ئەردوغان: دۆلىتى ۋە مىللىتىنى سۆيىدىغانلارنىڭ ھەممىسى باش تاجىمىز

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان دۆلىتى، مىللىتى ۋە زېمىنىنى چىن دىلىدىن سۆيىدىغانلارنىڭ ھەممىسىنى باش تاجى قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

ئەردوغان: دۆلىتى ۋە مىللىتىنى سۆيىدىغانلارنىڭ ھەممىسى باش تاجىمىز / TRT Uyghur

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى مەدەنىيەت-سەنئەت چوڭ مۇكاپاتى تارقىتىش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى.

ئەردوغان سۆزىدە، تۈركىيە ۋە چەت ئەللەردىكى تەتقىقات خىزمەتلىرى بىلەن مەدەنىيەت-سەنئەت دۇنياسىغا يېڭى ئۇپۇقلارنى ئاچقان بارلىق سەنئەتكارلارغا چىن دىلىدىن قىزغىن سالام يوللايدىغانلىقى ۋە چەكسىز ھۆرمەت بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۆز كەسپىدە چىن دىلىدىن خىزمەت ئىشلەپ، مۇۋەپپەقىيەت قازانغان، مىللىتىمىزنىڭ دەردى بىلەن دەردلەنگەن، مىللىتىمىزگە تەكەببۇرلۇق بىلەن يۇقىرىدىن قارىمىغان ھەربىر شەخسكە دۆلەت سۈپىتىدە قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردەم بېرىۋاتىمىز، قوللاپ - قۇۋۋەتلەۋاتىمىز.»

ئۇ يەنە، دۆلىتى، مىللىتى ۋە زېمىنىنى چىن دىلىدىن سۆيىدىغانلارنىڭ ھەممىسىنى باش تاجى قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقلىرىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.