تۈركىيە
1 مىنۇت ئوقۇش
ئەردوغان: «ئىسرائىلىيەنىڭ قاراقچىلىقىغا قارشى ھەممەيلەن بىلەن ئىتتىپاقلىقنى داۋاملاشتۇرىمىز»
ئەردوغان: «ئىسرائىلىيەنىڭ قاراقچىلىقىنىڭ نىشانى بولغان ھەممەيلەن بىلەن تولۇق ئىتتىپاقلىقنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.
ئەردوغان: «ئىسرائىلىيەنىڭ قاراقچىلىقىغا قارشى ھەممەيلەن بىلەن ئىتتىپاقلىقنى داۋاملاشتۇرىمىز»
ئەردوغان: «ئىسرائىلىيەنىڭ قاراقچىلىقىغا قارشى ھەممەيلەن بىلەن ئىتتىپاقلىقنى داۋاملاشتۇرىمىز» / AA

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ۋەھشىي ھۇجۇملىرى ئاستىدا ھايات قېلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان غەززەدىكى مەزلۇملارنىڭ يېنىدا تۇرۇشىغا ھېچكىمنىڭ توسقۇنلۇق قىلالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان نۇتۇقىدا كەسكىن ھالدا، پەلەستىنلىكلەرنى قەتئىي قوللايدىغانلىقىغا ۋەدە بەردى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى.

ئەردوغان چارشەنبە كۈنى پايتەخت ئەنقەرەدە يېڭى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىناسىنىڭ ئۇل سېلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ: «بىز قۇددۇس شەرىفنىڭ ناپاك قوللار تەرىپىدىن بۇلغىنىشىغا يول قويمايمىز. بىلىمەنكى، ھىتلېرغا ئۆزىنى ئوخشىتىۋالغانلارنىڭ بۇ ئاچچىقى بەلكىم ھەرگىز تۈگىمەسلىكى مۇمكىن. بىز مۇسۇلمانلار بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن شەرقىي قۇددۇس ئۈستىدىكى ھوقۇقىمىزدىن بىر قەدەممۇ چېكىنمەيمىز» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يەنە: «زۇلۇم، ئىرقىي قىرغىنچىلىق، ۋەھشىيلىك ۋە بىگۇناھ بالىلارنىڭ ھاياتى بەدىلىگە ئۆزلىرىگە بىخەتەر كەلگۈسى بەرپا قىلىمىز دەپ ئويلايدىغانلار تارىختىكى نۇرغۇن كىشىلەرگە ئوخشاش چوقۇم مەغلۇپ بولىدۇ، ئۆزلىرى تۆككەن قانغا غەرق بولىدۇ. بۇنىڭدىن قېچىش، قۇتۇلۇش مۇمكىن ئەمەس» دېدى.

ئەردوغان تۈركىيەنىڭ «سۈرىيەدىن يەمەنگە، لىۋاندىن قاتارغىچە، ئىسرائىلىيە قاراقچىلىقىنىڭ نىشانى بولغان ھەممەيلەن بىلەن تولۇق ئىتتىپاقلىق ئىچىدە بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى» تەكىتلەپ، ئەنقەرەنىڭ غەززە دەۋاسىغا بولغان سادىقلىقىنى يەنە بىر قېتىم گەۋدىلەندۈردى.

جۇمھۇر رەئىس: «ئىسرائىلىيەنىڭ ۋەھشىي ھۇجۇملىرى ئاستىدا ھايات قېلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان غەززەدىكى مەزلۇملارنىڭ يېنىدا تۇرۇشىمىزغا ھېچكىم توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ» دېدى.

ئەردوغان يەنە: «جىددىيچىلىكتىن ئوزۇقلىنىدىغانلار، رايونىمىزنى قانغا بويىماقچى بولغانلار، جۇغراپىيەمىزدە مۇقىمسىزلىقنى قۇترىتىدىغانلارغا قارشى تارىختىكىگە ئوخشاش بۈگۈنمۇ، ئەتىمۇ ئاللاھ خالىسا قەددىمىزنى تىك تۇتىمىز» دەپ قوشۇمچە قىلدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Erdogan says Netanyahu is Hitler's ideological 'relative', slams Israel over Doha strike

مەنبە:TRT Uyghur
ئىزدىنىڭ
تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى «تارىخىي» كېلىشىمىنى قوللايمىز
«يولبارس» كولومبىيەنىڭ پىرېزىدېنتى بولدى
تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە پاكىستان ئوتتۇرىسىدا «مەككە ئورتاق مۇداپىئە كېلىشىمى» ئىمزالاندى
تايلاندتا مەكتەپتە قانلىق ۋەقە يۈز بەردى
قىرغىزىستاندا ياۋرو-ئاسىيا ھۆكۈمەتلەر ئارا كېڭىشى يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە پاكىستان ئۈچ تەرەپلىك مۇداپىئە كېلىشىمى ئىمزالايدۇ
ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى پاكىستاندىكى قانلىق تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى
ئىران باش مۇزاكىرىچىسى ئامېرىكانى «تىياتىر دىپلوماتىيەسى» يۈرگۈزۈش بىلەن ئەيىبلىدى
خىتاي تەتقىقاتچىلىرى «يېلىم شارچىسى» نىڭ دەلىلىنى تاپتى
خىروشىما ئامېرىكانىڭ ئاتوم بومبىسى تاشلانغانلىقىنىڭ 81 يىللىقىنى خاتىرىلىدى
ترامپ ئامېرىكا قورال كەمچىللىكى مەسىلىسىدە خېگسېتقا بېسىم ئىشلەتكەن
ئىران ئەمەلدارى: ھورمۇز بوغۇزى ئىرانغا قارىتىلغان تەھدىتلەر ئاخىرلاشقۇچە يېپىق قالىدۇ
ياپونىيە باش ۋەزىرى يادرو قوراللىرىنى ئىشلەتمەسلىك ئەنئەنىسىنى قوغداشقا ۋەدە بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى
قانۇنسىز ئىسرائىلىيە كۆچمەنلىرى غەربىي قىرغاقتا پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆيلىرىگە ئوت قويۇپ بەردى
ئىسرائىلىيە رىمدا ۋاسىتىلىك سۆھبەت داۋاملىشىۋاتقاندا لىۋانغا قايتىدىن ھۇجۇم قىلىشنى ئويلاشماقتا