ئىراقنىڭ شىمالىدا 11 پ ك ك ئەزاسى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدا ئېلىپ بارغان ھاۋا ھۇجۇمى نەتىجىسىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 11 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

ئىراقنىڭ شىمالىدا 11 پ ك ك ئەزاسى بىر تەرەپ قىلىندى / TRT Uyghur

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدا ئېلىپ بارغان ھاۋا ھۇجۇمى نەتىجىسىدە ئالدىن ئېنىقلاپ چىقىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 11 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«قەيەردە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرەش تاكى ئەڭ ئاخىرقى تېررورچى يوقىتىلغانغا قەدەر قەتئىي ئىرادە بىلەن كەسكىن داۋاملىشىدۇ.»