سىياسەت
3 مىنۇت ئوقۇش
ياپونىيەدە 2024-يىلى نوپۇس رېكورت دەرىجىدە ئازايدى
ياپونىيەدە تۇغۇت نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشى ئەندىشە پەيدا قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا: 2024-يىلى نوپۇس رېكورت دەرىجىدە ئازايدى
ياپونىيەدە 2024-يىلى نوپۇس رېكورت دەرىجىدە ئازايدى
/ Reuters
2025-يىلى8-ئاينىڭ7-كۈنى

ياپونىيە سەھىيە ۋىزارىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، دۆلەتتە ئۆتكەن يىلى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ سانى خاتىرىلەش باشلانغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم 700 مىڭدىن تۆۋەنلىگەن.

2024-يىلى ياپونىيەدىكى يەرلىك ياپون نوپۇسى 900 مىڭدىن ئارتۇق ئازىيىپ، تارىختىكى ئەڭ زور تۆۋەنلەشنى كۆرسەتتى. رەسمىي مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ دۆلەت ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان تۇغۇت نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلماقتا ئىكەن.

گەرچە نۇرغۇن تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر تۇغۇت نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشىگە دۇچ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ مەسىلە ياپونىيەدە تېخىمۇ روشەن ئىپادىلەنمەكتە.

يىللاردىن بۇيان نوپۇس ئازىيىش كىرىزىسىگە دۇچار بولۇۋاتقان بۇ دۆلەتتە، باش ۋەزىر ئىشىبا شىگېرۇ ۋەزىيەتنى «شەپىسىز جىددىي ھالەت» دەپ تەسۋىرلەپ، تېخىمۇ جانلىق خىزمەت ۋاقتى ۋە ھەقسىز يەسلى قاتارلىق ئائىلىلەرگە قولايلىق يارىتىدىغان تەدبىرلەرنى يولغا قويىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلدى.

2024-يىلى ياپونىيە پۇقرالىرىنىڭ سانى 908 مىڭ 574 كىشى ئازىيىپ، 120 مىليون 650 مىڭغا چۈشۈپ قالدى. بۇ ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %0.75 ئازايغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

ياپونىيە ئىچكى ئىشلار ۋىزارىتى چارشەنبە كۈنى بايانات بېرىپ، بۇنىڭ 1968-يىلىدىن بۇيانقى يىللىق نوپۇس تەكشۈرۈشلىرىدە خاتىرىلەنگەن ئەڭ چوڭ ئازىيىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئۇدا 16-يىل نوپۇسنىڭ ئازايغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، ياپونىيەدىكى چەت ئەللىكلەر نوپۇسى 2013-يىلى خاتىرىلەش باشلانغاندىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتتى. 2025-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە بولغان سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، دۆلەتتە 3 مىليون 670 مىڭ چەت ئەللىك ياشايدىغان بولۇپ، بۇ ياپونىيەنىڭ 124 مىليون 300 مىڭدىن ئاشىدىغان ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ تەخمىنەن %3 ىنى تەشكىل قىلىدۇ.

دۆلەتنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 2023-يىلىغا سېلىشتۇرغاندا %0.44 ئازايدى.

ھۆكۈمەت تۇغۇت نىسبىتىنىڭ توختىماي تۆۋەنلىشىنى ئۆزگەرتىشتە قىينىلىۋاتقان بىر پەيتتە، پۇل پاخاللىقى ۋە باشقا ئىجتىمائىي ئەندىشىلەر سايلىغۇچىلار ئارىسىدا بىئاراملىق پەيدا قىلماقتا. بۇ خىل ۋەزىيەتتە «ئالدى بىلەن ياپونلار» شوئارىنى ياقلاپ چىققان يېڭى بىر ئۆكتىچى پارتىيە كۈچىيىشكە باشلىدى.

كۆچمەنلەرگە قارشى سۆز-ھەرىكەتلىرى بىلەن دىققەت تارتىۋاتقان بۇ پارتىيە، چەت ئەللىكلەرنىڭ ياپونىيە پۇقرالىرىدىن كۆپرەك ئىجتىمائىي پاراۋانلىقتىن بەھرىمەن بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدە ئاساسسىز دەۋالارنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

يەنە بىر تەرەپتىن، چەت ئەللىكلەر نوپۇسنىڭ قېرىشىشى سەۋەبىدىن كۈچىيىۋاتقان ئىشچى كۈچى يېتىشمەسلىكىنى تولۇقلاشتا مۇھىم رول ئويناۋاتقان بولۇپ، ئۇلار ئاساسلىقى ئىشلەپچىقىرىش، ساياھەت ۋە پارچە سېتىش ساھەلىرىگە ئىشقا ئورۇنلاشماقتا.

تاشلىۋېتىلگەن ئۆيلەر

ياپونىيەدە 65 ياش ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى پۇقرالار ئومۇمىي نوپۇسنىڭ تەخمىنەن %30 ىنى تەشكىل قىلسا، 15 ياشتىن 64 ياشقىچە بولغان نوپۇس نىسبىتى %60 گە يەتتى. ھەر ئىككى ياش گۇرۇپپىسىدىكى نىسبەت ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا ئازراق ئاشتى.

دۇنيا بانكىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ياپونىيە نوپۇسنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى جەھەتتە موناكودىن كېيىن دۇنيادىكى ئىككىنچى ئەڭ قېرى دۆلەت ھېسابلىنىدىكەن.

ياپونىيە سەھىيە ۋىزارىتىنىڭ ئىيۇن ئېيىدا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، 2024-يىلى دۆلەتتە تۇغۇلغانلار سانى تۇنجى قېتىم 700 مىڭنىڭ ئاستىغا چۈشكەن. ئۆتكەن يىلى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە 686 مىڭ 61 بوۋاق دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، بۇ سان 2023-يىلىغا سېلىشتۇرغاندا 41 مىڭ 227 ئازايغان. بۇ 1899-يىلىدىن بۇيانقى خاتىرىلەر ئىچىدىكى ئەڭ تۆۋەن تۇغۇلۇش سانى سۈپىتىدە خاتىرىلەنگەن.

نوپۇسنىڭ تېز سۈرئەتتە قېرىشىشىنىڭ تەسىرى پەقەت نوپۇس قۇرۇلمىسى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ؛ يېزا-قىشلاقلاردىكى نوپۇسنىڭ ئازىيىشى تاشلىۋېتىلگەن تۇرالغۇلار سانىنىڭمۇ كۆپىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن يىلى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، يېقىنقى 20 يىلدا پۈتۈن مەملىكەت بويىچە تەخمىنەن 4 مىليون تۇرالغۇ تاشلىۋېتىلگەن.

بۇ تۇرالغۇلارنىڭ كۆپ قىسمى چوڭ شەھەرلەردە ياشايدىغان كىشىلەرگە مىراس قالغان، ئەمما ئۇلار ئاسراشقا قۇربى يەتمەيدىغان ياكى ئاسراشنى خالىمايدىغان ئۆيلەردىن تەركىب تاپىدىكەن.

يەنە بىر تەرەپتىن، دۇنيادىكى ئەڭ ياشانغان كىشى بولغان ياپونىيە پۇقراسى تومىكو ئىتوكا دېكابىردا 116 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.

گەرچە ئاياللارنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشى ياپونىيەدە كۆپ ئۇچرايدىغان ئەھۋال بولسىمۇ، ياشانغانلار نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشى سەھىيە ۋە ئىجتىمائىي مۇلازىمەت خىراجەتلىرىدە ئېغىر يۈك پەيدا قىلماقتا. ئىشچى كۈچىنىڭ ئازىيىشى بولسا، بۇ خىراجەتلەرنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەشتە ئۇزۇن مۇددەتلىك خەتەرلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ.

ئىزدىنىڭ
رۇبىيو: ترامپ ئىران بىلەن كېلىشىم تۈزۈشنى ئەۋزەل كۆرىدۇ
ترامپ: يادرو سۆھبىتىدىكى مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئاچقۇچى «قورقۇنچ» بولۇشى مۇمكىن
خىتاي ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنى ئەيىبلىدى
ترامپ ئىران كېلىشىمىنىڭ كېلەر ئاي ئەمەلگە ئېشىشىنى ئۈمىد قىلماقتا
«بۇلدوزېر سىياسىتى» ئەندىشە پەيدا قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، دۇنيا رەھبەرلىرى مىيۇنخېندا جەم بولدى
ترامپ ئىراننى «ناھايىتى چوڭ ئىش بولىدىغانلىقى» بىلەن ئاگاھلاندۇردى
ھىندونېزىيە: غەززە تىنچلىق ساقلاش قوشۇنىنىڭ ئومۇمىي ئەسكەر سانى 20 مىڭغا يېتىشى مۇمكىن
ئامېرىكا - ئىران سۆھبىتىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ تېھران يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنى ئومانغا ئەۋەتتى
ئىسلامئابادتا بىر مەسچىتتە ئادەم بومبا پارتلىدى
موسكۋادا رۇسىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك گېنېرالى ئوققا تۇتۇلدى، قاچقۇننى تۇتۇش ھەرىكىتى باشلاندى
ئومان ئامېرىكا-ئىران ئوتتۇرىسىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق ۋاسىتىلىق سۆھبەتكە ساھىبخانلىق قىلدى
ئىران: ئامېرىكا بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان ئومان سۆھبەتلىرىدە «ياخشى نىيەت» بىلەن ھەرىكەت قىلىمىز
خىتاي بىلەن جەنۇبىي كورېيە ئورتاق دېڭىز مانېۋىرلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلماقتا
مارك كارنېي تۈركىيەنىڭ كانادا ئۈچۈن «ھالقىلىق ئەھمىيەتكە ئىگە شېرىك» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى
جەنۇبىي كورېيە خىتاي بىلەن سىيرەك توپا ئېلېمېنتلىرى ھەمكارلىقى ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە
ئۇكرائىنا، رۇسىيە ۋە ئامېرىكا ئۈمەكلىرى ئەبۇ دەبىدە تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزىدۇ
ھاۋانا «دىيالوگ» ئۆتكۈزۈلمىگەنلىكىنى، ترامپ كۇبا بىلەن سۆھبەتنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى
پۇتىن ئىراننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خەۋپسىزلىك ئەمەلدارى بىلەن كۆرۈشتى
ئامېرىكا ئىران بىلەن بولغان جىددىيچىلىك سەۋەبىدىن ئوتتۇرا شەرققە يەنە بىر ئۇرۇش پاراخوتى ئەۋەتىدۇ
ئىران: ترامپ ئۇرۇش قوزغىيالىشى مۇمكىن، ئەمما قانداق ئاخىرلىشىشىنى كونترول قىلالمايدۇ