ترامپ: ھىندىستان رۇسىيە نېفىتىنى سېتىۋېلىشنى توختاتمىسا، ئېغىر باجغا دۇچار بولىدۇ
ترامپ ھىندىستانغا رۇسىيەدىن نېفىت ئېلىشنى توختاتمىسا، «زور» تاموژنا بېجىغا ئۇچرايدىغانلىقىنى ئېيتىپ ھىندىستاننى سالدى.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ھىندىستاننىڭ رۇسىيە نېفىتى سېتىۋېلىشنى ئازايتمىغان تەقدىردە، يۇقىرى باجلارنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقى، ھەتتا ئاشۇرۇلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ھىندىستاننىڭ رۇسىيە نېفىتىنى سېتىۋېلىشنى توختاتمىغان تەقدىردە ھىندىستان ماللىرىغا «زور باج» يۈرگۈزۈدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەھدىت سالدى. بۇ ئەھۋال ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيچىلىكنى تېخىمۇ كۈچەيتتى.
ترامپ ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودىنىڭ ئۆزىگە ھىندىستاننىڭ رۇسىيە نېفىتى ئىمپورتىنى توختىتىدىغانلىقى توغرىسىدا شەخسىي كاپالەت بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. مودىنىڭ ئۆزىگە «مەن رۇسىيە نېفىتى ئىشىنى قىلمايمەن» دېگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ترامپ: «ئەمما ئەگەر ئۇلار بۇنى داۋاملاشتۇرسا، زور باجلارنى تۆلەيدۇ» دېدى.
بۇ باياناتلار، ئامېرىكانىڭ بولۇپمۇ ئېنېرگىيە ساھەسىدە رۇسىيە بىلەن سودا ئالاقىلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان دۆلەتلەرگە قاراتقان بېسىمىنىڭ كۈچىيىشى دائىرىسىدە ئوتتۇرىغا چىقتى. ۋاشىنگتون، بۇ خىلدىكى سودىنىڭ بىۋاسىتە بولمىغان ھالدا موسكۋانىڭ ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
ھىندىستان ھازىرمۇ ئامېرىكانىڭ يۇقىرى باجلىرىغا دۇچ كەلمەكتە. ترامپ، بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا توقۇمىچىلىقتىن دورىگەرلىككىچە بولغان كەڭ دائىرىدىكى ھىندىستان ماللىرىغا قويۇلۇۋاتقان تاموژنا بېجىنى %50 كە چىقارغان ئىدى. ترامپ، ھىندىستاننىڭ رۇسىيە نېفىتى ئىمپورتىنى توختاتمىغان تەقدىردە بۇ باجلارنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقى ياكى تېخىمۇ ئاشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
دونالد ترامپ، بۇ ئاينىڭ باشلىرىدا، مودىنىڭ ئۆزىگە ھىندىستاننىڭ رۇسىيەدىن نېفىت ئېلىشنى توختىتىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى ئىپادىلىدى. ئەمما ھىندىستان، ترامپنىڭ بۇ سۆزلىرىگە ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىدى. ھىندىستان، ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىن كېيىن يولغا قويۇلغان ئىقتىسادىي چەكلەشلەردىن بۇيان رۇسىيە خام نېفىتىنىڭ ئەڭ چوڭ سېتىۋالغۇچىلىرىدىن بىرى بولۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا.