ئامېرىكا 23 يىل ئىلگىرى ئىشغال قىلغان ئىراقتىن چېكىنىشنى تاماملىدى
ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكا 23 يىل ئىلگىرى ئىشغال قىلغان ئىراقتىن چېكىنىشنى تاماملىدىئامېرىكا ئارمىيەسى 2003-يىلى ئىشغال قىلغان ئىراقتىن چېكىنىش مۇساپىسىنى تاماملىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئىراق باش مىنىستىرى ئەلى ئەززەيدى بۇ كۈننى «تارىخىي كۈن» دەپ ئاتىدى.
ئامېرىكا 23 يىل ئىلگىرى ئىشغال قىلغان ئىراقتىن چېكىنىشنى تاماملىدى

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى (پېنتاگون) باياناتچىسى شان پارنېل چېكىنىش مۇساپىسىگە مۇناسىۋەتلىك يازما بايانات ئېلان قىلدى.

پارنېل ئامېرىكا بىلەن ئىراق ئوتتۇرىسىدا 2024-يىلى سېنتەبىردە ھاسىل قىلىنغان قوشما بايانات ۋە «ئامېرىكانىڭ مىللىي مەنپەئەتى» دائىرىسىدە، ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ ئىراقتىن چېكىنىش مۇساپىسىنى تاماملىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئامېرىكانىڭ ئىراقتىكى ئىشغالىيەت مۇساپىسىدە رايوندىكى تېررورلۇق تەھدىتىنىڭ يېڭىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن پارنېل: «پەشمەرگە ۋە ئىراقنىڭ شىمالىدىكى باشقا خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىراق دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ، ئىراقنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ۋە دائېش قالدۇقلىرىنى تازىلاشقا قارىتىلغان داۋاملىشىۋاتقان تىرىشچانلىقلارغا باشلامچىلىق قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.

پارنېل پېنتاگوننىڭ ئىراققا تەربىيەلەش ۋە ئىستىخبارات جەھەتتىن ياردەم بېرىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ: «ئامېرىكا ئۆز چېگرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان، خەلقىنى قوغدايدىغان ھەمدە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تېخىمۇ چوڭقۇر سودا، دىپلوماتىك ۋە خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقىنىڭ ئاساسىنى يارىتىدىغان كۈچلۈك ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە ئىراقنى قوللايدۇ» دېدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئىراق باش مىنىستىرى ئەلى ئەززەيدى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى خەلقئارا ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ مەزكۇر دۆلەتتە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى تۇرۇش ۋەزىپىسىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى بىلدۈردى.

زەيدى پايتەخت باغداتتا ئۆتكۈزۈلگەن «ئىگىلىك ھوقۇق كۈنى» ۋە خەلقئارا ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنىڭ تاماملانغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن رەسمىي مۇراسىمدا سۆز قىلدى.

ئىراق دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ ئۇزۇن يىللىق «پىداكارلىقى ۋە قەھرىمانلارچە» تىرىشچانلىقلىرى سايىسىدا، دۆلەتنىڭ پۈتۈن زېمىنىدا خەۋپسىزلىكنىڭ ۋە مەيدان كونتروللۇقىنىڭ تەمىنلەنگەنلىكىنى تىلغا ئالغان زەيدى، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى خەلقئارا ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ دۆلەتتىكى دائېشقا قارشى تۇرۇش ۋەزىپىسىنىڭ رەسمىي ئاخىرلاشقانلىقىنى ۋە 2026-يىلى 30-سېنتەبىرنىڭ «خاتىرىلەردە قالىدىغان بىر كۈن» بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ، ئىراق خەلقىنىڭ قوراللىق كۈچلەر بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ بارغان كۈرىشىنىڭ ئارمىيەنىڭ قايتىدىن تەشكىللىنىشىگە يول ئاچقانلىقىنى ئەسكەرتتى. زەيدى يەنە خەلقئارا ئىتتىپاقداش كۈچلىرىگە قاتناشقان دۆلەتلەرگە ۋە ئىراق دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىلەن بىرلىكتە خىزمەت قىلغان قوماندان، ئوفىتسېر، يېتەكچى ۋە مەسلىھەتچىلەرگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى.

باش مىنىستىر زەيدى: «قانۇننىڭ سىرتىدا قورال، دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ سىرتىدا كۈچ بولمايدۇ» دېدى.

ساددام ھۈسەيىن ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇش ئۈچۈن 2003-يىلى مارتتا ئىراقنى ئىشغال قىلغان ئامېرىكانىڭ بۇ دۆلەتتە مەلۇم بولغان 9 ھەربىي بازىسى بار ئىدى. ئامېرىكا 2011-يىلىمۇ ئىراقتىن چېكىنگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ يەردىكى مەۋجۇتلۇقىنى مەزكۇر ھەربىي بازىلار ئارقىلىق كۈچەيتكەن ئىدى.

ئامېرىكانىڭ 2003-يىلى ئىراقنى ئىشغال قىلىشى بىلەن باشلانغان ھەربىي مەۋجۇتلۇقى ئۇزۇن يىللىق ۋەيرانچىلىق ۋە ئېغىر تالاپەتلەردىن كېيىن ئاخىرلاشتى، ئارقىدا بولسا چوڭ بىر ئىنسانىي تىراگېدىيە قالدى.

ئىزدىنىڭ
فىرانسىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشى دۆلەتنى قالايمىقانچىلىق گىردابىغا ئىتتىردى
مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى ئاگاھلاندۇردى: ئەل نىنو تېمپېراتۇرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ
گۇتېررېس پاكىستان رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى: ئۇچرىشىشتا كەشمىر ۋە رايون تىنچلىقى مۇزاكىرە قىلىندى
ھاماس ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى دوختۇرخانىغا ئائىت دەۋالىرىنى رەت قىلدى
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: ترامپ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىن بۇرۇن ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىماقتا
ئىران: ئامېرىكانىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەكلىپلىرىگە جاۋاب مۇرەسسەچىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ
پاكىستان ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى
ئەردوغان بىلەن پۇتىن قارا دېڭىز بىخەتەرلىكى ۋە رۇسىيە—ئۇكرائىنا مۇناسىۋىتىنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇبىيو: ئىران ھورمۇز بوغۇزىدىكى كونتروللۇقىنى «پۈتۈنلەي يوقاتتى»
پاكىستان  مۇساپىسى ئۇزارتىلغان فاتىھ -4   باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يىللاردىن بۇيان غەززەنىڭ ئەڭ ياڭراق ئاۋازى بولۇپ كەلدى
پۈتكۈل دۇنيا ئۈچ يىلدىن بۇيان تارىختىكى ئەڭ چوڭ قىرغىنچىلىققا شاھىت بولماقتا
زېلېنسكىي: «موسكۋا ئۇكرائىناغا قارىتىلغان "چوڭ كۆلەملىك بىر ھۇجۇم" تەييارلىقىدا» دېدى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: «روسىيەگە  ۋاباغا سەۋەب بولغان ئۆلۈم ۋەقەسى توغرىسىدا ئوچۇق يورۇق بولسۇن»
فىرانسىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى رىما ھەسەن ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئىسرائىلىيە بايرىقىنى چۈشۈرىۋەتتى