رۇمېنىيە 24-نويابىردىكى پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ بىرىنچى باسقۇچىنىڭ بىكار قىلىنىشىدىن كېيىن سىياسىي بوران – چاپقۇننىڭ مەركىزىدە تۇرماقتا. مۇستەقىل مىللەتچى نامزات كالىن گېئورگېسكۇ ئاۋازلارنىڭ %22.94 نى ئېلىپ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان ئىدى.
ئانالىزچىلار مۇستەقىل ئاۋازلارنىڭ چەتكە قېقىلىشىنىڭ خەلقنىڭ نارازىلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرماقتا.
گېئورگېسكۇنىڭ ئىسلاھاتچى «رۇمېنىيەنى قۇتقۇزۇش ئىتتىپاقى» (USR) پارتىيەسىدىن ئېلېنا لاسكونى بىلەن 8-دېكابىر (2024) دىكى ئىككىنچى باسقۇچلۇق سايلامدا رىقابەتكە چۈشۈشى كۈتۈلگەن ئىدى؛ ئەمما سايلام بىكار قىلىنغانلىقى سەۋەبىدىن ئەمەلگە ئاشمىدى.
رۇمېنىيە ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسىنىڭ (CCR) رۇسىيەنىڭ ئارىلىشىشى ۋە تەرتىپسىزلىكلەرنى باھانە قىلىپ، 24-نويابىر سايلام نەتىجىلىرىنى بىكار قىلىشى، دۆلەتنى سىياسىي مۇقىمسىزلىق قاينىمىغا سۆرەپ كىردى.
بۇ قارار جامائەت پىكرىنى قۇتۇپلاشتۇرۇپ، دېموكراتىيەنىڭ ھالىتى ۋە شەرقىي ياۋروپا دۆلىتىدىكى غەربنىڭ تەسىرىگە دائىر مۇنازىرىلەرنى قوزغىدى.
بۇخارېست ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسەت ئىلمى فاكۇلتېتىدىن ئالېكساندرا-ئالىنا يانكۇ ت ر ت ۋورلد (World TRT ) تېلېۋىزىيە قانىلىغا بەرگەن باياناتىدا: «بۇخارېست قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردە ئىككىنچى باسقۇچلۇق سايلامنىڭ ھارپىسىدا كۈچەيگەن يىرىكچىلىك سەۋەبىدىن سايلامنىڭ بىكار قىلىنىشىغا خاتىرجەملىك تۇيغۇسى بىلەن قارالماقتا. ئەمما، تېخىمۇ يېقىندىن قارالغاندا كالىن گېئورگېسكۇنىڭ سايلىغۇچىلىرىدىن كەلگەن بىر نارازىلىق ۋە كەلگۈسىگە دائىر بىر مۇقىمسىزلىق ھېس قىلىنماقتا» دېدى.
بۇ ئالاقزادىلىك تۇيغۇسى رۇمېنىيە ياۋروپا سىياسەتلىرى مەركىزى (CRPE) پىروگرامما دىرېكتورى ئالېكساندرۇ دامىيان تەرىپىدىنمۇ تىلغا ئېلىنماقتا. دامىيان ۋەزىيەتنى «جىددىي ۋە مۇقىمسىز» دەپ تەسۋىرلىدى، مەسئۇللاردىن كەلگەن ئالاقە يېتەرسىزلىكىنىڭ جامائەت پىكرىنىڭ ئۈمىدسىزلىكىنى ئاشۇرغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
ئۇ: «ھازىر گېئورگېسكۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى بۇ قاراردىن تېخىمۇ نارازى بولسا، ياۋروپا تەرەپدارلىرى بۇ قارارغا ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلماقتا» دېدى.
ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسىنىڭ سايلامنى بىكار قىلىش قارارى سايلام جەريانىغا چەت ئەلنىڭ ئارىلاشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە مەخپىيەتلىكى ئېچىۋېتىلگەن ئىستىخبارات دوكلاتلىرىنى ئۆزىگە ئاساس قىلغان ئىدى.
دامىياننىڭ ئېيتىشىچە، يۇقىرى دەرىجىلىك مۇداپىئە كېڭىشى (CSAT)، قانۇنسىز مالىيە ياردەملىرى ۋە ناھايىتى ياخشى مەبلەغ سېلىنغان ئىجتىمائىي مېدىيا سەپەرۋەرلىكى قاتارلىق قائىدىسىزلىكلەرنى ئاشكارىلىدى. گېئورگېسكۇنىڭ گۇرۇپپىسى بۇ مەبلەغنىڭ مەنبەسىنى چۈشەندۈرەلمىدى.
دامىيان: «كالىن گېئورگېسكۇ سەپەرۋەرلىك جەريانىدا نۆل چىقىم بارلىقىنى بىلدۈردى، رۇمېنىيەدىكى سەپەرۋەرلىك مەبلەغ قائىدىلىرى ناھايىتى قاتتىق بولغاچقا، بۇ ئەمەلىيەتتە مۇمكىن ئەمەس ئىدى» دەپ چۈشەندۈردى.
لانكۇ بولۇپمۇ تىكتوك (TikTok) تىكى گېئورگېسكۇ سەپەرۋەرلىكىنىڭ دىققەت قوزغايدىغانلىقىنى سۆزىگە ئېلاۋە قىلىپ: «رۇمېنىيە ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسى سايلام جەريانىغا بىر چەت ئەل ھۆكۈمىتىنىڭ ئارىاشقانلىقىنى ۋە [گېئورگېسكۇنىڭ] توردىكى سەپەرۋەرلىكى ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك تەرتىپسىزلىكلەرنى خاتىرىلىگەن ۋە مەخپىيەتلىكى ئېچىۋېتىلگەن ئىستىخبارات دوكلاتلىرىنى سەۋەب كۆرسەتتى» دېدى.
كالىن گېئورگېسكۇنىڭ يۈكسېلىشى
گېئورگېسكۇنىڭ نوپۇزىدىكى تېز كۆتۈرۈلۈش رۇمېنىيەنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنى تەۋرىتىۋەتتى. بىر زامانلار سىياسەتتە نىسبەتەن تونۇلمىغان بىر شەخس بولغان گېئورگېسكۇ سايلام نەتىجىسىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقان سايلىغۇچىلارنىڭ سەپەرۋەرلىك بىلەن ئالاقە ئورنىتىشى نەتىجىسىدە كەڭ تونۇلدى.
بەزى ئانالىزچىلار بۇ يۈكسېلىشنى ئادەتتىكى رۇمېنىيەلىكلەرنىڭ ئەندىشىلىرىنى چوڭقۇر ئەكس ئەتتۈرىدىغان مەسىلىلەرگە قوشۇپ كۆڭۈل بۆلگەنلىكىگە باغلايدۇ.
سىياسىي ئانالىزچى ۋە دىپلوماتىيە مەسلىھەتچىسى يوئانا گوموي بۇخارېستتا ت ر ت ۋورلد قانىلىغا بەرگەن باياناتىدا: «كىشىلەر بۇ ئادەمنى ساراڭلارچە تونۇشتۇرۇۋاتىدۇ» دەيدۇ.
گوموي گېئورگېسكۇنىڭ نوپۇزىنىڭ تەبىئىي ھالدا ئۆسكەنلىكىنى، چۈنكى ياشلارنىڭ ئىشسىزلىقى، مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تىنچلىق قاتارلىق مەسىلىلەرگە دىققەت تارتقانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.
گېئورگېسكۇنىڭ خەلقنىڭ «ھەقىقىي قوللىشى» بارلىقىنى بىلدۈرگەن گوموي بۇنىڭغا ئاساسىي ئېقىم سىياسەتچىلەرنىڭ ئۇزۇن مۇددەت كۆزگە ئىلمىغان مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى سەۋەب قىلىپ كۆرسىتىدۇ.
گوموي: «ئۇ تىنچلىق، ياشلارنىڭ ئىشسىزلىقى، ياش رۇمېنىيەلىكلەرنىڭ چەت ئەلگە كېتىشى، مائارىپ ۋە دېھقانچىلىق سىستېمىلىرىدىكى ۋەيرانچىلىق ھەققىدە سۆز قىلىدۇ» دەيدۇ ۋە بۇ مەسىلىلەرنىڭ ئون يىللارچە سىياسىي تۇرغۇنلۇقتىن چارچىغان بىر دۆلەتتە كەڭ تەسىر كۈچىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.
گوموي: «رۇمېنىيەلىكلەر چارچىدى، ئوتتۇز يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان دېموكراتىيە بار، ئەمما ھېچ نەرسە ئۆزگەرمىدى. گېئورگېسكۇ كىشىلەر ئەھمىيەت بېرىدىغان مەسىلىلەرنى تىلغا ئالدى. ئۇ ھېچقانداق رەسمىي پارتىيەگە تەۋە بولمىغان بولسىمۇ، تىكتوك ۋە باشقا دىجىتال مۇنبەرلەردىن پايدىلىنىپ خەلقنىڭ زور قوللىشىغا ئېرىشتى. ئۇ، رۇمېنىيەنىڭ ھازىرغىچە بولغان ئەڭ ياخشى تەسىر كۈچى» دەيدۇ.
ئالدىمىزدىكى يول: گېئورگېسكۇ قايتا نامزات بولامدۇ؟
رۇمىنىيەنىڭ سىياسىي كېلەچىكى يېڭى بىر ھۆكۈمەتنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە 2025-يىلى مارتتا ئۆتكۈزۈلگۈسى پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ كۈنتەرتىپىگە باغلىق.
ياۋروپا تەرەپدارى پارتىيەلەر ئارىسىدا بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇش ئۈچۈن غەيرىي رەسمىي سۆھبەتلەر داۋاملاشماقتا، ئەمما بۇ جەريانلارنىڭمۇ نۇرغۇن قىيىنچىلىقلىرى مەۋجۇت.
يانكۇ: «پارلامېنتتىكى پارتىيەلەر كېلىشەلىگەن تەقدىردىمۇ، يېڭى بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ پارلامېنتتىكى پارچىلىنىش ئېھتىمالى يۇقىرى ۋە ئىدېئولوگىيەلىك خىلمۇ خىللىقى سەۋەبىدىن داۋالغۇشلۇق مەزگىللەرگە دۇچ كېلىدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇرىدۇ.
گوموي: «پۈتۈن سايلام جەريانى قايتا باشلىنىشى كېرەك. بۇ ئايلارغىچە سوزۇلۇپ كېتىشى مۇمكىن» دەيدۇ. گوموي گېئورگېسكۇنىڭ كېلىدىغان جەرياندىن چەتكە قېقىلىشى يۆنىلىشىدىكى پوتېنسىيال تىرىشچانلىقلارغا ئىما قىلىپ: «ئېھتىمال يېڭى نامزاتلارنى كۆرىمىز ۋە گېئورگېسكۇنىڭ نامزات بولۇشى توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى مۇمكىن. ئۇنىڭغا قارشى بىر نەرسە تاپىدۇ، خۇددىي ئىلگىرى باشقا بىر نامزات بولغان دىيانا يوۋانوۋىچى-شوشوئاكاغا قىلغىنىدەك. شوشوئاكا (دەۋا قىلىنغان رۇسىيە تەرەپدارى كۆز قاراشلىرى سەۋەبىدىن) پىرېزىدېنتلىق رىقابىتىدىن چەتلەشتۈرۈلگەن ئىدى» دەيدۇ.
ئەمما گوموي، گېئورگېسكۇنى چەتلەشتۈرۈشنىڭ سىياسىي قۇرۇلما ئۈچۈن تەتۈر تەسىر پەيدا قىلىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى.
«گېئورگېسكۇنىڭ قايتا نامزات بولۇشىنى توسۇش، خەلقنىڭ ئۈمىدسىزلىكىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ. بۇ پەقەت ئۇنىڭ بىلەنلا مۇناسىۋەتلىك ئەمەس؛ ئۇ ۋەكىللىك قىلىدىغان تېخىمۇ چوڭ مەسىلىلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك. كىشىلەر ئاۋازلىرىنىڭ ئاڭلىنىشىنى خالايدۇ ۋە ئۆزگىرىش تەلەپ قىلىشتىن ۋاز كەچمەيدۇ» دەيدۇ.
گېئورگېسكۇنىڭ نوپۇزى رۇمېنىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ناتو چەمبىرىكىدىكى يۆنىلىشىگە دائىر چوڭقۇر ئۈمىدسىزلىكلەرنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. رۇمېنىيەلىكلەر ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىقى سۇنغان پۇرسەتلىرىنى قارشى ئالسىمۇ، تەڭسىزلىكلەرگە دائىر كۈچىيىۋاتقان نارازىلىقى بار.
مەسىلەن، گوموي ئۇكرائىنالىق پاناھلانغۇچىلارغا بېرىلگەن يۇقىرى مىقداردىكى ماددىي ياردەم قاتارلىق دۆلەت ياردەملىرىدىكى تەڭسىزلىكلەرگە دىققەتلەرنى تارتىپ: «يېڭى يىل ۋە روژدېستۋا يېقىنلاشقاندا داستىخىنىدا يېگۈدەك بىر نەرسە تاپالمايدىغان نۇرغۇن ياشانغان كىشىلىرىمىز بار، دورىسىنى ئالالمايدىغان كىشىلەر بار» دەيدۇ.
«دۆلىتىمىز ئاۋال ئۆز خەلقىگە قارىشى كېرەك»










