پىرېزىدىنت: سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش ئۇرۇنۇشىدىن كېيىن بېنىندا ۋەزىيەت «پۈتۈنلەي كونترول ئاستىدا»

پىرېزىدىنت پاترىس تالون، دۆلەتتىكى بىخەتەرلىكنى قوغداش ئۈچۈن زۆرۈر تەدبىرلەرنى ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.

By
پىرېزىدىنت: سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش ئۇرۇنۇشىدىن كېيىن بېنىندا ۋەزىيەت «پۈتۈنلەي كونترول ئاستىدا» / Reuters

پىرېزىدىنت پاترىس تالون يەكشەنبە كۈنى دۆلەتتىكى بىر سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش ئۇرۇنۇشىدىن كېيىن بېنىندىكى ۋەزىيەتنىڭ «پۈتۈنلەي كونترول ئاستىدا» ئىكەنلىكىنى ۋە پۇقرالارنىڭ كۈندىلىك پائالىيەتلىرىگە قايتالايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

غەربىي ئافرىقا دۆلىتىنىڭ پىرېزىدىنتى دۆلەت قانىلى «بېنىن TV» ئارقىلىق خەلققە خىتاب قىلىپ، «كىچىك بىر گۇرۇھ  ئەسكەرلەرنىڭ... جۇمھۇرىيەت ئورگانلىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋە دېموكراتىك تەرتىپنى بۇزۇپ دۆلەتنى مۇقىمسىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن بىر ئىسيان باشلىغانلىقى» نى ئەسكەرتتى.

تالون پىرېزىدىنت ۋە قوراللىق كۈچلەرنىڭ ئالىي باش قوماندانى بولۇش سۈپىتى بىلەن دۆلەتتە بىخەتەرلىكنى قوغداش ئۈچۈن زۆرۈر تەدبىرلەرنى ئالغانلىقىنى ئېيتتى.

پىرېزىدىنت يەنە، «جۇمھۇرىيەتكە ۋە دۆلەتكە سادىق» قالغان ئارمىيە مەنسۇپلىرىغا رەھمەت ئېيتتى ۋە بۇ ئۇرۇنۇشنىڭ «جازاسىز قالمايدىغانلىقى» نى بىلدۈردى.

بىر گۇرۇھ بېنىنلىق ئەسكەرلەر، يەكشەنبە كۈنى دۆلەت قانىلىغا بەرگەن باياناتىدا، پىرېزىدېنت تالوننى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرغانلىقىنى ۋە پولكوۋنىك پاسكال تىگرىنى يېڭى قۇرۇلغان «ھەربىي قايتا قۇرۇش كومىتېتى» غا رەھبەرلىك قىلىشى ئۈچۈن تەيىنلىگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئالاسسان سەيدۇ بولسا، مىللىي تېلېۋىزىيەدە «كىچىك بىر گۇرۇھ ئەسكەرلەرنىڭ» سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش ئۇرۇنۇشىنىڭ توسۇپ قېلىنغانلىقىنى ئېيتتى.

يەرلىك خەۋەر تور بېتى 24 Heures Au Benin نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دۆلەت مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىك كۈچلىرى تىگرىنى ئىزدەپ تۇتۇشقا تىرىشماقتا.

مەزكۇر سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش ئۇرۇنۇشى، نويابىر ئاخىرىدا گۋىنېيە-بىساۋدا يۈز بەرگەن ۋە گېنېرال ھورتا ئىنتا-ئانى ۋاقىتلىق پىرېزىدېنت سۈپىتىدە ۋەزىپىگە ئولتۇرغۇزغان ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىقتى.