خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ ياۋروپانى رۇسىيەگە تېخىمۇ كۆپ جازا يۈرگۈزۈشكە چاقىردى
ترامپ: «مەن جازا يۈرگۈزۈشكە تەييار، ئەمما ئۇلار (ياۋروپا) نىڭمۇ مەن بىلەن ئوخشاش سەۋىيەدە جازانى كۈچەيتىشى كېرەك» دېدى.
ترامپ ياۋروپانى رۇسىيەگە تېخىمۇ كۆپ جازا يۈرگۈزۈشكە چاقىردى
ترامپ ياۋروپانى رۇسىيەگە تېخىمۇ كۆپ جازا يۈرگۈزۈشكە چاقىردى / AP

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ رۇسىيەگە تېخىمۇ كۆپ جازا يۈرگۈزۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى، ئەمما ياۋروپانىڭ ۋاشىنگتون بىلەن ماس قەدەمدە ھەرىكەت قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

ترامپ يەكشەنبە كۈنى يېڭى جېرسىي ئىشتاتىنىڭ موررىستوۋن شەھىرىدىن ئاقسارايغا قايتىپ كېلىۋاتقاندا مۇخبىرلارغا: «ياۋروپا رۇسىيەدىن نېفىت ئېلىۋاتىدۇ. مەن ئۇلارنىڭ نېفىت سېتىۋېلىشىنى خالىمايمەن، ئۇلار يۈرگۈزگەن جازالار يېتەرلىك دەرىجىدە قاتتىق ئەمەس. مەن جازا يۈرگۈزۈشكە تەييار، ئەمما ئۇلارنىڭ جازالىرىنى مېنىڭكى بىلەن ئوخشاش دەرىجىدە كۈچەيتىشى كېرەك» دېدى.

ئامېرىكا رەھبىرى بۇ ئۇچۇرنى شەنبە كۈنى ئامېرىكانىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى (Truth Social) دا ناتو دۆلەتلىرى ۋە دۇنياغا يازغان خېتىدىمۇ ئىپادىلىدى. ترامپ: «بارلىق ناتو دۆلەتلىرى ئوخشاش ئىشنى قىلىشقا قوشۇلۇپ ھەرىكەتكە ئۆتكەندە ۋە بارلىق ناتو دۆلەتلىرى رۇسىيەدىن نېفىت سېتىۋېلىشنى توختاتقاندا، مەن رۇسىيەگە زور جازا يۈرگۈزۈشكە تەييار» دېگەن سۆزلەرنى قىلدى.

ترامپ ناتونىڭ رۇسىيە بىلەن يۈزلىشىش مەسىلىسىدىكى ۋەدىسىنىڭ «%100 دىن كۆپ تۆۋەن» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە بەزى دۆلەتلەرنىڭ رۇسىيە نېفىتىنى داۋاملىق سېتىۋېلىشىنى «ئەجەبلىنەرلىك» دەپ ئاتىدى.

ترامپ ئىلگىرى ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشتا ئىلگىرىلەش بولمىسا، رۇسىيە نېفىتىنى سېتىۋالىدىغان دۆلەتلەرگە ئىككىلەمچى جازا يۈرگۈزۈش بىلەن تەھدىت سالغان ئىدى.

ئامېرىكا ھىندىستاننىڭ رۇسىيە نېفىتى ئىمپورتىنى داۋاملاشتۇرغانلىقىنى سەۋەب كۆرسىتىپ، ھىندىستان ماللىرىغا %25 لىك قوشۇمچە تاموژنا بېجى يۈرگۈزمەكتە.

گ7 دۆلەتلىرى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيە نېفىتىگە باھا چېكى قويدى. بۇنىڭغا قارىتا، رۇسىيە خىتاي ۋە ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە نېفىت سېتىشنى كۆپەيتتى.

27 ئەزادىن تەركىب تاپقان ياۋروپا ئىتتىپاقى 2028-يىلى 1-يانۋارغىچە رۇسىيە نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئىمپورتىنى پۈتۈنلەي ئاخىرلاشتۇرۇشقا ۋەدە بەردى.

كۈرەش داۋاملاشماقتا

بۇ ئارىلىقتا، ئۇكرائىنا دۆلەت رەئىسى ۋولودىمىر زېلېنسكىي ئۇكرائىنا قىسىملىرىنىڭ شىمالدىكى سۇمى رايونىنىڭ چېگرا ناھىيەلىرىدە ئىلگىرىلىگەنلىكىنى ئېيتتى. بۇ رايون رۇسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئايلاردىن بېرى پۇت تىرەپ تۇرۇۋېلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بىر رايون ئىدى.

زېلېنسكىي كېچىدە قىلغان سىنلىق نۇتقىدا، يۇقىرى دەرىجىلىك قوماندانلاردىن بىرىنىڭ، دونېتسك ۋە خاركىۋ رايونلىرىدىكى 1000 كىلومېتىرلىق فرونت لىنىيەسى بويىچە رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ زور تالاپەتكە ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى نەقىل كەلتۈردى.

زېلېنسكىي يۇقىرى دەرىجىلىك قوماندان ئولېكساندىر سىرسكىينىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ: «سۇمى رايونىنىڭ چېگرا رايونلىرىدا ياخشى نەتىجىلەر بار. ئەسكەرلىرىمىز ئۇكرائىنانىڭ دۆلەت چېگراسىغا قاراپ داۋاملىق ئىلگىرىلەۋاتىدۇ» دېدى.

مەنبە:TRT Uyghur
ئىزدىنىڭ
تۈركىيەدە ھەر 10 كىشىنىڭ 9 ى تور ئىشلىتىدۇ
خىتاينىڭ شەنشى ئۆلكىسىدىكى يامغۇر ۋە سەل ئاپىتى سەۋەبىدىن 115 مىڭدىن ئارتۇق خىتاي مەجبۇرىي كۆچۈرۈلدى
بۇلغارىيەدە دۇنا دەرياسىنىڭ سۇ سەۋىيەسى تۆۋەنلەپ كېتىشى سەۋەبىدىن  پاراخوتلار ئۆتەلمەي ساقلىماقتا
شىمالىي كورېيە ياپونىيەنىڭ تۇنجى «توماھاۋك» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى ئەيىبلىدى
روسىيە: «ناتو ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى خەلقئارالىق تېررورىزمنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندى»
روسىيە: «ئۇكرائىنانىڭ كىيېۋدىكى قاتناش، ئارقا سەپ ۋە تارقىتىش مەركەزلىرىگە زەربە بەردۇق»
سۈنئىي ئەقىل خاككېرلارغا ئەۋزەللىك يارىتىپ بەرمەكتە: ئۆزىمىزنى قانداق قوغدايمىز؟
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى قالىن ئەنقەرەدە لىۋىيەلىك ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشتى
شىمالىي كورېيە ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنى ئەيىبلىدى
ئامېرىكانىڭ غەربىي شىمالىدا 65 مىڭ كىشى ئۆيلىرىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولدى
گۋاتېمالا فىئېگو  ۋولقانىنىڭ پارتلىشى سەۋەبىدىن جىددىي ھالەت ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى
بۈگۈن دۆلەتلىك ھەربىي ئالىي كېڭىشى يىغىنى چاقىرىلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سەئۇدى ئەرەبىستان ۋەلىئەھد شاھزادىسى سەلمان بىلەن كۆرۈشتى
ئىران پىرېزىدېنتى: زېمىن پۈتۈنلۈكىمىزنى قوغدايمىز، لېكىن ئۇرۇشنى كېڭەيتىش ئارزۇيىمىز يوق
ئىبراھىم قالىن ھاماس رەھبىرى بىلەن كۆرۈشۈپ غەززە تىنچلىق پىلانىنى مۇزاكىرە قىلدى