نىگېرىيەدە يولۇچىلار كېمىسى چۆكۈپ كېتىپ 20 كىشى قازا قىلدى
نىگېرىيەنىڭ بېنۇئې ئۆلكىسىدە يولۇچىلار ئولتۇرغان بىر كېمىنىڭ چۆكۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە 20 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
نىگېرىيەدە يولۇچىلار كېمىسى چۆكۈپ كېتىپ 20 كىشى قازا قىلدى / TRT Uyghur
نىگېرىيەنىڭ بېنۇئې ئۆلكىسىنىڭ ئىگاتۇ رايونىدا بازاردىن قايتقانلار ئولتۇرغان ياغاچ كېمە بېنۇئې دەرياسىدا چۆكۈپ كەتتى.
ۋەقەدىن كېيىن باشلانغان ئىزدەش – قۇتقۇزۇش داۋامىدا 20 كىشىنىڭ جەسىتى تېپىلدى، 11 كىشى قۇتقۇزۇۋېلىندى.
ئىگىلىنىشىچە، قۇتقۇزۇۋېلىنغانلار دوختۇرخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئىزدەش – قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا ئىكەن.