خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
رۇسىيەدە ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ كۈلەڭگىسىدە پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلمەكتە
رۇسىيەدە ئۈچ كۈن داۋاملىشىدىغان پارلامېنت سايلىمى ئۈچۈن بېلەت تاشلاش باشلاندى. پىرېزىدېنت ۋىلادىمىر پۇتىن پۇقرالارنى سايلامغا قاتنىشىشقا چاقىردى؛ ھاكىمىيەت بېشىدىكى «بىرلىككە كەلگەن رۇسىيە» پارتىيەسىنىڭ غەلىبە قىلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.
رۇسىيەدە ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ كۈلەڭگىسىدە پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلمەكتە
روسىيەدە 3 كۈن داۋاملىشىدىغان پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلمەكتە

رۇسىيەلىك سايلىغۇچىلار پىرېزىدېنت ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ پارتىيەسى دەپ قارىلىدىغان «بىرلىككە كەلگەن رۇسىيە»نىڭ غەلىبە قىلىشى مۆلچەرلەنگەن، ئۈچ كۈن داۋاملىشىدىغان پارلامېنت سايلىمىدا بېلەت تاشلاشنى باشلىدى.

رۇسىيە پارلامېنتىنىڭ تۆۋەن پالاتاسى بولغان دۇمادىكى 450 ئورۇننىڭ ئىگىلىرىنى بەلگىلەيدىغان سايلامنىڭ يەكشەنبە كۈنى تۈركىيە ۋاقتى سائەت 21:00 گىچە (GMT 18:00) داۋاملىشىشى، دەسلەپكى نەتىجىلەرنىڭ ئارقىدىنلا ئېلان قىلىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

2022-يىلى فېۋرالدا ئۇكرائىناغا قارىتىلغان كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇملارنى باشلىغان رۇسىيەدە شۇ ۋاقىتتىن بۇيان تۇنجى قېتىم  پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلمەكتە. سايلام يەنە رۇسىيە ئىشغال قىلىپ، ئۆزىگە قوشۇۋالغان ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى زېمىنلاردىمۇ ئۆتكۈزۈلمەكتە.

رۇسىيەلىك سايلىغۇچىلار ۋە تەھلىلچىلەر ھازىرقى دۇمادا ئاللىقاچان كۆپ سانلىقنى ئىگىلىگەن «بىرلىككە كەلگەن رۇسىيە» پارتىيەسىنىڭ سايلامدا غەلىبە قىلىپ، قانۇن چىقىرىش ئورگىنى ئۈستىدىكى ھۆكۈمرانلىقىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىمەكتە.

«بىرلىككە كەلگەن رۇسىيە»دىن باشقا، سايلامغا پەقەت ۋىلادىمىر پۇتىننى ۋە ئۇكرائىنادىكى توقۇنۇشنىڭ داۋاملىشىشىنى ئوخشىمىغان دەرىجىدە قوللايدىغان پارتىيەلەرنىڭ قاتنىشىشىغا رۇخسەت قىلىندى. بۇلار رۇسىيە فېدېراتسىيەسى كوممۇنىستىك پارتىيەسى(KPRF)، مىللەتچى رۇسىيە لىبېرال دېموكراتلار پارتىيەسى  (LDPR)، ئاشقۇن «ئادى ل رۇسىيە» پارتىيەسى ۋە لىبېرال «يېڭى كىشىلەر» پارتىيەسىدىن ئىبارەت.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى چارشەنبە كۈنى كەچتە تېلېۋىزىيەدە تارقىتىلغان قىسقا سۆزىدە پۇقرالارنى بېلەت تاشلاشقا چاقىرىپ: «سىلەرنىڭ تاللىشىڭلار ۋە قەتئىيلىكىڭلار ئۇكرائىنادىكى توقۇنۇشتا مىليونلىغان كىشىنىڭ جەڭچىلىرىمىزنى قوللاۋاتقانلىقىنى ۋە بىزنىڭ ئىتتىپاق ئىچىدە ئىكەنلىكىمىزنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلىدۇ» دېدى.

سايلامغا قاتنىشىشى توسۇپ قېلىنغان، سۈرگۈندىكى ئۆكتىچىلەر بولسا ئۆزلىرىنىڭ سان جەھەتتىكى كۈچىنى نامايان قىلىش مەقسىتىدە، «ئۇرۇشقا قارشى بارلىق رۇسىيەلىكلەر»نى ئوخشاش بىر كۈن ۋە ئوخشاش بىر ۋاقىتتا — 20-سېنتەبىر چۈشتە — ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ پارتىيەسىگە قارشى بېلەت تاشلاشقا چاقىردى.

ئىزدىنىڭ
ئۇكرائىنا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى جىددىي يىغىن ئېچىشقا چاقىردى
FBI خىتايغا چېتىشلىق خاككېرلارنىڭ تور ھۇجۇمى قوراللىرىنى مۇسادىرە قىلدى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى رۇسىيە-ئۇكرائىنا ھۇجۇملىرىدىن ئەنسىرىمەكتە
زېلېنىسكىي: ئۇكرائىنا سۆھبەت ئۆمىكى ئەتە ۋىتكوف ۋە كۇشنېر بىلەن كۆرۈشىدۇ
ھىندىستان، ماسكنىڭ «Starlink» ئەيىبلەشىدىن كېيىن سۈنئىي ھەمراھ ئىنتېرنېت قائىدىلىرىنى ئەسلەتتى
دوكلات: ئامېرىكا ئىران ئۇرۇشىدا 81 ھەربىي ھاۋا ئاپپاراتىدىن ئايرىلغان
30 دوللارغا سېتىۋېلىنغان رەسىم كىمئارتۇقتا 1 مىليون 350 مىڭ دوللارغا سېتىلدى
فىرانسىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشى دۆلەتنى قالايمىقانچىلىق گىردابىغا ئىتتىردى
مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى ئاگاھلاندۇردى: ئەل نىنو تېمپېراتۇرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ
گۇتېررېس پاكىستان رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى: ئۇچرىشىشتا كەشمىر ۋە رايون تىنچلىقى مۇزاكىرە قىلىندى
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: ترامپ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىن بۇرۇن ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىماقتا
ئىران: ئامېرىكانىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەكلىپلىرىگە جاۋاب مۇرەسسەچىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ
پاكىستان ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى
رۇبىيو: ئىران ھورمۇز بوغۇزىدىكى كونتروللۇقىنى «پۈتۈنلەي يوقاتتى»
پاكىستان  مۇساپىسى ئۇزارتىلغان فاتىھ -4   باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى
زېلېنسكىي: «موسكۋا ئۇكرائىناغا قارىتىلغان "چوڭ كۆلەملىك بىر ھۇجۇم" تەييارلىقىدا» دېدى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: «روسىيەگە  ۋاباغا سەۋەب بولغان ئۆلۈم ۋەقەسى توغرىسىدا ئوچۇق يورۇق بولسۇن»
فىرانسىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى رىما ھەسەن ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئىسرائىلىيە بايرىقىنى چۈشۈرىۋەتتى
سىسى لى جەي ميۇڭ بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن جەنۇبىي كورېيەگە يېتىپ باردى
ھىندىستانلىق ئۆكتىچى رەھبەر گەندى سايلامغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش جەريانىدا تۇتۇپ تۇرۇلدى