خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىران ئامېرىكاغا 1 ئاي مۆھلەت بەردى
ئىران ئامېرىكاغا دېڭىز قورشاۋىنى ھەمدە ئىران ۋە لىۋاندىكى ئۇرۇشلارنى تۈگىتىشى ئۈچۈن 1 ئاي مۆھلەت بەردى.
ئىران ئامېرىكاغا 1 ئاي مۆھلەت بەردى
ئىران ئامېرىكاغا 1 ئاي مۆھلەت بەردى / Reuters

ترامپ ئىراننىڭ تەكلىپىدىن رازى ئەمەسلىكىنى ئېيتتى، ئەمما بۇنى كۆزدىن كەچۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شەنبە كۈنى ئاكسىئوس (Axios) تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بىر خەۋەرگە قارىغاندا، ئىران ھورمۇز بوغۇزىنىڭ قايتىدىن ئېچىلىشى، ئامېرىكا دېڭىز قورشاۋىنىڭ ئاخىرلىشىشى ۋە ئىران بىلەن لىۋاندا ئۇرۇشنىڭ مەڭگۈلۈك توختىتىلىشىغا مۇناسىۋەتلىك بىر كېلىشىم سۆھبىتى ئۈچۈن بىر ئايلىق مۆھلەت بەردى.

تېھران پەيشەنبە كۈنى ۋاشىنگتونغا بىر ئاساسىي كېلىشىم ئۈچۈن 14 ماددىلىق قايتا قاراپ چىقىلغان تەكلىپ سۇندى.

ھۆججەت ھەققىدە ئۇچۇرغا ئىگە بولغان ئىككى مەنبە، تەكلىپنىڭ دېڭىز قاتنىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىدىغان، ئامېرىكا دېڭىز قورشاۋىنىڭ بىكار قىلىنىشىنى ۋە ھەر ئىككى سېپىلدىمۇ دائىمىي ئۇرۇش توختىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر كېلىشىمنىڭ تەمىنلىنىشىگە قارىتا ئېنىق بىر ئايلىق ۋاقىت جەدۋىلىنى كۆزدە تۇتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

مۇخبىرلارنىڭ يېڭى ھۇجۇم بۇيرۇقى بېرىش-بەرمەسلىكى ھەققىدىكى سوئالىغا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ شەنبە كۈنى: "ئەگەر يامان ھەرىكەت قىلسا، يامان بىر ئىش قىلسا... ئەمما ھازىرچە كۈتۈپ تۇرىمىز ۋە كۆرىمىز. جەزمەن بولۇشى مۇمكىن بولغان بىر ئېھتىماللىق" دەپ جاۋاب بەردى.

مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا، تەكلىپ بىرىنچى باسقۇچتىكى كېلىشىم ھاسىل قىلىنغاندىن كېيىن يادرو پروگراممىسىغا مەركەزلىشىدىغان قوشۇمچە بىر ئاي داۋاملىشىدىغان ئىككىنچى باسقۇچنى نىشان قىلىدىكەن.

ترامپ جۈمە كۈنى ئىراننىڭ تەكلىپىدىن رازى ئەمەسلىكىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئەمما شەنبە كۈنى پالم بېيچتىن (Palm Beach) مىئامىغا كېتىشتىن بۇرۇن مۇخبىرلارغا تەكلىپنى ئايروپىلاندا كۆزدىن كەچۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ترامپ: "كۆزدىن كەچۈرۈۋاتىمەن. كېيىن سىلەرگە خەۋىرىنى بېرىمەن،" دېدى ھەمدە كېلىشىمنىڭ ئۇقۇمى ھەققىدە توختىلىپ، <ئەمدى ماڭا تولۇق تېكىستىنى بېرىدۇ> دېدى.

بىر نەچچە مىنۇتتىن كېيىن ترامپ، "Truth Social" سۇپىسىدا تېخىمۇ قاتتىق بىر پوزىتسىيە تۇتتى ۋە بۇنىڭ "قوبۇل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغانلىقىنى" ئېيتىپ، ئىراننىڭ "ئۆتكەن 47 يىلدا ئىنسانىيەتكە ۋە دۇنياغا قىلغانلىرى ئۈچۈن تېخى يېتەرلىك دەرىجىدە ئېغىر بەدەل تۆلىمىگەنلىكىنى" ئوتتۇرىغا قويدى.

شۇ كۈنىدىكى باياناتلىرىدا ترامپ، ئىران پورتلىرىغا قارىتىلغان قورشاۋنى "ناھايىتى دوستانە" ۋە ئېتىراپ قىلىنغان بىر تەدبىر دەپ سۈپەتلىدى ھەمدە بۇنىڭ دۈشمەنلىكلەرنىڭ "ئاخىرلاشقانلىقى" دەۋاسى بىلەن زىت ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Iran says Trump's 'piracy' remark is admission of US actions at sea

 

ئىزدىنىڭ
ئىران ئامېرىكا بىلەن بولغان سۆھبەتلەرگە قايتىش ئۈچۈن شەرتلىرىنى ۋاسىتىچىلەرگە يەتكۈزدى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا 4 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
پەلەستىن تەرەپدارى نامايىشچىلار فىلادېلفىيەدىكى ئېد شېران كونسېرتىغا قارشى نامايىش قىلدى
سابىق چىلى پرېزىدېنتى باچېلېت ب د ت باش كاتىپلىق نامزاتلىقىدىن چېكىندى
ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرق ئۈچۈن خەۋپسىزلىك ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى
پاكىستاندىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 31 گە يەتتى
ئامېرىكا ئۇكرائىنا ئۈچۈن 2 مىليارد 680 مىليون دوللارلىق ھاۋا مۇداپىئە ياردەم لايىھەسىنى تەستىقلىدى
ئامېرىكا ئارمىيەسى كارىب دېڭىزىدا زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى قىلغان  كېمىگە زەربە بەردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان 81 - نۆۋەتلىك ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنى ئۈچۈن ئامېرىكانى زىيارەت قىلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان غازىلار بايرىمىنى تەبرىكلەپ بايانات ئېلان قىلدى
غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدا ئوقۇش قايتا باشلاندى
تېھران - ۋاشىنگتون ئوتتۇرىسىدىكى خەلقئارالىق دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلار ۋە مۇرەسسەچىلىك داۋاملاشماقتا
ئامېرىكا ئۇكرائىنانىڭ ھاۋا مۇداپىئەسى ئۈچۈن قورال سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
پۇتىن: كىيېۋ ھاكىمىيىتىنىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈش نىيىتى يوق
ترامپ شى جىنپىڭ بىلەن «ناھايىتى ئۈنۈملۈك» كۆرۈشۈش ئېلىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى