تۈركىيە 1992-يىلى قاراباغ رايونىدىكى خوجالى يېزىسىدا ئەزەربەيجانلىق پۇقرالار ئەرمېنىيە كۈچلىرى تەرىپىدىن تۈركۈملەپ قىرغىن قىلىنغان «خوجالى قىرغىنچىلىقى» نىڭ قۇربانلىرىنى خاتىرىلىدى.
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى:
«ئەزەربەيجاننىڭ قاراباغ رايونىغا جايلاشقان خوجالى شەھىرىدە گۇناھسىز پۇقرالارغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان قىرغىنچىلىقنى لەنەتلەيمىز.
خوجالىدا يۈز بەرگەن ۋەھشىيلىك ۋىجدانلاردىكى نومۇس قىلارلىق قارا داغ بولۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا. قەتل قىلىنغان 613 قېرىندىشىمىزنىڭ، يارىلانغانلارنىڭ، ئەسىرگە ئېلىنغان ۋە ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن بارلىق ئەزەربەيجانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئېچىنىشلىق ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى چىن دىلىمىزدىن ھېس قىلىمىز. خوجالى قىرغىنچىلىقىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان قېرىنداشلىرىمىزغا ئاللاھتىن رەھمەت تىلەيمىز، ئەزەربەيجان خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز.»
خوجالىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر
ئەرمېنىيە كۈچلىرى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلىنىپ كېتىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، 1992-يىلى 26-فېۋرال كۈنى ئېغىر تىپتىكى زەمبىرەك ۋە تانكىلار بىلەن بومباردىمان قىلغان قاراباغنىڭ خوجالى يېزىسىنى ئىشغال قىلدى.
ئەزەربەيجاننىڭ ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، مەزكۇر يېزا ئەرمېنىيە كۈچلىرىنىڭ ئۇدا ئىككى سائەت داۋاملاشقان ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان بولۇپ، بۇ ھۇجۇمدا 106 ئايال، 63 بالا ۋە 70 ياشانغانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەزەربەيجانلىق 613 پۇقرا ئۆلتۈرۈلگەن، 487 كىشى ئېغىر يارالانغان.
ئەرمېنىيەلىكلەر قىرغىنچىلىقى جەريانىدا ئەسىرگە ئالغان 1275 ئەزەربەيجانلىقتىن تەخمىنەن 150 ى ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن بولۇپ، ھازىرغىچە تېپىلمىغان، سەككىز ئائىلە بولسا پۈتۈنلەي يوقىتىۋېتىلگەن.
1990-يىللارنىڭ باشلىرىدىكى بىرىنچى قاراباغ ئۇرۇشىدىن بۇيان، قاراباغ رايونى تۈركۈملەپ قىرغىن قىلىش ۋەقەلىرىگە شاھىت بولدى ۋە نۇرغۇن ئاممىۋى قەبرىستانلىقلارغا ساھىبخانلىق قىلدى. بۇ ئۇرۇش جەريانىدا ئەرمېنىيە ئارمىيەسى خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن ئەزەربەيجاننىڭ بىر قىسمى دەپ ئېتىراپ قىلىنغان قاراباغنى ۋە خوجالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتە قوشنا رايوننى بېسىۋالغان ئىدى.
ئەزەربەيجان 2020-يىلى كۈزدە، 44 كۈنلۈك توقۇنۇشتىن كېيىن، قاراباغدىكى نۇرغۇن شەھەر، يېزا ۋە ئولتۇراق رايونلىرىنى تەخمىنەن 30 يىللىق ئەرمېنىيە ئىشغالىيىتىدىن ئازاد قىلدى.
ئەزەربەيجان 2023-يىلى سېنتەبىردە «تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ھەرىكىتى» دىن كېيىن، رايوندىكى بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ تەسلىم بولۇشى بىلەن قاراباغدا تولۇق ئىگىلىك ھوقۇقىنى تىكلىدى.
تۈركىيە خوجالى ۋەھشىيلىكىنى قىرغىنچىلىق دەپ ئېتىراپ قىلغان تۇنجى دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ يەردىكى قۇربانلار ئۈچۈن ئادالەت چاقىرىقىدا بولۇپ كەلمەكتە.



















