خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
ئىتتىپاقداش كۈچلىرى: مەدىنە رايونىدا بىر باشقۇرۇلىدىغان بومبا پاچاقلاپ تاشلاندى
سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلىرى مەدىنە رايونىدا بىر قاناتلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ نىشانغا يەتمەي تۇرۇپ توسۇۋېلىنغانلىقىنى ۋە پاچاقلاپ تاشلانغانلىقىنى جاكارلىدى.
ئىتتىپاقداش كۈچلىرى: مەدىنە رايونىدا بىر باشقۇرۇلىدىغان بومبا پاچاقلاپ تاشلاندى
ئىتتىپاقداش كۈچلىرى: مەدىنە رايونىدا بىر باشقۇرۇلىدىغان بومبا پاچاقلاپ تاشلاندى

يەمەندە سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلىرى دۆلەتنىڭ غەربىدىكى مەدىنە رايونى ھاۋا تەۋەلىكىدە بىر قاناتلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ توسۇۋېلىنغانلىقىنى ۋە پاچاقلاپ تاشلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلىرى تەرىپىدىن مەلۇم قىلىنغان ئەڭ يېڭى باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى توسۇۋېلىش ھەرىكىتى بولۇپ قالدى.

ئىتتىپاقداش كۈچلىرى باياناتچىسى لېيتېنانت گېنېرال تۇركى ئەلمالىكى مەزكۇر بومبىنىڭ توسۇۋېلىنغانلىقىنى پەيشەنبە كۈنى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان قىسقا باياناتىدا ئۇقتۇردى.

باياناتتا، باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ كىم تەرىپىدىن قويۇپ بېرىلگەنلىكى ياكى نىشانىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگىنىدەك، تالاپەت ياكى زىيان-زەخمەتلەر توغرىسىدىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلمىدى.

مەزكۇر ۋەقە ھۇسىيلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا قارىتا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇملىرىنى كۈچەيتكەن، شۇنداقلا ئايرودۇرۇملار بىلەن ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرىنى نىشان قىلغان ھۇجۇملار يۈز بېرىۋاتقان بىر مەزگىلدە يۈز بەردى.

ئىتتىپاقداش كۈچلىرى ھۇسىيلارنى 29-سېنتەبىر مەدىنەدىكى «تەيبە» ئېلېكتىر پونكىتىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ھۇجۇم قىلىشقا مەسئۇل دەپ ئەيىبلىدى.

تۇركى ئەلمالىكىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۇجۇم بىر تىرانسفورموتورنى كاردىن چىقارغان، ئەمما ئېلېكتىر تورىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارمىغان. مەزكۇر ئەسلىھە ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئەڭ مۇقەددەس جايلىرىدىن بىرى بولغان مەسجىدى نەبەۋىنى توك بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

سەئۇدى ئەرەبىستان 2015-يىلىدىن بۇيان يەمەن ھۆكۈمىتىنىڭ ھۇسىيلارغا قارشى ئۇرۇشىنى قوللايدىغان ھەربىي ئىتتىپاققا رەھبەرلىك قىلماقتا. ھۇسىيلار بولسا 2014-يىلىدىن باشلاپ پايتەخت سانا ۋە بىرنەچچە رايوننى كونترول قىلىپ كەلمەكتە.

ئىزدىنىڭ
ئۆمەربولات: تۈركىيە - ياۋروپا ئتتىپاقى سودىسى 30 يىلدا 11 ھەسسە ئاشتى
خاقان فىدان ئاسىيادا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ
ئىسپانىيەنىڭ مىللىي رېئاكتىپ Hürjet ئايروپىلانىمىزغا بولغان قىزىقىشى زور
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: سۇداندىكى بالىلار يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە قارشى مۇداپىئەسىز ھالەتتە تۇرماقتا
مېكسىكادا بوران-چاپقۇن ۋە قارا يامغۇر سەۋەبىدىن 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يېنىدا» دېدى
ئامېرىكا دائىرىلىرى كۆچمەنلەر تەكشۈرۈشىدە ئىلھان ئۆمەرنىڭ تۇغقانلىرىنى گۇۋاھلىق بېرىشكە چاقىردى
فىرانسىيە پارلامېنتى جىنسىي تاجاۋۇزچىلىققا قارشى كۈرەشكە ئائىت قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى
«Axios» تورى ترامپ بىلەن نېتانياھۇنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى مۇزاكىرە قىلىشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى
ئىسرائىلىيەلىكلەر غەربىي قىرغاقتا بىر مەسچىتنى ۋە بىر ئاپتوموبىلنى كۆيدۈرۈۋەتتى
رۇسىيە: كىيېۋ ۋە خاركىۋ رايونلىرىدىكى ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە زەربە بەردۇق
ترامپ: «ئىرانغا كۈنىنى كۆرسىتىپ قويىمىز»
سۈرىيەنىڭ ھاما ۋىلايىتىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 4 نەپەر بىخەتەرلىك خادىمى قازا قىلدى
ھىندىستاننىڭ بىھار ئىشتاتىدا بالىلار ئولتۇرغان بىر پاراخوت ئۆرۈلۈپ كەتتى
ترامپ: تەيۋەن ئالياسكا تۈرىدىكى تەبىئىي گازنىڭ %30 ىنى 20 يىل بويىچە سېتىۋالىدۇ