ئىقتىساد
3 مىنۇت ئوقۇش
ھىندىستان ئىسرائىلىيە بىلەن مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى تۈزدى
دۇنيا غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق سەۋەبلىك تېل ئاۋىۋغا بېسىم ئىشلىتىۋاتقان بىر پەيتتە، ھىندىستان ئىسرائىلىيە بىلەن مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى تۈزدى.
ھىندىستان ئىسرائىلىيە بىلەن مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى تۈزدى
/ Reuters
2025-يىلى9-ئاينىڭ9-كۈنى

ئىسرائىلىيەنىڭ خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان بولۇشىغا قارىماي، ئىككى دۆلەت مالىيە مىنىستىرلىرى يېڭى دېھلىدا كېلىشىم تۈزۈپ، مۇناسىۋەتنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى.

غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق سەۋەبلىك تېل ئاۋىۋنىڭ سىياسىي يالغۇزلۇقى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان نۆۋەتتىكى شارائىتتا، ھىندىستان بىلەن ئىسرائىلىيە سودا ۋە مالىيە ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن ئىككى تەرەپلىك مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى تۈزدى.

بۇ كېلىشىم ئىسرائىلىيەنىڭ ئەسەبىي ئوڭ قانات مالىيە مىنىستىرى بېزالېل سموترىچنىڭ يېڭى دېھلىدا ئۈچ كۈنلۈك زىيارەتتە بولۇپ، ھىندىستان مالىيە مىنىستىرى نىرمالا سىتارامان بىلەن كۆرۈشۈشى جەريانىدا ئىمزالاندى. ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ھىندىستاننىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتى (OECD) غا ئەزا بىر دۆلەت بىلەن تۈزىگەن تۇنجى مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

ھىندىستان مالىيە مىنىستىرلىقى بۇ كېلىشىمنى «تارىخىي بۇرۇلۇش نۇقتىسى» دەپ تەرىپلەپ، ئۇنىڭ پۇل-مۇئامىلە تېخنىكىسى، ئۇل ئەسلىھە، پۇل-مۇئامىلەنى تەڭشەش ۋە رەقەملىك پۇل تۆلەش ساھەلىرىدىكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. سىتارامان يەنە «تور بىخەتەرلىكى، دۆلەت مۇداپىئەسى، يېڭىلىق يارىتىش ۋە يۇقىرى تېخنىكا» قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنىڭمۇ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

غەربىي قىرغاقتىكى قانۇنسىز ئولتۇراق رايونلار بىلەن بولغان ئالاقىسى سەۋەبلىك نۇرغۇن غەرب ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئېمبارگوسىغا ئۇچرىغان سموترىچ، كېلىشىمگە «ئورتاق غايىمىز ئۈچۈن مۇھىم بىر ئىستراتېگىيەلىك قەدەم» دەپ باھا بەردى.

ئۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى X (ئىكس) تَكى يازمىسىدا: «بۈگۈن ھىندىستان بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان بۇ كېلىشىم ئىقتىسادىي ئېشىشىمىزنى، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىمىزنى ۋە ئۆزئارا گۈللىنىشىمىزنى ئىلگىرى سۈرىدۇ» دېدى. ئۇ يەنە: «بۇ كېلىشىم ھەر ئىككى دۆلەتتىكى مەبلەغ سالغۇچىلارغا يېڭى پۇرسەتلەرنى يارىتىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ ئېكسپورتىنى كۈچەيتىدۇ ۋە كارخانىلارنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ھەم ئەڭ تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان بازارلارنىڭ بىرىدە تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن كېرەكلىك ۋاسىتىلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ» دەپ يازدى.

2024-يىلى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا سوممىسى 3 مىليارد 900 مىليون دوللارغا، ئۆزئارا مەبلەغ سېلىش سوممىسى تەخمىنەن 800 مىليون دوللارغا يەتتى. دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە بىخەتەرلىك ھەمكارلىقى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسىي ئومۇرتقىسىنى تەشكىل قىلىدىغان بولۇپ، ھىندىستان ئىسرائىلىيەنىڭ ئەڭ چوڭ قورال-ياراغ خېرىدارى ھېسابلىنىدۇ.

غەززە ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ كۆلەڭگىسىدە چوڭقۇرلىشىۋاتقان مۇناسىۋەتلەر

ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى مەزكۇر كېلىشىم ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ۋەھشىيلىكى سەۋەبلىك خەلقئارا ئەدلىيە دىۋانىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىدە بولسا ئۇرۇش جىنايەتلىرى بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان بىر پەيتتە ئىمزالاندى. 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە بالىلار بولۇپ 64 مىڭ 500 دىن ئارتۇق پەلەستىنلىك ئۆلتۈرۈلدى.

شۇنداقتىمۇ ھىندىستان باش مىنىستىر نارېندرا مودى رەھبەرلىكىدىكى ھىندى مىللەتچى ھۆكۈمىتى بۇ جەرياندا ئىسرائىلىيە بىلەن تېخىمۇ يېقىنلاشتى. يېڭى دېھلى 7-ئۆكتەبىردىكى ھۇجۇمنى «تېررورلۇق ھەرىكىتى» دەپ ئەيىبلىگەن تۇنجى پايتەختلەرنىڭ بىرى  بولۇپ قالدى؛ شۇنىڭدىن بېرى پەلەستىننى قوللايدىغان نامايىشلارنى قاتتىق باستۇرۇپ، ئىسرائىلىيەنى قوللايدىغان يىغىلىشلارنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىگە رۇخسەت قىلدى.

گەرچە ھىندىستان رەسمىي جەھەتتىن پەلەستىن مەسىلىسىنى «ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش» لايىھەسىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، غەززەدە «دەرھال، شەرتسىز ۋە مەڭگۈلۈك ئۇرۇش توختىتىش» قا چاقىرغان 2024-يىللىق ئومۇمىي كېڭەش ئاۋاز بېرىشتە ھەمدە ب د ت نىڭ ئىسرائىلىيەنى تەنقىد قىلىدىغان نۇرغۇن قارارلىرىغا ئاۋاز بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئىسرائىلىيە مائارىپ ساھەسىدە ھىندىستان بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى كۈچەيتتى. ھازىر ئىسرائىلىيەدىكى چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكىنى ھىندىستان پۇقرالىرى ئىگىلەيدۇ.

تېخىمۇ كەڭ رايونلۇق ئارقا كۆرۈنۈش

بۇ كېلىشىم ئۆزگىرىشچان گېئوسىياسىي تەڭپۇڭلۇق ئىچىدە تۈزۈلدى. ھىندىستان ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قاراتقان ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلەشنى رەت قىلىپ، تېل ئاۋىۋنى تەنقىد قىلىدىغان بىر قىسىم كۆپ تەرەپلىك باياناتلارغا قاتنىشىشقا قارشىلىق كۆرسەتتى.

لېكىن، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئالدىنقى ئايدا ھىندىستان ماللىرىغا %50 تاموژنا بېجى يۈرگۈزۈشىدىن كېيىن، يېڭى دېھلى ئامېرىكا-ئىسرائىلىيەنىڭ ئىراننى بومباردىمان قىلىشىنى ئەيىبلىگەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى (SCO) باياناتىغا ئىمزا قويدى.

ھىندىستان يەنە ئۇزۇن يىللىق رەقىبى خىتاي بىلەن بولغان جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىدا، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مودىغا بېيجىڭ بىلەن يېڭى دېھلىنىڭ «رەقىب ئەمەس، بەلكى ھەمراھ بولۇشى كېرەكلىكى»نى تەكىتلىدى.

سموترىچنىڭ يېڭى دېھلىدا قىزغىن كۈتۈۋېلىنىشى مودى ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىنكاسلىرىغا پەرۋا قىلماي، ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى نامايان قىلدى. تەنقىدچىلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ كېلىشىم دۇنيانىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقى سەۋەبىدىن جاۋابكارلىققا تارتىلىشىنى تەلەپ قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنسانىي قىممەتلەردىن كۆرە ئىقتىسادىي ۋە ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتنى ئۈستۈن كۆرىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

ئىزدىنىڭ
خاقان فىدان ئىراننىڭ «پەردە ئارقىسى دىپلوماتىيەسى» گە ئوچۇق بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى
ھاماس ئىراننى قوشنا دۆلەتلەرنى ھۇجۇم نىشانى قىلماسلىققا چاقىردى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇمىدا ئالتە كىشى قازا قىلدى
ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا يەھۇدىي كۆچمەنلەر پەلەستىنلىكلەرگە ھۇجۇم قىلدى
تۈركىيە 2000 كىلومېتىر مۇساپىلىق، سۈنئىي ئىدراكلىق «كامىكازې» ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنى ئېلان قىلدى
ترامپ ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ خارگ ئارىلىنى كەڭ كۆلەمدە بومباردىمان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى
ئەردوغان: تۈركىيەنى رايوندىكى «ئوت قاينىمى» دىن يىراق تۇتۇش ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە
ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرققە تېخىمۇ كۆپ ئەسكەر ۋە ئۇرۇش پاراخوتى ئەۋەتىدۇ
تۈركىيە بايرىقى ئېسىلغان بىر پاراخوت ھۆرمۈز بوغۇزىدىن ئۆتتى
پاكىستان باش مىنىستىرى شېرىف دۆلىتىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاننى «تولۇق قوللايدىغانلىقى» غا ۋەدە بەردى
ئىران تۈركىيە ھاۋا تەۋەلىكىگە قويۇپ بەرگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبا ناتو تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىندى
رۇسىيە خەلقئارا ئېنېرگىيە بازىرىنىڭ ئۆزىگە موھتاجلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئامېرىكاغا بېسىم ئىشلەتمەكتە
پاكىستان ئافغانىستاننىڭ كابۇل شەھىرى ۋە بىر قىسىم چېگرا ۋىلايەتلىرىگە يېڭىدىن ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى
ئامېرىكا، رۇسىيە ۋە خىتاي ئىران يادرو پىروگراممىسى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە بىر – بىرىنى ئەيىبلىدى
ئىسرائىلىيەنىڭ بېيرۇتتىكى ھۇجۇمىدا ئىككى كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى