ئەردوغان تەرەققىي قىلىۋاتقان سەككىز دۆلەت تەشكىلاتى يىغىنى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى
دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تەرەققىي قىلىۋاتقان سەككىز دۆلەت (د-8) تەشكىلاتىنىڭ 11-نۆۋەتلىك دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى يىغىنىدا ماقۇللانغان قارارلارنىڭ تۈركىيە ۋە رايون ئۈچۈن خەيرلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، تەرەققىي قىلىۋاتقان سەككىز دۆلەت تەشكىلاتىنىڭ 11 – نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.
ئەردوغان باياناتىدا مۇنداق دېدى:
«دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرەدە چاقىرىلغان تەرەققىي قىلىۋاتقان سەككىز دۆلەت تەشكىلاتىنىڭ 11-نۆۋەتلىك دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ دۆلىتىمىزگە قايتتۇق. يىغىندا ئېلىپ بارغان كېڭەشلىرىمىز ۋە چىقارغان قارارلىرىمىزنىڭ دۆلەتلىرىمىز ۋە رايونىمىز ئۈچۈن خەيرلىك بولۇشىغا تىلەكداشمەن.»
ئەردوغان باياناتىدا تەرەققىي قىلىۋاتقان سەككىز دۆلەت تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا ئائىت كۆرۈنۈشلەرگىمۇ ئورۇن بەردى.