەن سۈرىيەنىڭ رايونلۇق ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك ئەھمىيىتىنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى، شۇنداقلا تۈركىيەنىڭ سۈرىيەنى قايتا قۇرۇش ۋە بۇ دۆلەتنىڭ خەلقئارا ئىقتىسادىي سىستېما بىلەن قايتىدىن بىر گەۋدىلەشتۈرۈلۈشى ئۈچۈن سۈرىيەگە ياردەم بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«سۈرىيەدە سىياسىي بىرلىك، مۇقىملىق، تىنچلىق ئورنىتىش ھەم بۇ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش رايوننىڭ مەنپەئەتىگە، تۈركىيەنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇندۇر — جۈملىدىن بۇ يەر شارى خاراكتېرلىك ئالەمشۇمۇل مەنپەئەتتۇر.

ئەنقەرە سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە سىياسىي بىرلىكىنى ئۇزۇندىن بۇيان قوللاپ كەلمەكتە.

توقۇنۇشلار ياكى قالايمىقانچىلىقلار ئوتتۇرىغا چىقسا، بۇ ھەممە ئۈچۈن، بولۇپمۇ قوشنا دۆلەتلەر ئۈچۈن ناچار ئەھۋالدۇر.

سۈرىيەدىكى گېئوسىياسىي مۇقىمسىزلىق ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان تۈركىيەگە ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە يۈك بولۇپ كەلمەكتە.

بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ۋاشىنگتوننىڭ يېقىنقى ھەرىكىتىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى توغرا بىر قارار چىقاردى، چۈنكى ھەممىمىز سۈرىيەنىڭ مۇقىملىقىنى قوللىشىمىز كېرەك. سۈرىيەنىڭ  تېررورىزمغا قارشى كۈرىشىگە ياردەم قىلىشىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سۈرىيەنىڭ سىياسىي بىرلىكى، زېمىن پۈتۈنلۈكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم قىلىشىمىز كېرەك، بۇمۇ ھەممە تەرەپنىڭ تېخىمۇ ياخشى گۈللىنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.»

شىمشەك يەنە مۇنداق دېدى:

«تۈركىيە ھەر جەھەتتىن ياردەم قىلىشقا تەييار. بىز ناھايىتى كۆپ قوللىدۇق. سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى، خۇش پېئىللىقنى، كۆپ خىللىققا ھۆرمەت قىلىشنى داۋاملىق تەشەببۇس قىلىپ كېلىۋاتىمىز —دەرۋەقە، سۈرىيەنىڭ گۈللىنىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان بىر ئېكولوگىيەلىك سىستېما يارىتىش تىرىشچانلىقلىرىنىمۇ قوللاپ كېلىۋاتىمىز.

پەقەت مۇقىم ۋە گۈللەنگەن بىر سۈرىيەلا ئىنسانىيەت ئۈچۈن زور بىر ئۇتۇق بولالايدۇ.»

 2025 – يىللىق قاتار سودا-ئىقتىساد مۇنبىرى يىغىنىغا يۇقىرى باھا

«2030-يىلىغا ئېلىپ بارىدىغان يول: يەر شارى خاراكتېرلىك ئىقتىساد سىستېمىسىنى ئىسلاھ قىلىش» تېمىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن قاتار سودا-ئىقتىساد مۇنبىرى يىغىنى ھەققىدە توختالغان شىمشەك، بۇ يىغىننىڭ داۋالغۇشلۇق مەزگىللەردە دىيالوگ ئۈچۈن زېمىن ھازىرلاپ بەرگەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

 «دۇنيا ئىقتىسادى سودىنىڭ ۋەيران بولۇشىدىن تارتىپ زور ئېنىقسىزلىقلارغا قەدەر نۇرغۇن خىرىسلارغا دۇچ كەلمەكتە، ئەمما يەر شارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي سىياسىتىدىكى ئېنىقسىزلىقمۇ مۇھىم بىر مەسىلە سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقماقتا. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ يىغىننى <ھەم قىسقا مۇددەتلىك ھەم ئۇزۇن مۇددەتلىك قۇرۇلمىلىق قىيىنچىلىقلار ۋە پۇرسەتلەرنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن ئەڭ ياخشى مۇھىتلارنىڭ بىرى> دېيىشكە بولىدۇ.»

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - From jets to geopolitics: Qatar eyes strategic edge at economic forum

مالىيە مىنىستىرى شىمشەك يىغىننىڭ ھازىرقى قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشتا ناھايىتى مۇھىملىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، ھەمكارلىق ئاساسىدىكى چارە – تەدبىرلەرنى تېپىشتىمۇ مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«پۇرسەتلەر ۋە بۇ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش ئۈچۈن ھەمكارلىق ئورنىتىش توغرىسىدا ناھايىتى كۆپ مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلدى.»

شىمشەك يەنە قاتارنىڭ «ناھايىتى كۈچلۈك يۇمشاق كۈچ ئاساسىغا» ۋە رايونلۇق توقۇنۇشلارنى ھەل قىلىشتا ئويناۋاتقان «ئىجابىي رولىغا» يۇقىرى باھا بېرىپ مۇنداق دېدى:

 «بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ قېتىمقى يىغىن ناھايىتى ئۈنۈملۈك بولدى.»

ئۇ، سىياسىي رەھبەرلەر ۋە سودا ساھەسىدىكى باشقۇرغۇچىلار بىلەن كەڭ دائىرىلىك ئىككى تەرەپلىك سۆھبەتلەرنى ئۆتكۈزۈش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىدىن ئىنتايىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«ئادەتتە بۇنچە كۆپ شەخسلەر بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ سەپەرلەرنى قىلىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ. ئەمما ئىككى ياكى ئۈچ كۈن ئىچىدە شۇنچە كۆپ سەپەر قىلىپ، نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنەلەيسىز.»

 تۈركىيە-قاتار مۇناسىۋەتلىرى: پايدىلىنىلمىغان زور يوشۇرۇن كۈچ

 ئەنقەرە رايوندىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىشكە تىرىشىۋاتقان بىر پەيتتە، شىمشەك تۈركىيە بىلەن قاتار ئوتتۇرىسىدا تېخى پايدىلىنىلمىغان مۇھىم يوشۇرۇن كۈچ بارلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى:

«سىياسىي مۇناسىۋەتلەر مۇكەممەل، ئەمما ئىقتىسادىي ۋە سودا مۇناسىۋەتلەرنى ھەقىقىي رەۋىشتە ئەكس ئەتتۈرىدىغان دەرىجىدە تەرەققىي قىلدۇرالمىدۇق ۋە چوڭقۇرلاشتۇرمىدۇق. شۇڭا بۇ يەردە تېخى پايدىلىنىلمىغان  زور بىر پۇرسەت بار دەپ ئويلايمەن.»

 شىمشەك يەنە ئۈچىنچى دۆلەتلەردە يولغا قويۇلىدىغان تەرەققىيات تۈرلىرىدە ھەمكارلىشىش توغرىسىدىكى ئورتاق نىيەتنىڭمۇ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«ھەم قاتاردا ھەم تۈركىيەدە ھەمدە ئۈچىنچى دۆلەتلەردە كۈچلىرىمىزنى بىرلەشتۈرەلىسەك ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز.»

ئۇ، بۇ كۆز قاراشنىڭ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تېخىمۇ كەڭ ئالاقىلەرنى ئورنىتىش كۈنتەرتىپىگىمۇ ماس كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:

«جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ رەھبەرلىكىدە پارىس قولتۇقىنى تۈركىيەگە ۋە بۇ يول ئارقىلىق ئوتتۇرا كارىدورنى خىتاي ۋە ئەنگىلىيەگە تۇتاشتۇرىدىغان بۇ يېڭى تەرەققىيات تۈرى ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. شۇڭا ئالاقە ئورنىتىش ئىنتايىن مۇھىم.»

 تۈركىيەنىڭ سېلىنما مۇھىتى

 يەر شارى خاراكتېرلىك بوران-چاپقۇنلارغا قارىماي، تۈركىيە بىۋاسىتە چەت ئەل سېلىنمىلىرىنى جەلپ قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

مىنىستىر شىمشەك تۈركىيەنىڭ كېلەچىكىنىڭ ناھايىتى پارلاق ئىكەنلىكىگە زور ئۈمىد بىلەن قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

 «يېقىنقى 20 يىل ئىچىدە ماكرو ئىقتىسادىي مۇقىملىق ۋە كۈچلۈك ئىقتىسادىي قۇرۇلما سايىسىدا تۈركىيە تەخمىنەن 280 مىليارد دوللارلىق بىۋاسىتە چەت ئەل سېلىنمىسى جەلپ قىلدى. بۇ، 1980- ۋە 1990-يىللاردا پەقەت 15 مىليارد دوللار ئىدى.»

شىمشەك تۈركىيەنىڭ مەبلەغ سالغۇچىلار ئۈچۈن باشتىن - ئاخىر جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شۇنداق بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«تەخمىنەن 90 مىليونلۇق بىر ئىچكى بازار، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان 15 مىڭ دوللاردىن ئاشىدىغان ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى، مۇكەممەل ئۇل ئەسلىھە ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك ئىنسان كۈچى بايلىقى — بۇلارنىڭ ھەممىسى تۈركىيەنى جەلپ قىلارلىق بىر سېلىنما مەنزىلىگە ئايلاندۇرماقتا.»

ئۇ، پۇل پاخاللىقىنىڭ يېقىنقى يىللاردا بىۋاسىتە چەت ئەل سېلىنمىلىرىنىڭ تۈركىيەگە كىرىشىگە توسالغۇ بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى، ئەمما ھازىرقى ئىقتىسادىي ئىسلاھات پىروگراممىسىغا بولغان ئىشەنچىسىنىڭمۇ كامىل ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى:

«ھازىر بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىۋاتىمىز. ماكرو ئىقتىسادىي مۇقىملىق ۋە ئىسلاھاتلار سايىسىدا بىۋاسىتە چەت ئەل سېلىنمىلىرىنىڭ تۈركىيەگە كىرىشىنىڭ ئېشىشى ئۈچۈن كېرەكلىك مۇھىت شەكىللىنىدۇ. ئەمما ئەلۋەتتە تەرەققىي قىلىشنى ۋە ئۆز ئەھۋالىمىزنى ياخشىلاشنىمۇ ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەك.»

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە 2026-يىلى پاكىستاندىكى بەش نېفىتلىكتە چارلاش خىزمەتلىرىنى باشلايدۇ
ياۋروپا ئىتتىپاقى 2027-يىلىغىچە رۇسىيە گازىنى ئىمپورت قىلىشنى توختىتىشنى قارار قىلدى
ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغال قىلغان گولان تۆپىلىكلىرىدىن چېكىنىشىنى تەلەپ قىلدى
ماتتارېللا: «ياۋروپا ئورتاق مۇداپىئەسىنى قۇرۇپ چىقالمىسا پاجىئەلىك ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ»
ترامپنىڭ ئېغىر-بېسىقلىق چاقىرىقىغا قارىماي، ئىسرائىلىيە سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدا يېڭى ھۇجۇم ئېلىپ باردى
مىسىر بىلەن ئامېرىكا غەززەنىڭ قايتا قۇرۇلۇشىنى مۇزاكىرىلەشمەكتە
قاتار غەززە تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ «ئىككىنچى باسقۇچى» ئۈچۈن بېسىمىنى كۈچەيتمەكتە
خاقان فىدان ناتونىڭ بىريۇسسېلدا چاقىرىلىدىغان ھەل قىلغۇچ سۆھبەتلىرىگە قاتنىشىدۇ
ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايغا قارشى دۇنيا سودا تەشكىلاتىدا ئاچقان دېلوسىنى بىكار قىلدى
كولومبىيە كىچىك بالىلارنى سۇيىئىستېمال قىلغان يەھۇدىي تەرىقىتى ئەزالىرىنى قوغلاپ چىقاردى
ترامپ گوندۇراسنى سايلام كېچىكىشلىرى سەۋەبىدىن سايلام كومىتېتىنى ئەيىبلىدى
ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىپ بەش پەلەستىنلىكنى يارىدار قىلدى
مادۇرو ئامېرىكا بىلەن چوڭقۇرلىشىۋاتقان جىددىيچىلىكلەر ئالدىدا «مۇتلەق ساداقەت» قەسىمى قىلدى
ئىسرائىلىيە 2 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى يەنە دەپسەندە قىلدى
پەلەستىن كوماندىسىنىڭ «ئەرەب لوڭقىسى»نىڭ ئېچىلىش مۇسابىقىسىدىكى غەلىبىسى قاتارنى ھاڭ-تاڭ قالدۇردى