تۈركىيە ئامېرىكادىن قايتۇرۇلغان ئانادولۇ ئاسارە-ئەتىقىلىرىنى قىزغىن قارشى ئالدى
نيۇيوركتىكى ئۆتكۈزۈۋېلىش مۇراسىمى ئەنقەرەنىڭ چەت ئەلگە ئېلىپ قېچىلغان تارىخىي يادىكارلىقلارنى قايتۇرۇۋېلىش يولىدىكى تىرىشچانلىقىنىڭ يېڭى بىر غەلىبىسى ھېسابلىنىدۇ.
نيۇيوركتىكى ئۆتكۈزۈۋېلىش مۇراسىمى ئەنقەرەنىڭ چەت ئەلگە ئېلىپ قېچىلغان تارىخىي يادىكارلىقلارنى قايتۇرۇۋېلىش يولىدىكى تىرىشچانلىقىنىڭ يېڭى بىر غەلىبىسى ھېسابلىنىدۇ. بۇ دائىرىدە، ئامېرىكا ۋە تۈركىيە ئەمەلدارلىرى دۇنياۋى مەدەنىي مىراس ئەتكەسچىلىكىگە قارشى ھەمكارلىقنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئامېرىكا تەرىپىدىن تۈركىيەگە قايتۇرۇپ بېرىلىۋاتقان بۇ تارىخىي يادىكارلىقلار، تۈركىيەدىن قانۇنسىز يوللار بىلەن ئېلىپ چىقىلغان كەم دېگەندە 41 پارچە ئانادولۇ ئاسارە-ئەتىقىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەنقەرەنىڭ ئۆز مەدەنىي مىراسلىرىنى قايتۇرۇۋېلىش يولىدىكى ئىزچىل تىرىشچانلىقىنىڭ مۇھىم بىر قەدەم-باسقۇچى دەپ قارالغان بۇ خۇش خەۋەرنى، دۈشەنبە كۈنى تۈركىيەلىك ۋە ئامېرىكالىق ئەمەلدارلار ئورتاق جاكارلىدى.
ئومۇمىي قىممىتى 8 مىليون دوللاردىن ئاشىدىغان بۇ يادىكارلىقلار، نىيۇيورك مانھاتتان رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا، تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى گۆكھان يازگىغا رەسمىي ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.
مەزكۇر توپلام، بىر ۋاقىتلاردا ئانادولۇ زېمىنىدا گۈللەنگەن قەدىمكى مەدەنىيەتلەرگە تەۋە نادىر يادىكارلىقلاردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، بۇلارنىڭ كۆپ قىسمى قانۇنسىز ئەتكەسچىلىك تورلىرى ئارقىلىق دۆلەتتىن ئېلىپ قېچىلغان ئىدى.
مانھاتتان رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ قەدىمكى يادىكارلىقلارنى قايتۇرۇۋېلىش ھەرىكەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىشى بىلەن تونۇلغان مۇئاۋىن تەپتىش ماتتېۋ بوگدانوس ۋە ئامېرىكا ئىچكى بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسى (HSI) نىڭ نيۇيوركتىكى مۇئاۋىن ۋەكىلى توم ئاكوچېللامۇ مۇراسىمغا قاتناشتى. ئۇلار تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى كۈچلۈك ھەمكارلىقنىڭ، ئەتكەسچىلىك تورلىرىغا زەربە بېرىپ ئوغرىلانغان مەدەنىيەت بايلىقلىرىنى قايتۇرۇۋېلىشتا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
بۇ قېتىمقى ئۆتكۈزۈپ بېرىش مۇراسىمى، ئورتاق تەكشۈرۈشلەر نەتىجىسىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن بىر قاتار مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ ئەڭ يېڭىسى بولۇپ، ئۇ ئارخېئولوگىيەلىك مىراسلارنى بۇلاڭ-تالاڭدىن ۋە دۇنياۋى قارا بازاردىن قوغداش يولىدىكى چوڭقۇرلىشىۋاتقان ھەمكارلىقنى نامايان قىلىدۇ.