تۈركىيە
1 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە:گىرېتسىيەنىڭ تاشلىغان قەدەملىرى ئەگە دېڭىزىدىكى قانۇنىي مەيدانىمىزغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى گىرېتسىيە ئېلان قىلغان يېڭىلىنىدىغان ئېنېرگىيە رامكىسىنىڭ ئەگە دېڭىزى مەسىلىلىرىدە تۈركىيەگە نىسبەتەن قانۇنىي نەتىجە پەيدا قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە:گىرېتسىيەنىڭ تاشلىغان قەدەملىرى ئەگە دېڭىزىدىكى قانۇنىي مەيدانىمىزغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئۆنجۈ كېچەلى (AA)

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئۆنجۈ كەچەلى، گىرېتسىيەنىڭ ئەگە دېڭىزىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان «يېڭىلىنىدىغان ئېنېرگىيە مەنبەلىرى مەخسۇس بوشلۇق رامكىسى» توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

كەچەلى بۇ رامكىنىڭ ئىگىدارچىلىقى خەلقئارا شەرتنامىلەر ئارقىلىق گىرېتسىيەگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلمىگەن جۇغراپىيەلىك شەكىللەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەگە دېڭىزى مەسىلىلىرى جەھەتتە تۈركىيەنىڭ قانۇنىي مەيدانىغا تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ: «بۇرۇنمۇ تۈرلۈك پۇرسەتلەردە تەكىتلەپ ئۆتكىنىمىزدەك، بۇ ۋە بۇنىڭغا ئوخشاش تەشەببۇسلار تۈركىيەنىڭ ئەگە دېڭىزى مەسىلىلىرىگە دائىر قانۇنىي مەيدانىغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ» دېدى.

كەچەلى ئەگە دېڭىزى ۋە ئاقدېڭىزغا ئوخشاش يېپىق ياكى يېرىم يېپىق دېڭىزلاردا بىر تەرەپلىمە ھەرىكەتتىن ساقلىنىش كېرەكلىكىنى، خەلقئارا دېڭىز قانۇنىنىڭ قىرغاق دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ يەنە تۈركىيەنىڭ گىرېتسىيە بىلەن ھەمكارلىشىشقا ھەر ۋاقىت تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:

«تۈركىيە 2023-يىلى 7-دېكابىر ئېلان قىلىنغان ‹دوستانە مۇناسىۋەت ۋە ياخشى قوشنىدارچىلىق ھەققىدىكى ئافېنا خىتابنامىسى› دائىرىسىدە، مەسىلىلەرنى خەلقئارا قانۇن، ئادالەت ۋە ياخشى قوشنىدارچىلىق ئاساسىدا ھەل قىلىش ئۈچۈن سەمىمىي ۋە ئەتراپلىق پوزىتسىيە تۇتۇش كېرەك، دېگەن مەيدانىنى داۋاملىق ساقلاپ كەلمەكتە.»

ئىزدىنىڭ
قالىباف: تېھران ئامېرىكا ھۇجۇملىرىغا «ئازابلىق» جاۋاب قايتۇرىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا يەنە بەش پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
ھىندونېزىيەدە يانار تاغ پارتلىغاندىن كېيىن 1500 دىن ئارتۇق ئايروپىلان سەپىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى
6-نۆۋەتلىك دۇنيا كۆچمەنلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە قىرغىزىستان چېمپىيون بولدى
تۈركىيە ئاياللار دۆلەتلىك ۋالىبول كوماندىسى ياۋروپا چېمپىيونى بولدى
ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى ياۋروپادىكى بىرىنچىلىك ئورنىنى ساقلاپ قالدى
پارىژدا پەلەستىننى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى
كرېمىل: «پۇتىن ئامېرىكالىق ۋەكىللەر بىلەن ئۇكرائىنا ئۇرۇشى توغرىسىدا ئىنتايىن ئوچۇق سۆھبەتلەشتى»
ھىندونېزىيەنىڭ ئاساسلىق ئايرودۇرۇمى ۋولقان پارتلىشىدىن كېيىن پائالىيىتىنى توختاتتى
ئامېرىكانىڭ قورشاۋى ۋاشىنگتونغا ئىرانغا سېلىشتۇرغاندا كۆپ قىممەتكە چۈشۈشى مۇمكىن
ئىران ئامېرىكانىڭ قانۇنسىز ھۇجۇملىرىغا «تېخىمۇ ئېغىر» ئۆچ ئېلىش بىلەن جاۋاب قايتۇرىدۇ
«نېتانياھۇنىڭ ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى، ئىسرائىلىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا چېتىشلىق بىر ئېھتىياج»
يەمەن ئارمىيەسى شىمالىي ئەلجەۋفتىكى خۇسىيلارنىڭ ھەربىي لاگېرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئىسرائىلىيە سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى قۇنەيترا ئەتراپىنى بومباردىمان قىلدى
ئىسرائىلىيە گېزىتى: قەرزدارلارنىڭ قەرزلىرىنى كەچۈرۈم قىلىپ، ئىرانغا تاجاۋۇز قىلىشقا ئەۋەتىڭلار