19 دۆلەت كولومبىيەنىڭ ئەلچىخانىسىنى قۇددۇسقا يۆتكىشىنى ئەيىبلىدى
ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
19 دۆلەت كولومبىيەنىڭ ئەلچىخانىسىنى قۇددۇسقا يۆتكىشىنى ئەيىبلىدى19 دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى كولومبىيە ھۆكۈمىتىنى ئىسرائىلىيەدىكى باش ئەلچىخانىسىنى قۇددۇسقا يۆتكەش قارارىدىن ۋاز كېچىشكە چاقىردى.
19 دۆلەت كولومبىيەنىڭ ئەلچىخانىسىنى قۇددۇسقا يۆتكىشىنى ئەيىبلىدى

19 دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كولومبىيەنىڭ قۇددۇستا ئەلچىخانا ئېچىشىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

تۈركىيە، ئالجىرىيە، جىبۇتى، ھىندونېزىيە، پەلەستىن، قاتار، كۇۋەيت، لىۋان، لىۋىيە، مالايشىيا، مىسىر، پاكىستان، سومالى، سۇدان، سۈرىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، ئومان، ئىيوردانىيە ۋە يەمەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى كولومبىيەنىڭ ئىسرائىلىيەدىكى ئەلچىخانىسىنى تېل ئاۋىۋدىن قۇددۇسقا يۆتكىگەنلىكىگە قارشى قوشما بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «تۈركىيە، ئالجىرىيە، جىبۇتى، ھىندونېزىيە، پەلەستىن، قاتار، كۇۋەيت، لىۋان، لىۋىيە، مالايشىيا، مىسىر، پاكىستان، سومالى، سۇدان، سۈرىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، ئومان، ئىيوردانىيە ۋە يەمەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئالاقىدار قارارلىرىغا خىلاپ بولغان، شۇنداقلا ‹ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسى› ئاساسىدا ئادىل ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىق ئورنىتىش يولىدىكى خەلقئارالىق تىرىشچانلىقلارغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بىر قەدەم ھېسابلانغان كولومبىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇددۇستا ئەلچىخانا ئېچىش قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ ۋە رەت قىلىدۇ.»

باياناتتا، مىنىستىرلارنىڭ ئىشغالىيەت ئاستىدىكى قۇددۇسنىڭ قانۇنىي ۋە تارىخىي ئورنىنى ئۆزگەرتىش ياكى قۇددۇسنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى دەپ ئېتىراپ قىلىشنى مەقسەت قىلغان ھەرقانداق تەدبىر ياكى قارارنىڭ ئىناۋەتسىز ئىكەنلىكىنى ۋە قانۇنىي ئۈنۈمگە ئىگە بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەنلىكى بىلدۈرۈلۈپ مۇنداق دېيىلدى:

«بۇ پوزىتسىيە، قۇددۇسنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ياكى ئورنىنى ئۆزگەرتىش ئۇرۇنۇشلىرىنى رەت قىلىدىغان ۋە دۆلەتلەرنى 1967-يىلى ئىشغال قىلىنغان پەلەستىن زېمىنلىرىنىڭ بىر پارچىسى بولغان قۇددۇستىكى دىپلوماتىك ۋەكىللىك ئورگانلىرىنى چېكىندۈرۈشكە چاقىرغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 476 (1980) ۋە 478 (1980) نومۇرلۇق قارارلىرى باشتا بولۇپ، خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنىنىڭ مۇناسىۋەتلىك قارارلىرىغا تولۇق ئۇيغۇندۇر.»

قوشما باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، مىنىستىرلار كولومبىيە ھۆكۈمىتىنى مەزكۇر قارارىنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈشكە، ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىشكە، خەلقئارا قانۇن دائىرىسىدىكى مەجبۇرىيەتلىرىگە رىئايە قىلىشقا ۋە پەلەستىن خەلقىنىڭ پايتەختى شەرقىي قۇددۇس بولغان مۇستەقىل ۋە ئىگىلىك ھوقۇقلۇق بىر پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇش ھوقۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قانۇنلۇق ھەق-ھوقۇقلىرىغا زىيان يەتكۈزىدىغان تەدبىرلەردىن يىراق تۇرۇشقا چاقىرغان.

كولومبىيە 46 يىلدىن كېيىن ئەلچىخانىسىنى قۇددۇسقا يۆتكىگەن ئىدى

كولومبىيە تېل ئاۋىۋدىكى ئەلچىخانىسىنى ئارىدىن 46 يىل ئۆتكەندىن كېيىن قۇددۇسقا يۆتكىگەن ئىدى.

ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى گىدېئون سائار ۋە كولومبىيەلىك كەسىپدىشى ئومار بۇلا ئەسكوبار قۇددۇستىكى يېڭى ئەلچىخانا بىناسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان ئىدى.

ئىسرائىلىيە، 1967-يىلى ئىشغال قىلغان شەرقىي قۇددۇسنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان، 1980-يىلى يەككە تەرەپلىك ھالدا قۇددۇسنى «پايتەختى» ئېلان قىلغان. بىراق دۇنيا مىقياسىدا نۇرغۇن دۆلەت قۇددۇسنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى دەپ قوبۇل قىلمايدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئەلچىخانىلىرى تېل ئاۋىۋدا تۇرىدۇ.

ئامېرىكا، گىۋاتېمالا، گوندۇراس، كوسوۋو، پاراگۋاي، پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى ۋە فىجىنىڭ ئىسرائىلىيەدىكى ئەلچىخانىلىرى قۇددۇسقا جايلاشقان. بۇنىڭدىن سىرت، سومالىدىن ئايرىلىپ يەككە تەرەپلىك مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلغان ۋە ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان سومالىلاند ھۆكۈمىتىمۇ ئىسرائىلىيەدىكى ئاتالمىش ئەلچىخانىسىنى قۇددۇستا ئاچقان ئىدى.

ئىزدىنىڭ
ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى سۆزلىگەندە نۇرغۇن دۆلەت ۋەكىللىرى زالدىن چىقىپ كەتتى
ترامپ: ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇش پات يېقىندا ئاخىرلىشىدۇ
CNN: ئامېرىكا ئىرانغا قارشى GBU-43/B بومبىسىنى ئىشلىتىشنى ئويلاشماقتا
ئۇ ھ ئا ھۇجۇمىدىن كېيىن رۇسىيەنىڭ رىيازان رايونىدىكى نېفىت ئايرىش زاۋۇتىغا ئوت كەتتى
ب د ت: ئۇرۇش توختىتىشقا قارىماي، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى قائىدىگە خىلاپ قىلمىشلىرى داۋاملاشماقتا
خاقان فىدان ئاسىيا بىخەتەرلىك باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن باكۇغا يېتىپ باردى
ھۇسىيلار سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بىر ئۇرۇش ئايروپىلانىغا زەربە بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى
شىمالىي كورېيە ئىككى خىل ئىستراتېگىيەلىك قاناتلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى
غەربىي قىرغاقتا ئاشقۇن ئىسرائىلىيەلىكلەر TRT نىڭ نەق مەيدان پىروگراممىسىغا توسالغۇ بولدى
تەيۋەن: خىتايدىكى ئۆپكە ۋاباسى كېسەللىكىگە مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرنى كۆزىتىمىز
زېلېنسكىي: پۇتىن ترامپقا «ھۆرمەتسىزلىك» قىلدى
ئۆمەربولات: تۈركىيە - ياۋروپا ئتتىپاقى سودىسى 30 يىلدا 11 ھەسسە ئاشتى
ناتو باش كاتىپى: ناتو زۆرۈر تېپىلغاندا رۇسىيەنىڭ ئارىلاشما ھۇجۇملىرىغا جاۋاب قايتۇرىدۇ
ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمى: ئامېرىكانىڭ ھۇجۇم باشلاش ئېھتىماللىقى بار
خاقان فىدان ئاسىيادا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ