غەززە تىنچلىق كومىتېتى ۋە ئۇنىڭ پەلەستىننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ئەھمىيىتى

ترامپ باشلامچىلىق قىلغان تىنچلىق كومىتېتى ئەسلىدە غەززەنى قايتا قۇرۇش ئۈچۈن پىلانلانغان ئىدى، ئەمما ئۇنىڭ رولى بۇنىڭ بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدىغاندەك قىلىدۇ.

By
ترامپنىڭ كۈيئوغلى جارېد كۇشنېر «يېڭى غەززە» فىلىمىنىڭ سۈرەتلىرىنى كۆرسەتمەكتە. / AP

 

ئەھمەد ناجار

(يازغۇچى ۋە ئوبزورچى)

بۈگۈنكى كۈندە ئۇرۇش مۇئەييەن بىر خىل ئۇسلۇبتا بايان قىلىنماقتا، تىنچلىق بولسا بىر تېخنىكىلىق قىيىنچىلىق سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى يىغىنىدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن «تىنچلىق كومىتېتى» مۇ بۇ خىل قاراشنىڭ ئەڭ يېڭى مىسالىدۇر.

بۇ پەلەستىنلىكلەر ئۈچۈن يېڭىلىق ئەمەس. سىرتتىن لايىھەلەنگەن «ھەل قىلىش چارىلىرى» تارىخىي جەھەتتىن مەڭگۈلۈك ئىشغالىيەت، پارچىلانغان ئىگىلىك ھوقۇق ۋە باشقۇرۇلىدىغان ئادالەتسىزلىك بىلەن نەتىجىلىنىپ كەلدى.

ترامپ باشلامچىلىق قىلغان تىنچلىق كومىتېتى ئەسلىدە غەززەنى قايتا قۇرۇش ئۈچۈن پىلانلانغان ئىدى، ئەمما ئۇنىڭ رولى بۇنىڭ بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدىغاندەك قىلىدۇ. كومىتېتقا ئەزا بولۇش ئۈچۈن 1 مىليارد دوللارلىق مەبلەغ مۆلچەرلەنگەن بولۇپ، تۈركىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 35 دۆلەت قاتنىشىش قارارىنى چىقاردى.

غەززەنى ۋەيران قىلغان نېتانياھۇ ھۆكۈمىتىمۇ «تىنچلىق» كومىتېتىدىن ئورۇن ئالماقتا. بۇ، جاۋابكارلىققا تارتىش بولمىغان ئەھۋالدا مۇقىملىق ئىزدەشنىڭ يەنە بىر مىسالىمۇ؟

ئوسلو كېلىشىمىدىن بۇيانقى تىنچلىق تەشەببۇسلىرى ئىشغالىيەت، ئىگىلىك ھوقۇق ۋە مۇساپىرلار ھوقۇقىغا ئوخشىغان تۈپ مەسىلىلەرنى كېچىكتۈرۈپ، خەۋپسىزلىك ۋە ئىقتىسادنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويدى. بۇنىڭ نەتىجىسى ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيىتىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىگەن تەڭپۇڭسىزلىق بولدى.

تىنچلىق كومىتېتىنىڭ مەغلۇبىيىتىلا ئەمەس، بەلكى توقۇنۇشقا قايتىدىن تەبىر بېرىشىمۇ بۇ مەسىلىدىكى بىر خەتەر ھېسابلىنىدۇ. ئىگىلىك ھوقۇق بولمىغان قايتا قۇرۇش، ئادالەت بولمىغان مۇقىملىق ئۆتمۈشتە ھېچنېمىگە ئەسقاتمىغان ئىدى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تىنچلىق كومىتېتىغا ئەھمىيەتسىز دەپ قاراپ پىسەنت قىلماسلىق خاتادۇر، ئىستراتېگىيەلىك جەھەتتىنمۇ ئاقىلانىلىك ئەمەستۇر.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان تىنچلىق كومىتېتىنى پەلەستىنلىكلەر ئۇزۇن مۇددەت تارتىپ كەلگەن ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن «تارىخىي پۇرسەت» دەپ تەسۋىرلەپ، مەسىلىنى توغرا نۇقتىدىن ئوتتۇرىغا قويدى.

فىداننىڭ قاراشلىرى پەلەستىن دەۋاسىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك قوللىغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ غەززەدە تىنچلىق ئورنىتىشنى مەقسەت قىلغان بارلىق تەشەببۇسلارنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدىكى ئۈمىدۋارلىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.

بۇ يۆنىلىشتىكى تەشەببۇسلار دىپلوماتىك تىلنى شەكىللەندۈرىدۇ، خەلقئارالىق كۈتۈلمىلەرگە تەسىر كۆرسىتىدۇ ۋە پەلەستىننىڭ بايانلىرىنى ئىلگىرى سۈرەلەيدىغان ياكى ئاجىزلاشتۇرالايدىغان پايدىلىنىش نۇقتىلىرىنى يارىتىدۇ.

پەلەستىنلىكلەر بۇنى خۇشاللىق بىلەن قارشى ئالسۇن ياكى ئالمىسۇن، مۇنداق بىر گەۋدە ئالدىمىزدىكى ئايلاردا ھۆكۈمەتلەر، تاراتقۇلار ۋە ئورگانلارنىڭ «ھەل قىلىش چارىلىرى» نى قانداق چۈشەندۈرۈشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

دەل مۇشۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، تىنچلىق كومىتېتى ئۆزىدىكى كەمچىلىكلەرگە قارىماي ئۆزگىچە بىر پۇرسەت دەپ تەسۋىرلىنىشى مۇمكىن.

بۇ كومىتېتنىڭ قۇرۇلمىسى ئادالەتلىك بىر نەتىجىگە كاپالەتلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى خەلقئارانىڭ دىققىتى بۇ مەسىلىگە مەركەزلەشكەن دەقىقىلەر سايىسىدىدۇر، كېچىكتۈرۈلىدىغان تاللاشلارنى مەجبۇرىي ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ئۈچۈندۇر.

كومىتېت ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا دۆلەتلەرنى ۋە ئورگانلارنى نېمىنى قوغداشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ۋە نېمىدىن ۋاز كېچىشكە رازى ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشقا مەجبۇرلىماقتا.

ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا ياكى ئەسلا

بۇ پۇرسەتنىڭ ئەھمىيەتلىك بولۇشى ئۈچۈن، بەزى پرىنسىپلار مۈجمەل ياكى پەقەت بىر نىشان سۈپىتىدىلا قېلىپ قالماسلىقى كېرەك. خەلقئارا قانۇن پەقەت كۆرۈنۈشتىكى بىر پايدىلىنىش مەنبەسى ئەمەس، بەلكى مەجبۇرىي كۈچكە ئىگە بىر ئاساس سۈپىتىدە قارىلىشى كېرەك.

پەلەستىننىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى، ئىقتىسادىي رىغبەتلەندۈرۈشلەر ياكى خەۋپسىزلىك بەلگىلىمىلىرى سەۋەبىدىن مۇددەتسىز كېچىكتۈرۈلمەسلىكى لازىم.

ئىشغالىيەت تىنچلىقنىڭ ئالدىدىكى ئاساسلىق توسۇق دەپ ئاتىلىشى كېرەك ۋە «زورلۇق-زومبۇلۇق دەۋرىيلىكى» ياكى «ئۆزئارا ئىشەنچسىزلىك» دېگەندەك ئابستراكت ئۇقۇملار بىلەن يوشۇرۇلماسلىقى كېرەك.

ئەڭ مۇھىمى، پەلەستىننىڭ ھوقۇق-چېكى سىمۋوللۇق ئەمەس، بەلكى ئەمەلىي بولۇشى كېرەك. ئىلگىرىكى نۇرغۇن تەشەببۇسلار پەلەستىنلىكلەرنى شەكىل جەھەتتىن مۇساپىگە قاتناشتۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ سىياسىي تەلەپلىرىنى چەتكە قاققان ئىدى.

ھوقۇقتا باراۋەر بولمىغان ئەھۋالدا قانۇنىي تايانچ ئىزدەيدىغان بىر مۇساپە، مۇقىملىق ئورنىتىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ھەتتا مۇرەسسەچىلىككىمۇ كاپالەتلىك قىلالمايدۇ.

شۇ ۋەجىدىن، كەڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ، بولۇپمۇ مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ ئوينايدىغان رولى ھەل قىلغۇچ بولىدۇ. مۇنداق بىر كومىتېتقا قاتنىشىشنى پەقەت ماقۇللاش ياكى كۆرۈنۈشتىكى پائالىيەتلەر بىلەنلا چەكلەپ قويۇشقا بولمايدۇ.

دۆلەتلەر كومىتېتقا قاتنىشىشنى تاللىسا، ئېنىق قىزىل سىزىقلارغا ئاساسەن ھەرىكەت قىلىشى كېرەك: پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ئىختىيارىي تاللاش بولماسلىقى، ۋاقىت جەدۋىلى مەڭگۈلۈك سوزۇلماسلىقى، قايتا قۇرۇش سىياسىي ھوقۇقلاردىن ئايرىۋېتىلمەسلىكى كېرەك.

تەسىر كۈچى بولمىغان بىر قاتنىشىش توقۇنۇشنى ھەل قىلىشنىڭ ئورنىغا، پەقەت ئۇنى باشقۇرۇش ئارقىلىقلا نەتىجىلەرنى قانۇنلاشتۇرۇش خەۋپىنى تۇغدۇرىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، تىنچلىق كومىتېتىغا ئوخشىغان  تەشەببۇسلارنىڭ ھەل قىلىش چارىسى بولمىغان ئەھۋالدا «نورماللىشىش» قورالىغا ئايلىنىپ قېلىشتەك تېخىمۇ چوڭ بىر خەۋپ مەۋجۇت.

رايونلۇق ھەمكارلىق ۋە دىپلوماتىك بىر گەۋدىلىشىش ئىلگىرى سۈرۈلۈشى مۇمكىن، ئەمما پەلەستىن مەسىلىسى قۇرۇلمىلىق جەھەتتىن ھەل قىلىنماي قېلىۋېرىشى مۇمكىن.

بۇ خىل ئۇسۇل ئىلگىرىمۇ سىناپ كۆرۈلگەن، نەتىجىسى بولسا كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ: تەكرارلانغان زورلۇق-زومبۇلۇق، چوڭقۇرلاشقان ئادالەتسىزلىك ۋە سىياسىي ھەل قىلىش چارىلىرىگە بولغان ئىشەنچنىڭ پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇشى.

تىنچلىقنى پەقەت مۇنبەرلەر بىلەنلا ئورناتقىلى بولمايدۇ. ئەگەر بۇ مۇنبەرلەر ئەمەلىيەتتە ئادالەتتىن چەتنەپ كەتكەن بولسا، يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ مۇرەسسەچىلىكى ياكى قۇرۇلمىلىق پىلان لايىھەلەر بىلەن تىنچلىق ئوتتۇرىغا چىقمايدۇ.

تىنچلىق كۈچ ياكى قانۇن بىلەن چەكلەنگەندە، ھوقۇق-مەنپەئەتلەر مۇرەسسە قىلىنىدىغان ئامىللار سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى تۈپ ئامىللار سۈپىتىدە بىر تەرەپ قىلىنغاندا ۋە توقۇنۇشتىن ئەڭ كۆپ زەربە يېگەنلەردىن ۋاقىتلىق بىر تىنچلىق ئۈچۈن ئۆز كېلەچىكىنى تالاش-تارتىش قىلىش تەلەپ قىلىنمىغاندا ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.

شۇ ۋەجىدىن، تىنچلىق كومىتېتىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى بۇ مۇساپىنى قوللىغۇچىلارنىڭ ئىسمى ياكى تەلەپلەرنىڭ چوڭلۇقى بىلەن ئەمەس، بەلكى تېخىمۇ ئاددىي بىر سىناق بىلەن باھالىنىدۇ: ئۇ ئىشغالىيەت ۋە ئادالەتسىزلىكنىڭ رېئاللىقى بىلەن يۈزلىشەمدۇ ياكى ئۇلارنى باشقۇرۇشقا ئۇرۇنامدۇ؟

ئەگەر بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرالىسا، ھەقىقەتەن ئون نەچچە يىلدىن بۇيان مەغلۇپ بولۇپ كېلىۋاتقان  ئۇسۇللاردىن پەرقلىنىش ئۈچۈن نادىر بىر پۇرسەت يارىتىپ بېرىشى مۇمكىن.

بۇ تاللاش پەقەت پەلەستىنلىكلەرگىلا خاس ئەمەس. بۇ تاللاش توقۇنۇش داۋاملىشىۋاتقان شارائىتلارنى شەكىللەندۈرۈۋاتقان ۋە كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئۇنى قوغداۋاتقان خەلقئارا جەمئىيەتكە ئائىتتۇر.