خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
نېپال – خىتاي چېگرا رايونىدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 1410 غا يەتتى
نېپالدا كەم دېگەندە 1367 جەسەت تېپىلدى؛ چېگرا لىنىيەسى بويىدىكى خىتاي تەرەپتە بولسا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 43 كە يەتتى.
نېپال – خىتاي چېگرا رايونىدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 1410 غا يەتتى
نېپال – خىتاي چېگرا رايونىدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 1410 غا يەتتى / Reuters

چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان رەسمىي مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئالدىنقى ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا نېپال – خىتاي چېغراسىغا قاتتىق تەسىر كۆرسەتكەن ۋەيران قىلغۇچ كەلكۈن ۋە تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ئاپەتلىرى سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 1410 غا يەتكەن، 5650 دىن ئارتۇق كىشى ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن. نېپال دائىرىلىرى كەلكۈن ئاپىتىنىڭ ئېغىر زەربىسىگە ئۇچرىغان رايونلاردىن يەنە 10 كىشىنىڭ جەسىتىنى تاپقان.

نېپال ۋە خىتاينىڭ رەسمىي مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ئىز-دېرىكسىز يوقاپ كەتكەنلەردىن 848 ئى چەت ئەللىك ئىكەن.

نېپال دۆلەتلىك ئاپەت خەتەرلىرىنى ئازايتىش ۋە باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نېپالدىكى كەلكۈندە ئاپەتكە ئۇچرىغان ناھىيەلەردىن تەخمىنەن 1367 جەسەت چىقىرىلغان؛ 587 سى چەت ئەللىك بولۇپ يوقاپ كەتكەن 5132 كىشىنىڭ تېخىچە ئىز – دېرىكى يوق ئىكەن.

ئالدىنقى ھەپتە ئاخىرىدا قۇتقۇزۇۋېلىنغان كىشىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندا، ھازىرغىچە قۇتقۇزۇۋېلىنغانلار سانى 13600 دىن ئاشقان.

تىبەتتىكى چوڭ تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش نەتىجىسىدە 43 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان؛ 261 ئى چەت ئەللىك بولۇپ  يوقاپ كەتكەن 519 كىشىنىڭ تېخىچە ئىز-دېرىكى يوق ئىكەن.

ئىزدىنىڭ
ئۆمەربولات: تۈركىيە - ياۋروپا ئتتىپاقى سودىسى 30 يىلدا 11 ھەسسە ئاشتى
خاقان فىدان ئاسىيادا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ
ئىسپانىيەنىڭ مىللىي رېئاكتىپ Hürjet ئايروپىلانىمىزغا بولغان قىزىقىشى زور
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: سۇداندىكى بالىلار يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە قارشى مۇداپىئەسىز ھالەتتە تۇرماقتا
مېكسىكادا بوران-چاپقۇن ۋە قارا يامغۇر سەۋەبىدىن 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يېنىدا» دېدى
ئامېرىكا دائىرىلىرى كۆچمەنلەر تەكشۈرۈشىدە ئىلھان ئۆمەرنىڭ تۇغقانلىرىنى گۇۋاھلىق بېرىشكە چاقىردى
فىرانسىيە پارلامېنتى جىنسىي تاجاۋۇزچىلىققا قارشى كۈرەشكە ئائىت قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى
«Axios» تورى ترامپ بىلەن نېتانياھۇنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى مۇزاكىرە قىلىشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى
ئىسرائىلىيەلىكلەر غەربىي قىرغاقتا بىر مەسچىتنى ۋە بىر ئاپتوموبىلنى كۆيدۈرۈۋەتتى
رۇسىيە: كىيېۋ ۋە خاركىۋ رايونلىرىدىكى ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە زەربە بەردۇق
ترامپ: «ئىرانغا كۈنىنى كۆرسىتىپ قويىمىز»
سۈرىيەنىڭ ھاما ۋىلايىتىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 4 نەپەر بىخەتەرلىك خادىمى قازا قىلدى
ھىندىستاننىڭ بىھار ئىشتاتىدا بالىلار ئولتۇرغان بىر پاراخوت ئۆرۈلۈپ كەتتى
ترامپ: تەيۋەن ئالياسكا تۈرىدىكى تەبىئىي گازنىڭ %30 ىنى 20 يىل بويىچە سېتىۋالىدۇ