خەلقئارا
3 مىنۇت ئوقۇش
كۈندىلىك قىسقا خەۋەرلەر
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ت ر ت ئىخلاسمەنلىرى. بۈگۈن 9-يانۋار پەيشەنبە. كۈندىلىك قىسقا خەۋەرلەر پىروگراممىزغا خۇش كەلدىڭلار.... بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:
كۈندىلىك قىسقا خەۋەرلەر
تېزلىك يۇقىرى خەۋەر / TRT World

ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا 9 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى

ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا ئاز دېگەندە توققۇز پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى، نۇرغۇن كىشى يارىلاندى. خەلق مۇداپىئە ئەترەتلىرىنىڭ غەززە شەھەرللىك ھۆكۈمىتى باغچىسى ئەتراپىدىن بەش جەسەتنى تېپىشىدىن كېيىن، دەير ئەلبەلەخ رايونىغا قىلىنغان ھۇجۇم نەتىجىسىدە يەنە تۆت پەلەستىنلىكنىڭ جەسىتى تېپىلدى. دەير ئەلبەلەخ رايونىنىڭ غەربىدىكى بىر ئۆي يەر بىلەن يەكسان قىلىندى، ئىزدەش – قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى يوقاپ كەتكەنلەرنى ئىزدەش – قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۇرۇشى 461-كۈنىگە قەدەم قويغاندا ھاياتىدىن ئايرىلغان پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانى 45 مىڭ 936 گە،يارىلانغان پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانى 109 مىڭ 274 كە يەتتى.

چاد پىرېزىدېنت مەھكىمىسىدە يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 19 كىشى ئۆلدى، نۇرغۇن كىشى يارىلاندى

چادنىڭ پايتەختى نجامېنادا قوراللىق كىشىلەرنىڭ پىرېزىدېنت مەھكىمىسىگە ھۇجۇم قىلىشىدىن كېيىن، ئوق ئاۋازلىرى ئاڭلاندى. ھۇجۇمدىن كېيىن قوراللىق كىشىلەر بىلەن دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 18 نەپىرى ھۇجۇمچى بولۇپ، ئاز دېگەندە 19 كىشى ئۆلدى، توققۇز كىشى يارىلاندى. ھۇجۇمدىن كېيىن پۇقرالار ۋەھىمە ئىچىدە قاچتى، پايتەخت كوچىلىرىدا تانكىلار ئايلىنىشقا باشلىدى. بۇ زوراۋانلىق ۋەقەلىرى، چادتا رايونلۇق مۇقىمسىزلىق، تېررورلۇق ھۇجۇملىرى داۋاملىشىۋاتقان ۋە دۆلەتنىڭ فىرانسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى بارغانسېرى يىرىكلىشىپ كېتىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتى ۋاڭ يىنىڭ بۇ دۆلەتكە قىلغان زىيارىتىدىن كېيىن يۈز بەردى. پىرېزىدېنت ماھامات ئىدرىس دېبى نېفىت بايلىقلىرىدىن قولغا كىرگۈزۈلىدىغان كىرىم ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ئارىسىدا يېڭى خەلقئارالىق ئىتتىپاقداشلارنى ئىزدەپ تېپىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى.

رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا 650 بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 12 مىڭ 300 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇكرائىنا ئۇرۇشى پارتلىغان 2022-يىلدىن بۇيان 650 بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 12 مىڭ 300 دىن ئارتۇق پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان. ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى، باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە بومبا ھۇجۇملىرىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى پۇقراۋى ئۆلۈملەرنىڭ 30 پىرسەنت ئېشىشىغا سەۋەب بولغان. 2024-يىلى سېنتەبىر ۋە نويابىر ئايلىرى ئارىسىدا 574 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان. ب د ت بۇ قىلمىشلارنىڭ ئۇرۇش جىنايىتى بولۇپ قېلىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان.

ئامېرىكادا قولغا چۈشۈرۈلگەن «ئەرۋاھ قورال – ياراغلىرى» نىڭ سانى 2017-يىلدىن بۇيان % 1600 كۆپەيدى

ئامېرىكا ھاراق، تاماكا، قورال-ياراغ ۋە پارتىلاتقۇچ بۇيۇملار ئىدارىسىنىڭ ئېنىقلاپ چىقىشىچە، 2017-يىلدىن 2023-يىلغىچە جىنايەت سورۇنلىرىدا قولغا چۈشۈرۈلگەن «ئەرۋاھ قورال – ياراغلىرى» نىڭ سانى % 1600 كۆپەيگەن. رەت نومۇرىسىز ئىشلەپچىقىرىلغان ۋە جىنايى ئىشلار خاتىرىسى تەكشۈرۈلمەي سېتىلغان بۇ قورال – ياراغلار 1700 قاتىللىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 27000 جىنايەتتە ئىشلىتىلگەن. قانۇنسىز قورال – ياراغلارنىڭ % 60 ى جىنايى ئىشلار خاتىرىسى بار جىنايەتچىلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىدىغان بولۇپ، تېخىمۇ قاتتىق قورال - ياراغ بەلگىلىمىسىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا جىددىي ئېھتىياج بار ئىكەن. بايدىن ھۆكۈمىتى ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ «ئەرۋاھ قورال – ياراغلىرى» نىڭ كۆپىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قارارى چىقىرىشىنى كۈتمەكتە ئىكەن.

 ئارخېئولوگلار مىسىردا خانىش خاتشېپسۇتنىڭ ئىبادەتخانىسىنى تاپتى

ئارخېئولوگلار مىسىرنىڭ لۇكسور شەھىرىدە خانىش خاتشېپسۇتنىڭ ۋادى ئىبادەتخانىسىنىڭ بۇزۇلمىغان قىسىملىرى ۋە يېڭى پادىشاھلىقنىڭ تۇنجى پىرئەۋنىنىڭ چوڭ ئانىسى بولغان خانىش تېتى شېرىنىڭ قەبرىسى قاتارلىق مۇھىم يادىكارلىقلارنى تاپتى. داڭلىق ئارخېئولوگ زاھى ھاۋاسنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى ئارخېئولوگىيەلىك قېزىپ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى، بۇنىڭدىن قانچە ئەسىر ئىلگىرى قەستەن چېقىۋېتىلگەن خاتشېپسۇتنىڭ ئىبادەتخانىسىدىن 1500 دىن ئارتۇق نەقىشلىك تاش پارچىلىرىنى تاپتى. بۇ يادىكارلىقلار بىزنى قەدىمكى مىسىر تارىخىنىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلىگەن بۇ نوپۇزلۇق ئاياللارنىڭ ھاياتى ۋە مىراسلىرى ھەققىدە قىممەتلىك ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدۇ.

ئىزدىنىڭ
سۈرىيە «تېررورلۇقنى قوللايدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكى» دىن چىقىرىۋېتىلدى
باڭلادېش «مەككە قوشما مۇداپىئە كېلىشىمى» گە قاتنىشىشقا قىزىقىۋاتىدۇ
سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن فىرانسىيە پەلەستىن دۆلىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى: زۆرۈر تېپىلسا، ئىرانغا ھەربىي زەربە بېرىمىز
سۈرىيەنىڭ تەدمۇر شەھىرىدە ئەسكى-تۈسكى يىغقۇچىنىڭ قاپچۇقىدىكى بومبا پارتلاپ، بىر كىشى ئۆلدى
خىتاي ۋە ئىيوردانىيە ھورمۇز بوغۇزىنىڭ قايتىدىن ئېچىلىشىنى تەلەپ قىلدى
ترامپ: «ئىران پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇۋاتىدۇ»
شارا: سۈرىيە قايتا قۇرۇش مۇساپىسىگە قەدەم قويدى
ھايتىدا شايكىلارنىڭ ھۇجۇمىدا 43 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەنىڭ كراسنودار رايونىغا قىلغان ھۇجۇمىدىن كېيىن نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىغا ئوت كەتتى
ئومان دېڭىز تەۋەلىكىدە بىر نېفىت تانكېرى زەربىگە ئۇچرىدى
رۇسىيە: ئەنگلىيە ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىگە توسالغۇ بولۇۋاتىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىغا قاراتقان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 73 مىڭ 422 گە يەتتى
ئەردوغان: رايونىمىزدىكى مۇقىمسىزلىققا قاراپ تۇرمايدىغانلىقىمىزنى دوست-دۈشمەنگە جاكارلىدۇق
ئومان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەتە تېھرانغا بارىدۇ