خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
ۋاشىنگتوندا قەغەز زاۋۇتىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا 11 ئادەم ئۆلدى
ۋاشىنگتوندا قەغەز زاۋۇتىدىكى خىمىيەلىك باكنىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە ئۆلگەنلەر سانى 11 گە يەتتى.
ۋاشىنگتوندا قەغەز زاۋۇتىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا 11 ئادەم ئۆلدى
ۋاشىنگتوندا قەغەز زاۋۇتىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا 11 ئادەم ئۆلدى / Reuters

دائىرىلەر ۋاشىنگتون ئىشتاتىدىكى لوڭۋىيۇ سانائەت زاۋۇتىدىكى بىر «ئاق لىكۆرى» (white liquor) باكىنىڭ ئىچىدىن پارتلىشىدىن كېيىن يوقاپ كەتكەن بارلىق ئىشچىلارنىڭ جەسەتلىرىنىڭ تېپىلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى.

دائىرىلەر شەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئامېرىكانىڭ ۋاشىنگتون ئىشتاتىدا يۈز بەرگەن خىمىيەلىك باك پارتلاش ۋەقەسى نەتىجىسىدە يوقاپ كەتكەن توققۇز كىشىنىڭ جەسەتلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ تېپىلىشى بىلەن ئۆلگەنلەر سانىنىڭ 11 گە يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

قەغەز بوتقىسى ئىشلەپچىقىرىشتا ئىشلىتىلىدىغان ناترىي ھىدروكسىد ۋە ناترىي سۇلفىدتىن تەشكىل تاپقان، خىمىيەلىك بىر ئېرىتمە بولغان «ئاق لىكۆرى» قاچىلانغان باكنىڭ سەيشەنبە كۈنى «Nippon Dynawave Packaging» زاۋۇتىدا پارتلىشىدىن كېيىن، ئىككى كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى جەزملەشتۈرۈلگەن ئىدى.

كائۇلىتس 2 ئوت ئۆچۈرۈش ۋە قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ ياردەمچىسى كۇرت ستىچ، قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىنىڭ ھەپتە بويى يېپىق بوشلۇقلاردىكى خارابىلىكلەرنى تەكشۈرگەنلىكىنى ۋە زاۋۇت ئەتراپىدا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئۇچۇرغانلىقىنى ئېيتتى.

دائىرىلەر، پارتلىغان باكتىكى تەخمىنەن 3 مىليون 400 مىڭ لىتىر (900 مىڭ گاللون) ئاق لىكۆرىنىڭ بارلىقىنى ۋە قىلىنغان سىناقلاردا بۇ بۇلغىنىشنىڭ ئەتراپتىكى كولۇمبىيە دەرياسىغا يېتىپ بارغانلىقىنى جەزملەشتۈردى، لېكىن ھاۋا سۈپىتىدە ياكى لوڭۋىيۇ شەھىرىنىڭ ئىچىملىك سۈيىدە «سەلبىي ساغلاملىق تەسىرى» بايقالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سېتىش مىقدارى جەھەتتىن ياپونىيەنىڭ ئىككىنچى چوڭ قەغەز ئىشلەپچىقارغۇچىسى بولغان «Nippon Paper Industries»، لوڭۋىيۇ زاۋۇتىنى سېئاتىلغا جايلاشقان ياغاچ ماتېرىياللىرى شىركىتى «Weyerhaeuser» دىن 225 مىليون دوللارغا سېتىۋالغان ۋە 2016-يىلى يۈزدە يۈز پاي چەكلىك تارماق شىركىتى بولغان «Nippon Dynawave Packaging» نى قۇرغان ئىدى.

ئىزدىنىڭ
غەربىي قىرغاقتا ئاشقۇن ئىسرائىلىيەلىكلەر TRT نىڭ نەق مەيدان پىروگراممىسىغا توسالغۇ بولدى
تەيۋەن: خىتايدىكى ئۆپكە ۋاباسى كېسەللىكىگە مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرنى كۆزىتىمىز
زېلېنسكىي: پۇتىن ترامپقا «ھۆرمەتسىزلىك» قىلدى
ئۆمەربولات: تۈركىيە - ياۋروپا ئتتىپاقى سودىسى 30 يىلدا 11 ھەسسە ئاشتى
ناتو باش كاتىپى: ناتو زۆرۈر تېپىلغاندا رۇسىيەنىڭ ئارىلاشما ھۇجۇملىرىغا جاۋاب قايتۇرىدۇ
ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمى: ئامېرىكانىڭ ھۇجۇم باشلاش ئېھتىماللىقى بار
خاقان فىدان ئاسىيادا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ
غەززەدە ئۇرۇش توختىتىلغاندىن بۇيان ئۆلگەن پەلەستىنلىكلەر 1500 دىن ئاشتى
ئىسپانىيەنىڭ مىللىي رېئاكتىپ Hürjet ئايروپىلانىمىزغا بولغان قىزىقىشى زور
كەركۈكتە يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىدا 2 ئىراق ئەسكىرى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇكرائىناغا 2 مىليارد 860 مىليون ياۋرو مۇداپىئە ياردىمى بەردى
پاكىستان ئامېرىكا بىلەن ئىراننى «ئىسلامئاباد كېلىشىمى» دىكى ۋەدىلىرىگە ئەمەل قىلىشقا چاقىردى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: سۇداندىكى بالىلار يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە قارشى مۇداپىئەسىز ھالەتتە تۇرماقتا
مېكسىكادا بوران-چاپقۇن ۋە قارا يامغۇر سەۋەبىدىن 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يېنىدا» دېدى