ئىقتىساد
2 مىنۇت ئوقۇش
خىتاينىڭ تاشقى سودا قالدۇقى 1 تىرىليون دوللاردىن ئاشتى
خىتاينىڭ تاشقى سودا قالدۇقى 1 تىرىليون دوللاردىن ئاشتى: ئېكسپورتنىڭ ئېشىشى ئامېرىكادىكى چېكىنىشنىڭ ئورنىنى تولدۇردى.
خىتاينىڭ تاشقى سودا قالدۇقى 1 تىرىليون دوللاردىن ئاشتى
بۇ مۇھىم باسقۇچ رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن تىرامپنىڭ ئۆكتەبىردە كورېيەدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا، ئۇلارنىڭ يۇقىرىغا ئۆرلەۋاتقان سودا توقۇنۇشىنى توختىتىشقا قوشۇلغانلىقىدىن بىرنەچچە ھەپتە كېيىن يۈز بەردى. / AP

بېيجىڭنىڭ رېكورت سەۋىيەدىكى سودا قالدۇقى، ئامېرىكاغا قىلىنغان مال چىقىرىش مىقدارىدىكى تەخمىنەن %30 لىك زور چېكىنىشكە قارىماي ئىشقا ئاشتى. بۇ ئەھۋال، شى بىلەن ترامپ ئوتتۇرىسىدىكى نازۇك «سودا ئۇرۇشىنى توختىتىش» كېلىشىمى جىددىيچىلىكنى ۋاقىتلىق پەسەيتكەن بولسىمۇ، خىتاينىڭ سودا ئىستراتېگىيەسىنى ۋە يۆنىلىشىنى قانداق ئۆزگەرتكەنلىكىنى روشەن كۆرسىتىپ بەردى.

دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان تاموژنا سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، خىتاينىڭ يىللىق تاشقى سودا قالدۇقى تۇنجى قېتىم 1 تىرىليون دوللاردىن ئاشقان. بۇ تارىخىي نەتىجىنىڭ قولغا كېلىشىدە، ئامېرىكا بازىرىدىكى چوڭقۇر چۈشۈشنىڭ ئورنىنى باشقا بازارلارغا قىلىنغان ئېكسپورتتىكى كەسكىن جانلىنىشنىڭ تولدۇرۇشى ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان.

نويابىر ئېيىدىكى ئېكسپورت مىقدارى ئۆكتەبىردىكى چېكىنىشنى ئوڭشاپلا قالماي، مۆلچەردىكىدىنمۇ ئېشىپ، يىللىق نىسبەتتە %5.9 ئۆرلىگەن. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇ جانلىنىش دەل ئامېرىكاغا قىلىنغان ئېكسپورت %28.6 تۆۋەنلەپ، 33.8 مىليارد دوللارغا چۈشۈپ قالغان بىر پەيتتە روياپقا چىقتى. بۇ ئەھۋال، خىتاينىڭ يىللاردىن بېرى داۋاملىشىۋاتقان تاموژنا بېجى ئۇرۇشلىرىنىڭ ۋە بارغانسېرى چىڭىيۋاتقان تېخنىكا قاماللىرىنىڭ بېسىمىنى داۋاملىق ھېس قىلىۋاتقانلىقىنىڭ روشەن ئىپادىسىدۇر.

ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، رېكورت سەۋىيەدىكى بۇ سودا قالدۇقى ئىككى مۇھىم ئامىلنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ: بىرىنچىسى، خىتاينىڭ ئېكسپورت بازىرىنى باشقا رايونلارغا يۈزلەندۈرۈشى؛ ئىككىنچىسى، دۆلەت ئىچىدىكى دېفلاتسىيە (پۇل پاخاللىقىنىڭ ئەكسى) مۇھىتى پەيدا قىلغان باھا رىقابىتىنىڭ چەت ئەلگە مال سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشىدۇر.

«Capital Economics» ئانالىزچىسى زىچۇن خۇاڭ بۇ ھەقتە توختىلىپ: «ئامېرىكاغا قىلىنغان ئېكسپورتتىكى ئاجىزلىق، باشقا بازارلارغا قىلىنغان مال چىقىرىش ئارقىلىق تولۇقلاندى» دەپ يازدى ۋە سودا قالدۇقىنىڭ كېلەر يىلى تېخىمۇ ئاشىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى.

بېيجىڭ ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشقان كۆچمەس مۈلۈك كىرىزىسى، توختاپ قالغان ئىستېمال ۋە يۇقۇمدىن كېيىنكى تەڭپۇڭسىز ئېشىش بىلەن ئېلىشىۋاتقان بىر پەيتتە، كېڭىيىۋاتقان تاشقى سودا ساھەسى ئىقتىسادنى يۆلەپ تۇرۇۋاتقان ھەل قىلغۇچ تىرەك بولۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىمپورتنىڭ پەقەت %1.9 ئېشىشى، ئىچكى ئېھتىياجدىكى ئاجىزلىقنىڭ يەنىلا ئېغىر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

خىتاي-ئامېرىكا كېلىشىمى

تىلغا ئېلىنغان بۇ بۇرۇلۇش نۇقتىسى، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئۆكتەبىر ئېيىدا جەنۇبىي كورېيەدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا، كۈچىيىۋاتقان سودا تالاش-تارتىشىنى توختىتىش مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلغىنىدىن ئاران بىرنەچچە ھەپتە كېيىن مەيدانغا كەلدى.

كېلەر يىلنىڭ ئاخىرلىرىدا مۇددىتى توشىدىغان بۇ ۋاقىتلىق يۇمشاش كېلىشىمى، بەزى تاموژنا باجلىرىنىڭ ۋە ئېكسپورت كونتروللۇقلىرىنىڭ ئازايتىلىشىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بولسىمۇ، ئىقتىسادشۇناسلار بۇ «ئۇرۇش توختىتىش» نىڭ ئۇزۇنغا بارماسلىقى مۇمكىنلىكىدىن ئاگاھلاندۇرماقتا.

خىتاينىڭ ئاشقان سودا تەڭپۇڭسىزلىقىمۇ چەت ئەللەردە يېڭى بىر نارازىلىق دولقۇنىغا سەۋەب بولماقتا. فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون، بىر قېتىملىق دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى جەريانىدا، بېيجىڭ ياۋروپا بىلەن بولغان ئاشقان تاشقى سودا قالدۇقىنى قىسقارتمىغان تەقدىردە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاموژنا باجلىرىنى يولغا قويۇشى مۇمكىنلىكىنى ئاگاھلاندۇردى.

بۇ يىللىق ئىقتىسادىي ئېشىشنى %5 دەپ نىشان قىلغان خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ، بۇ ھەپتە ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇھىم بىر سىياسەت يىغىنىدا ئىقتىسادىي ساھەدىكى مۇھىم ئىشلارنى مۇزاكىرە قىلىشى كۈتۈلمەكتە.

ئىزدىنىڭ
ب د ت ئالاھىدە دوكلاتچىسى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنى «ئەڭ ئەخلاقسىز ئارمىيە» دەپ سۈپەتلىدى
ئۇكرائىنا رۇسىيەدىكى بىر نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى ۋە مارىنوۋكا ھەربىي ئايرودۇرۇمىغا ھۇجۇم قىلدى
قىرغىزىستان نېفىت ئىمپورت قىلىش تورىنى كېڭەيتمەكتە
ھىندونېزىيە ۋە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى مۇداپىئە ۋە ئېنېرگىيە مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ئىران باش ئىشتاب باشلىقى: دۈشمەننىڭ يېڭى تەھدىتلىرىگە ۋەيران قىلغۇچ زەربە بىلەن جاۋاب قايتۇرىمىز
ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى يارىلاندۇرغان پەلەستىنلىك قانسىراپ ئۆلدى
نىگېرىيەدە كېمە ئۆرۈلۈپ كېتىش ۋەقەسىدە 52 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ياپونىيە ئويۇنخانىغا ئوت قويۇپ 5 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان جىنايەتچىنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلدى
گۇتېررېس رۇسىيەنىڭ كىيېۋ ۋە باشقا ئۇكرائىنا شەھەرلىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
رۇسىيە ئامېرىكانى تېھرانغا قارشى تۇتقان پوزىتسىيەسىدە «تاجاۋۇزچى» تەرەپ دەپ ئەيىبلىدى
پاكىستان ۋە سۈرىيە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
كۇبا ئامېرىكانى خەلقنىڭ ئاساسىي مۇلازىمەتلەردىن بەھرىمەن بولۇشىغا توسالغۇ بولۇش بىلەن ئەيىبلىدى
قىرغىزىستان خىتاينىڭ ۋىزا رەسمىيىتىنى قولايلاشتۇرۇش قارارىنى قىزغىن قارشى ئالدى
ئەرمېنىيە ئەنقەرە ۋە باكۇ بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇشنى مۇھىم ئورۇنغا قويدى
فىرانسىيەدە «ئۆلۈمگە ياردەم بېرىش» قانۇنى كۈچكە ئىگە بولدى