غەززە ئۇرۇشى
4 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان قۇرۇقلۇق ھۇجۇمى دۇنيا مىقياسىدا نارازىلىق قوزغىدى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان قۇرۇقلۇق ھەرىكىتى، قورشاۋ ئاستىدىكى بۇ رايوننى پۈتۈنلەي ئىشغال قىلىش پىلانىنىڭ بىر قىسمىدۇر.
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان قۇرۇقلۇق ھۇجۇمى دۇنيا مىقياسىدا نارازىلىق قوزغىدى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان قۇرۇقلۇق ھۇجۇمى دۇنيا مىقياسىدا نارازىلىق قوزغىدى / AA
2025-يىلى9-ئاينىڭ17-كۈنى

ئىسرائىلىيەنىڭ، قورشاۋ ئاستىدىكى شەھەرنى ئىشغال قىلىش پىلانىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە غەززەگە قاراتقان قۇرۇقلۇق ھەرىكىتىنى تۈنۈگۈن باشلىشى دۇنيا مىقياسىدا ئەيىبلەشلەرگە ئۇچرىدى. ئىسرائىلىيەنىڭ يېقىنقى ھۇجۇملىرىدا پەقەت غەززەدىلا 90 غا يېقىن ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان بولۇپ، قورشاۋ ئاستىدىكى باشقا رايونلاردىمۇ نۇرغۇن كىشى ئۆلتۈرۈلدى.

غەززەدە، كۆپىنچىسى قورشاۋدىكى باشقا رايونلاردىن كۆچۈپ كەلگەن بىر مىليونغا يېقىن پەلەستىنلىك قاتتىق ھۇجۇملار ئاستىدا قاپسىلىپ قالغان ئەھۋالدا تۇرماقتا.

تۈركىيە

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، ئىسرائىلىيەنىڭ قۇرۇقلۇق ھەرىكىتىنىڭ يېڭى بىر باسقۇچىنى باشلىشىغا قارىتا، بولۇپمۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن جىددىي خەلقئارالىق ھەرىكەتكە ئۆتۈش چاقىرىقىدا بولدى.

تۈركىيەنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى NSosyal'دا بۇرھانەتتىن دۇران، بۇ ئىشغالىيەتنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ يېڭى بىر «قانلىق باسقۇچى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە ھۇجۇمنىڭ خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك كرىزىسىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

دۇران، «ئەمدى خەلقئارا جەمئىيەت ئۈچۈن باھانە قالمىدى. ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى قاتارلىق بارلىق مەسئۇل ئورگانلارنىڭ دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشى، ئۇرۇش توختىتىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ سادىر قىلغان جىنايەتلىرى سەۋەبىدىن خەلقئارا قانۇن ئالدىدا جاۋاب بېرىشى بىر مەجبۇرىيەتتۇر» دېگەن سۆزلەرنى قىلدى.

كانادا

كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى يېڭى قۇرۇقلۇق ھەرىكىتىنى «قورقۇنچلۇق» دەپ تەرىپلىدى ۋە X سۇپىسىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا «بۇ ئەھۋال ئىنسانپەرۋەرلىك كرىزىسىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋاتىدۇ ۋە گۆرۈگە ئېلىنغانلارنى قويۇپ بېرىشنى خەتەرگە ئۇچرىتىۋاتىدۇ. ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى خەلقئارا قانۇنغا رىئايە قىلىشى كېرەك» دېگەن سۆزلەرگە ئورۇن ئاجراتتى.

فرانسىيە

ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ پەلەستىن زېمىنىنىڭ ئاساسلىق شەھىرىگە قاراتقان ئۇزۇندىن بۇيان كۈتۈلۈۋاتقان قۇرۇقلۇق ھەرىكىتىنى باشلىشىدىن كېيىن، فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ئىسرائىلىيەگە غەززەدىكى «ۋەيران قىلغۇچ ھەرىكىتىنى» توختىتىش چاقىرىقىدا بولدى ۋە «فىرانسىيە، ئىسرائىلىيەگە ئەمدى ھەربىي بىر مەنتىقىسى قالمىغان بۇ ۋەيران قىلغۇچ ھەرىكىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ۋە سۆھبەتلەرنى دەرھال قايتىدىن باشلاش چاقىرىقىدا بولىدۇ» دېدى.

ئىتالىيە

ئىتالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىيو تاجانى، رىمنىڭ غەززەگە قاراتقان داۋاملىشىۋاتقان ئىسرائىلىيە ئىشغالىيىتىگە قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇنىڭ پۇقرالار ئۈچۈن ئېغىر بىر خەتەر ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

Sky TG24 قانىلىغا سۆز قىلغان تاجانى، «بىز غەززەگە قىلىنغان ھۇجۇمغا ھەر ۋاقىت قارشى ئىكەنلىكىمىزنى ئېيتتۇق» دېدى ۋە ۋەزىيەتنىڭ يامانلىشىشىنى توختىتىش ئۈچۈن دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلارنىڭ جىددىيلىكىنى تەكىتلەپ، «ئەمدى ئۇرۇش توختىتىش مۇساپىسىنى تېزلىتىشىمىز كېرەك. بىر ھەل قىلىش چارىسى تېپىش ئاسان بولمايدۇ، ئەمما بىر يول تېپىشىمىز كېرەك» دېدى.

مىسىر

مىسىر، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ھەربىي ئىشغالىيىتىنىڭ يېڭى بىر باسقۇچىنى باشلىشىنى «جىددىيچىلىكنىڭ ئېغىر دەرىجىدە كۈچىيىشى» ۋە «خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنىغا ئوچۇق-ئاشكارە خىلاپلىق قىلىش» دەپ قاتتىق ئەيىبلىدى.

مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ئىسرائىلىيە ئىشغالىيىتىنىڭ كېڭىيىشىنى «مەسئۇلىيەتسىزلىك» دەپ تەرىپلەپ، پەلەستىن زېمىنى ۋە تېخىمۇ كەڭ رايون ئۈچۈن ئاپەتلىك ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىدىن ئاگاھلاندۇردى.

مىنىستىرلىك، خەلقئارا جەمئىيەتنى غەززەدىكى «جىنايەتلەر ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قا قارىتا ھەرىكەتسىز قېلىش بىلەن ئەيىبلەپ، قورشاۋ ئاستىدىكى رايوندا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن جىددىي قەدەملەرنى بېسىشنى تەلەپ قىلدى.

ئىئوردانىيە

ئىئوردانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ ئىسرائىلىيەنىڭ قۇرۇقلۇق ھەرىكىتىنى كېڭەيتىشىنى ۋە قورشاۋ ئاستىدىكى رايونغا قاراتقان قاتتىق بومباردىمانىنى ئەيىبلەپ، بۇنىڭ «خەلقئارا قانۇن ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنىغا ئوچۇق-ئاشكارە خىلاپلىق قىلىش» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مىنىستىرلىقنىڭ باياناتچىسى فۇئاد مىجاللى، ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە مەجبۇرىي كۆچۈرۈش قاتارلىق يېڭى رېئاللىقلارنى تېڭىشقا ئۇرۇنۇشلىرىنى قەتئىي رەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

شوتلاندىيە

شوتلاندىيە باش مىنىستىرى جون سۋىننېي، ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىگە غەززەدىكى ئەھۋالغا مۇناسىۋەتلىك تېخىمۇ كۈچلۈك ھەرىكەت قىلىش چاقىرىقىدا بولۇپ، ئىسرائىلىيەگە جازا يۈرگۈزۈشنى تەلەپ قىلدى.

سۋىننېي X سۇپىسىدا، «غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارىتا سۈكۈت ۋە ھەرىكەتسىزلىك بىر تاللاش ئەمەس. ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان كۈچەيگەن ھۇجۇملىرى ۋە ب د ت نىڭ يېقىنقى دوكلاتى، ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى ئۈچۈن بىر ئويغىنىش چاقىرىقى بولۇشى كېرەك» دەپ ھەمبەھىرلىدى ۋە «ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى جازالارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا جاۋاب بېرىشى كېرەك» دېگەننىمۇ ئالاۋە قىلدى.

ب د ت

ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس، قورشاۋ ئاستىدىكى غەززەدىكى ئەھۋالنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ تەرىپلەشتىن ساقلانغان بولسىمۇ، ئەمما «قورقۇنچلۇق» دەپ سۈپەتلىدى.

ب د ت تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سادىر قىلغانلىقى توغرىسىدىكى قارارىغا مۇناسىۋەتلىك بىر سوئالغا جاۋاب بەرگەن گۇتېررېس، «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ قانۇنىي بېكىتىلمىسىنى چىقىرىش باش كاتىپنىڭ ھوقۇقى دائىرىسىدە ئەمەس، بۇ ھوقۇق خەلقئارا ئەدلىيە سوتى قاتارلىق مۇۋاپىق ئەدلىيە ئورگانلىرىغا تەۋە» دېدى.

بىر مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بولسا، گۇتېررېس، «بۈگۈن غەززەدە يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار قورقۇنچلۇق» دېدى ۋە غەززەدىكى ئەھۋالنى «سىستېمىلىق بىر ۋەيرانچىلىق» دەپ تەرىپلەپ، «پۇقرالارنىڭ بۇنداق كەڭ كۆلەمدە ئۆلتۈرۈلۈشىنى، مەن باش كاتىپ بولغاندىن بۇيانقى ھېچقانداق توقۇنۇشتا كۆرگىنىمنى ئەسلىيەلمەيمەن» دېدى.

مەنبە:TRT Uyghur
ئىزدىنىڭ
سەئۇدى ئەرەبىستان-تۈركىيە مەبلەغ سېلىش مۇنبىرى رىيادتا ئېچىلدى
ئۇكرائىنا، رۇسىيە ۋە ئامېرىكا ئۈمەكلىرى ئەبۇ دەبىدە تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزىدۇ
ھاۋانا «دىيالوگ» ئۆتكۈزۈلمىگەنلىكىنى، ترامپ كۇبا بىلەن سۆھبەتنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى
مېرز: داۋالغۇشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن «تېخىمۇ مۇستەقىل» ياۋروپا بەرپا قىلىشىمىز كېرەك
ئىستانبۇلدا تۈركىيە، پاكىستان ۋە ئەرەب دىپلوماتلىرى قاتنىشىدىغان ئامېرىكا-ئىران سۆھبىتى ئۆتكۈزىلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان مەركىزىي بانكىغا يېڭى مۇئاۋىن رەئىسلەرنى تەيىنلىدى
ياپونىيەدە قاتتىق قار يېغىش نەتىجىسىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 30 غا يەتتى
سۈرىيە خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ي پ گ بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىمگە ئاساسەن قامىشلىغا كىردى
ئەنگلىيەنىڭ سابىق ئامېرىكا باش ئەلچىسى، ئېپىستىين بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى سەۋەبىدىن ئىستىپا بەردى
نىگېرىيە قىسىملىرى بوكو ھارامنىڭ ئاتالمىش قوماندانىنى ۋە باشقا 10 تېررورچىنى ئۆلتۈردى
ئۇكرائىنانىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا رۇسىيەدە ئىككى كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئىران جىددىيچىلىك داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ئامېرىكا بىلەن جىمجىت دىپلوماتىيە سىگنالى بەرمەكتە
جەنۇبىي كورېيە نوردىك رايونى بىلەن بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
تۈركىيە ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىنى «قاتتىق» ئەيىبلىدى
سابىق ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى باراك ئېپشتېيننىڭ نىيۇيوركتىكى ئارامگاھىدا كۆپ قېتىم تۇرغان