تۈرك دۇنياسى
1 مىنۇت ئوقۇش
ئەزەربەيجان بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا 33 مىليارد كۇبمېتىر تەبىئىي گاز تەمىنلەش كېلىشىمى ئىمزالاندى
بۇ كېلىشىم تۇرۇبا لىنىيەلىرى بىلەن نېفىت توشۇش پاي ھەسسىدارلىق شىركىتى (BOTAŞ) بىلەن ئەزەربەيجان دۆلەت نېفىت شىركىتى (SOCAR)، توتال ئېنېرگىيە (TotalEnergies) ۋە ئەبۇ زەبى دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى (ADNOC) ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلدى.
ئەزەربەيجان بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا 33 مىليارد كۇبمېتىر تەبىئىي گاز تەمىنلەش كېلىشىمى ئىمزالاندى
ئەزەربەيجان بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا 33 مىليارد كۇبمېتىر تەبىئىي گاز تەمىنلەش كېلىشىمى ئىمزالاندى

تۇرۇبا لىنىيەلىرى بىلەن نېفىت توشۇش پاي ھەسسىدارلىق شىركىتى (BOTAŞ) بىلەن ئەزەربەيجان دۆلەت نېفىت شىركىتى (SOCAR)، توتال ئېنېرگىيە (TotalEnergies) ۋە ئەبۇ زەبى دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى (ADNOC)، ئەزەربەيجاندىن تۈركىيەگە 2029-يىلىدىن تارتىپ 15 يىل بويىچە جەمئىي 33 مىليارد كۇبمېتىر تەبىئىي گاز يەتكۈزىدىغان كېلىشىمگە ئىمزا قويدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرلىقىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتقا قارىغاندا، تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجان ئوتتۇرىسىدىكى كۈچلۈك ئېنېرگىيە مۇناسىۋەتلىرى باكۇ ئېنېرگىيە ھەپتىلىكىدە يېڭى بىر باسقۇچقا قەدەم قويغان.

باكۇ ئېنېرگىيە مۇنبىرى رامكىسىدا ئىمزالانغان تەبىئىي گاز تەمىنات كېلىشىمى ئارقىلىق، ئابشېرون (Absheron) ساھەسىدىكى يېڭى ئىشلەپچىقىرىش مەبلەغلىرى دائىرىسىدە 2029-يىلىدىن باشلاپ تۈركىيەگە جەمئىي 33 مىليارد كۇبمېتىر تەبىئىي گاز يەتكۈزۈلىدۇ.

تۈركىيەنىڭ ئېنېرگىيەدە مەركىزىي دۆلەت بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى قوللايدىغان بۇ قەدەمنىڭ، دۆلەتنىڭ، رايوننىڭ ۋە ياۋروپانىڭ ئېنېرگىيە تەمىنات بىخەتەرلىكىگە تۆھپە قوشۇشى نىشانلانماقتا.

ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى ئالپارسلان بايراقتار، يانۋار ئېيىنىڭ بېشىدا ئەزەربەيجان بىلەن جەمئىي 33 مىليارد كۇبمېتىرلىق يېڭى بىر تەبىئىي گاز تەمىنات كېلىشىمى تۈزۈلگەنلىكىنى جاكارلاپ: «ئەزەربەيجاندىكى ئابشېرون ساھەسىدىن ھەر يىلى 2.25 مىليارد كۇبمېتىردىن 15 يىل بويىچە جەمئىي 33 مىليارد كۇبمېتىرلىق تەبىئىي گاز يەتكۈزۈش كېلىشىمى تۈزۈلدى»، دېدى.

ئىزدىنىڭ
ھىندىستاندا قارا يامغۇر سەۋەبىدىن 16 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قاراتقان ھۇجۇملىرى توققۇزىنچى كېچىسىمۇ داۋاملاشتى
دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى ئىسپانىيە بولدى
رۇسىيە كېچە بويىچە كىيېۋنى بومباردىمان قىلدى
ئامېرىكا ئىراننىڭ قەشم ئارىلىنى بومباردىمان قىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئىراننىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلدى
ئەنگلىيە كوماندىسى ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى
ئىران ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-ئامېرىكا F-35 سۆھبىتى «ئۈنۈملۈك» بولغان
ھورمۇز بوغۇزىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان خام نېفىت تۇرۇبا يولى كېلىشىمى ئىمزالاندى
ئامېرىكا گىرېتسىيەگە ھەربىي جابدۇقلارنى سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
ئىران ئارمىيەسى: ئامېرىكانىڭ بەھرەيندىكى بازىسىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدۇق
ئامېرىكا تۈنۈگۈن كەچتە ئىرانغا باشلىغان ھۇجۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى
ترامپ نېتانياھۇنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى تەنقىدلىرىگە غەزەپلەندى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ چابەھەر شەھىرىدىكى پورتىغا قىلغان ھۇجۇمىدا دېڭىز كۆزىتىش مۇنارى ۋەيران قىلىندى