خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىران ئامېرىكانى ئىسلامئاباد كېلىشىمىگە «روشەن» خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى
تېھران ۋاشىنگتوننىڭ ئىراننىڭ نېفىت سېتىشىغا قارىتىلغان ئېمبارگولارنى يېنىكلىتىش قارارىنى قايتۇرۇۋېلىش ئارقىلىق، ئىسلامئاباد كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
ئىران ئامېرىكانى ئىسلامئاباد كېلىشىمىگە «روشەن» خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى
ئىران ئامېرىكىنىڭ جازا تەدبىرىنى ئىسلامئاباد يادنامىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىق دەپ ئەيىبلىدى. / Reuters

ئىران ۋاشىنگتوننىڭ ئىراننىڭ نېفىت سېتىشىغا قارىتىلغان ئېمبارگولارنى ۋاقىتلىق توختىتىپ تۇرۇش تەدبىرىنى قايتۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان ئۆزئارا ئوق چىقىرىشنى توختىتىش كېلىشىمى بولغان ئىسلامئاباد كېلىشىمىگە «روشەن» خىلاپلىق قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ چىقارغان قارارىنىڭ ھاسىل قىلىنغان كېلىشىم تېكىستىنىڭ 15-ماددىسىغا «روشەن خىلاپلىق قىلىش» ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەمدە كېلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەتلەرگە ۋاشىنگتوننى مەسئۇل دەپ كۆرسەتتى.

مىنىستىرلىق كېلىشىم ئىمزالىنىپ تېخى 20 كۈنمۇ ئۆتمەي تۇرۇپ تاشلانغان بۇ قەدەمنىڭ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ غەرىزىنىڭ يامانلىقىنى، ئىشەنچسىزلىكىنى ۋە بەرگەن ۋەدىلىرىگە ۋاپا قىلمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

مىنىستىرلىق ئىراننىڭ «پۈتۈنلەي ياخشى نىيەت بىلەن» ھەرىكەت قىلغانلىقىنى ۋە كېلىشىم ئىمزالانغاندىن بۇيان، كېلىشىم دائىرىسىدىكى مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن قولىدىكى بارلىق ئىمكانىيەتلەرنى سەپەرۋەر قىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

مىنىستىرلىق ۋاشىنگتوننى كېلىشىمگە كۆپ قېتىم خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇنىڭ بۇ خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىنى تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن يوللۇق كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنىمۇ قەيت قىلدى.

بۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكانىڭ كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىشىدىن كېيىن كېلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەتلەر توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، ئىراننىڭ مىللىي مەنپەئەتى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن زۆرۈر دەپ قارىغان بارلىق تەدبىرلەرنى ئالىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكا بىر قاتار ھۇجۇملارنى باشلىدى

ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابى (CENTCOM) ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ، ئىراننىڭ ھورمۇز بوغۇزىدىن ئۆتۈۋاتقان ئۈچ سودا پاراخوتىغا قاراتقان ھۇجۇملىرىغا جاۋاب قايتۇرۇش سۈپىتىدە، ئىرانغا قارشى بىر قاتار ھۇجۇملارنى باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابى باياناتىدا: «ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابى قىسىملىرى خەلقئارالىق سۇ يولىدا خادىملىرى بىگۇناھ پۇقرالاردىن تەركىب تاپقان سودا پاراخوتىنى نىشانغا ئېلىپ ھۇجۇم قىلغانلىقى سەۋەبلىك، ئىرانغا ئېغىر بەدەل تۆلىتىش مەقسىتىدە بىر قاتار كۈچلۈك ھۇجۇملارنى باشلىدى» دېدى.

باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى: «ئامېرىكانىڭ ھۇجۇملىرى ئىراننىڭ ھورمۇز بوغۇزىدىن ئۆتۈۋاتقان ئۈچ سودا پاراخوتىغا قاراتقان ھۇجۇملىرىغا جاۋاب قايتۇرۇش خاراكتېرىگە ئىگە. ئىراننىڭ بۇ خىل تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتى ئاساسسىز، خەتەرلىك بولۇپ، ئۆزئارا ئوق چىقىرىشنى توختىتىش كېلىشىمىگە روشەن خىلاپلىق قىلغانلىقتۇر.»

ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابى ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتلەرنىڭ نىشانى ياكى كۆلىمى توغرىسىدا تەپسىلىي ئۇچۇر بەرمىدى.

ئىزدىنىڭ
ش ق ت ج ياۋروپانىڭ ۋەكىل تەيىنلىشىنى رەت قىلىپ، ھەل قىلىش سۆھبەتلىرىدە باراۋەر سالاھىيەت تەلەپ قىلدى
بىرازىلىيە پىرېزىدېنتى لۇلا دا سىلۋا ترامپنى «قاراقچىلىق قىلىش» بىلەن ئەيىبلىدى
ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قاراتقان ھۇجۇملىرى تۈنۈگۈن كېچىمۇ داۋاملاشتى
تېررورلۇق تەشكىلاتى «فەتو» دېگەن نېمە؟
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى دائېشنىڭ ئاتالمىش رەھبەرلىرىدىن تالىپ گۈلەرنى قولغا چۈشۈردى
پۈتكۈل تۈركىيە 2016-يىلى 15-ئىيۇل كۈنى خەۋەر تاپقان ByLock پىروگراممىسى
ھورمۇز بوغۇزىدىكى پاراخوت قاتنىشى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالدى
ئىراننىڭ بەزى شەھەرلىرى ۋە كېشم ئارىلىدا پارتلاش ئاۋازلىرى ئاڭلاندى
تايلاندتىكى بىر بەزمىخانىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 27 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئەلىيېۋ تۈركىيە – ئەزەربەيجان مۇناسىۋەتلىرىگە باھا بەردى: بۇنچىلىك دوست بولغان باشقا ئىككى دۆلەت يوق
ئىران «دۈشمەن بازىلىرى»غا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمى ئېلىپ باردى
بىر مىليونغا يېقىن خىتاي ئۆي-ماكانلىرىنى تاشلاپ قاچتى
ياۋروپا ۋە ئەنگلىيە قىرغاقلىرىدا گۆش يەيدىغان ئەجەللىك باكتېرىيە ئەندىشە ياراتتى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سۈرىيەگە يەنە ھۇجۇم قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سىرېبرېنىتسا قىرغىنچىلىقىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنى خاتىرىلىدى