خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋان-سۈرىيە چېگراسىدىكى ئۇچقۇ ھۇجۇمىدا 4 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئىسرائىلىيە 2024-يىلى نويابىردا ھاسىل قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە قارىماي، لىۋانغا قاراتقان ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.
ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋان-سۈرىيە چېگراسىدىكى ئۇچقۇ ھۇجۇمىدا 4 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئارخىپ: 2026-يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى، لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى كفار ھاتتاغا ئىسرائىلىيە ھاۋا ھۇجۇمى قىلىنغاندىن كېيىن، ئوت ۋە ئىس كۆتۈرۈلدى. / Reuters

لىۋان دۆلەتلىك خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىسرائىلىيەگە تەۋە بىر ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى يەكشەنبە كۈنى كەچتە لىۋان-سۈرىيە چېگراسىغا يېقىن، شەرقىي لىۋاندىكى مەجدەل ئەنجار بازىرىدا بىر ئاپتوموبىلنى زەربە ئوبيېكتى قىلغان. مەزكۇر ھۇجۇمدا كەم دېگەندە تۆت كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئىسرائىلىيەنىڭ ھاۋا زەربىسى لىۋان-سۈرىيە چېگراسىدىكى ئەلمەسنە چېگرا ئېغىزى بىلەن جەدىدە يابۇس يېزىسى ئارىلىقىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، ھۇجۇمدا قازا قىلغانلاردىن سىرت يەنە نۇرغۇن كىشى يارىلانغان. ئاگېنتلىق يەنە، ھۇجۇم جەريانىدا ئەتراپتىكى يېزىلاردا تۆت قېتىم كۈچلۈك پارتلاش ئاۋازىنىڭ ئاڭلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

بۇ ھۇجۇملار 2024-يىلى نويابىردا ھاسىل قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن ئارقىمۇئارقا دەپسەندە قىلىنىۋاتقان بىر پەيتتە يۈز بەردى. ئىسرائىلىيە 2023-يىلى ئۆكتەبىردە باشلانغان توقۇنۇشلار جەريانىدا لىۋاندا ئىگىلىۋالغان بەش ئىستراتېگىيەلىك تۆپىلىكنى ۋە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان كونتروللۇقىدا تۇتۇپ كېلىۋاتقان باشقا رايونلارنى ئىشغالىيىتى ئاستىدا تۇرۇپ تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋانغا قاراتقان ھۇجۇملىرىدا ھازىرغا قەدەر 4000 دىن ئارتۇق كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 17 مىڭدىن ئارتۇق كىشى يارىلانغان.

ئىزدىنىڭ
ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنى قۇرۇش ۋەزىپىسى نېتانياھۇغا ئەمەس، گادى ئېيسېنكاتقا بېرىلدى
ئامېرىكا ئىراقتىن ئىران بىلەن بولغان چېگرا ئېغىزلىرىنى تاقاشنى تەلەپ قىلدى
ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابى ئىرانغا قارشى «تۆمۈر دەرۋازا» ۋەزىپە قىسمى قۇردى
ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ ياردەمنى كېسىشىدىن چۆچۈگەنلىكىنى بىلدۈردى
ئىران ئارمىيە باياناتچىسى ئامېرىكانى قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتىدىغانلىقلىرىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى
رۇبىيو ئىستېپا بېرىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلدى
ھېرزوگ ھۆكۈمەت قۇرىدىغان كىشىنى يەكشەنبە كۈنى ئېلان قىلىدىكەن
كالىفورنىيە ئىشتاتى باشلىقى بارلىق ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈملىرىنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ئۆزگەرتتى
جەنۇبىي كورېيە ھورمۇز بوغۇزىغا يېقىن جايغا ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرىدۇ
ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ساندېرس: ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇش قىلىش ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ
زېلېنىسكىي ترامپنىڭ ۋەكىللىرى كۇشنېر ۋە ۋىتكوف بىلەن تېلېفونلاشتى
ئىران پارلامېنت باشلىقى: ئامېرىكا خەلقى ئۇرۇشقا ياق دېدى، بىز بۇ ئۇچۇرنى قوللايمىز
2026-يىللىق ئامېرىكا ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلىمى: دېموكراتلار كېڭەش پالاتاسىدا كۆپ سانلىقنى ئىگىلىدى
ياۋروپالىق ئوت ئۆچۈرگۈچىلەر بىريۇسسېلدا خامچوت قىسقارتىشقا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى
كىرېمىل: پۇتىن، ترامپ ۋە شى ئوتتۇرىسىدا كۆرۈشۈش تەييارلىقى داۋاملاشماقتا
رۇسىيە تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى خىزمىتىگە قاتنىشىشقا يېشىل چىراغ ياقتى
شىمالىي كورېيە «باينەنس»تىكى ئوغرىلىققا چېتىشلىقى بار دېگەن ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلدى
ئىران ئارمىيەسى: ئامېرىكا يەنە ھۇجۇم قىلسا، ئۇرۇش پەقەت غەربىي ئاسىيا بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: ئامېرىكا قىسىملىرى ئىراننىڭ قەشم ئارىلىغا «چەكلىك» زەربە بەردى
بېلەت تاشلاش باشلاندى: نەتىجە ترامپنىڭ قالغان ئىككى يىللىق ۋەزىپە مۇددىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ