تۈركىيە
3 مىنۇت ئوقۇش
فىدان ئىراننى قوشنىلىرىغا «قانۇنسىز» ھۇجۇم قىلماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى
خاقان فىدان ئىسرائىلىيەنىڭ ئارقىسىدا ئادەتتىن تاشقىرى كىرىزىس بارلىقىنى ئېيتتى ھەمدە ئىراننى قوشنىلىرىغا «قانۇنسىز» ھۇجۇم قىلماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.
فىدان ئىراننى قوشنىلىرىغا «قانۇنسىز» ھۇجۇم قىلماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى
فىدان ئىراننى قوشنىلىرىغا «قانۇنسىز» ھۇجۇم قىلماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى / AA
2026-يىلى3-ئاينىڭ20-كۈنى

خاقان فىدان رايون دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا «ئورنىنى تولدۇرغىلى بولمايدىغان ۋە مەڭگۈلۈك يىرىمىلىشى» گە سەۋەب بولىدىغان جىددىيچىلىكنى دەرھال توختىتىشقا چاقىردى.

رايوننى ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان كىرىزىسقا سۆرەپ كىرگەن تەرەپنىڭ ئىسرائىلىيە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان، ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ توقۇنۇشتىن ئۆز جىنايەتلىرىنى ۋە بېسىۋېلىش سىياسەتلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن پايدىلىنىشىغا يول قويۇلماسلىقى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

خاقان فىدان بۇ باياناتلارنى پەيشەنبە كۈنى دوھادا قاتار باش مىنىستىرى، قوشۇمچە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيخ مۇھەممەد بىن ئابدۇراھمان ئالسانى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بەردى. سۆھبەتنىڭ جىددىيچىلىكنى پەسەيتىشنى مەقسەت قىلغان رايونلۇق دىپلوماتىيە زىيارىتى دائىرىسىدە ئېلىپ بېرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

داۋاملىشىۋاتقان دىپلوماتىك سۆھبەتلەر جەريانىدا باشلانغان ئامېرىكا-ئىسرائىلىيە ھۇجۇملىرىنىڭ دائىرىسىنىڭ كېڭەيگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن خاقان فىدان، بۇنىڭ رايوننى كەڭ كۆلەملىك توقۇنۇش مەيدانىغا ئايلاندۇرۇپ قويغانلىقىنى ۋە دۇنياۋى مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

خاقان فىدان: «پۇقراۋى ئۇل ئەسلىھەلەرنى ۋە خەلقنى نىشان قىلغان ھۇجۇملارنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز ھەم رەت قىلىمىز. تۈركىيە ھەر دائىم قاتار بىلەن ھەمنەپەستۇر، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ھەمنەپەس بولۇشنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرىدۇ» دېدى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىرانغىمۇ ئوچۇق سىگنال بەرگەن خاقان فىدان، رايون دۆلەتلىرىگە قارىتىلغان ھۇجۇملارنىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ: «باھانىسى قانداق بولۇشتىن قەتئىينەزەر، ئىراننىڭ رايون دۆلەتلىرىگە قارىتىلغان ھۇجۇملىرى رايونلۇق مۇقىملىقنىڭ ئاساسلىرىنى ئاجىزلاشتۇرماقتا. بۇنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ ھەمدە نە ئىرانغا، نە رايونغا پايدا ئېلىپ كەلمەيدۇ» دېدى.

ئۇ يەنە: «ئىرانغا قارىتىلغان ھۇجۇملار قانداق خاتا بولسا، ئىراننىڭمۇ باھانىسىز شەكىلدە رايون دۆلەتلىرىگە ھۇجۇم قىلىشى شۇنداق خاتادۇر» دېدى.

خاقان فىدان يەنە تېھراننى «تارىخىي مەسئۇلىيەت» ئېڭى بىلەن ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىپ، رايون دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا «ئورنىنى تولدۇرغىلى بولمايدىغان ۋە مەڭگۈلۈك يىرىمىلىشى» گە سەۋەب بولىدىغان جىددىيچىلىكنى دەرھال توختىتىش كېرەكلىكىنى ئېيتتى. دېڭىز بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالىدىغان قەدەملەرگە قارىتا ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن خاقان فىدان، بۇنىڭ دۇنياۋى سودا ۋە ئېنېرگىيە لىنىيەلىرى جەھەتتىن خەتەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

دىپلوماتىيە دەسلەپكى ۋە ئاخىرقى ھەل قىلىش چارىسى بولۇشى كېرەك

قاتار باش مىنىستىرى، قوشۇمچە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيخ مۇھەممەد بىن ئابدۇراھمان ئالسانىىمۇ سوغۇققان بولۇش چاقىرىقىنى تەكرارلاپ، ئۇرۇشنىڭ دەرھال ئاخىرلىشىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ: «ئۇرۇش دەرھال توختىتىلىشى كېرەك. بۇ ئۇرۇشتىن كىمنىڭ پايدا ئالغانلىقى ۋە رايوننى توقۇنۇشقا كىمنىڭ سۆرەپ كىرگەنلىكى ھەممىگە ئايان» دېدى.

توقۇنۇش دائىرىسىنىڭ كېڭەيتىلىشىنىڭ رايونلۇق خەۋپسىزلىك ۋە مۇقىملىققا خىزمەت قىلمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئالسانى: «توقۇنۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىش رايوننىڭ بىخەتەرلىكىگە ۋە مۇقىملىقىغا خىزمەت قىلمايدۇ» دېدى.

ئالسانى يەنە دىپلوماتىيەنىڭ «دەسلەپكى ۋە ئاخىرقى» ھەل قىلىش چارىسى بولۇپ قېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئىراننىڭ ئامېرىكا بازىلىرىنى نىشان قىلغانلىقى ھەققىدىكى باياناتلىرىنى «قوبۇل قىلىنمايدىغان ۋە باھانىسىز» دەپ تەسۋىرلىگەن ئالسانى، راس لافانغا قارىتىلغان ھۇجۇمنىڭ دۇنياۋى ئېنېرگىيە تەمىنلىشى جەھەتتىن ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى تۇغدۇرۇشى مۇمكىنلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

تۈركىيەگە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان قوللىشى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتقان ئالسانى، ئەنقەرەنىڭ دوھانى قوللىشىنىڭ «ھەر ۋاقىت داۋاملىشىپ كەلگەنلىكىنى» ئېيتتى.

خاقان فىداننىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇشنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن رايون دۆلەتلىرىدە دىپلوماتىيە زىيارىتىدە بولۇۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

مەزكۇر زىيارەت ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ 28-فېۋرالدا ئىرانغا قارىتا باشلىغان بىرلەشمە ھەرىكىتى ۋە تېھراننىڭ ئارقىمۇئارقا رايوندىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرگە قاراتقان ھۇجۇملىرى بىلەن تېز سۈرئەتتە ئەۋج ئېلىپ كەتكەن مۇقىمسىزلىق مۇھىتىدا ئېلىپ بېرىلدى.

ئىزدىنىڭ
ئىسرائىلىيە ئىراننىڭ شىراز شەھىرىدىكى نېفىت خىمىيە زاۋۇتىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە ئىراننىڭ ئايرودۇرۇملىرى ۋە شەھەرلىرىنى بومباردىمان قىلدى
ئىستانبۇلدىكى ئىسرائىلىيە كونسۇلخانىسى يېنىدا ئۈچ تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراننىڭ ئۆچ ئېلىش ھۇجۇمى ئىسرائىلىيەدە خىمىيەلىك ئېقىپ كېتىش خەۋپى تۇغدۇردى
ئىران: «پاكىستاننىڭ ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق سۆھبىتىدىكى رولى «ھالقىلىق باسقۇچقا يېقىنلاشتى»
فىرانسىيە ئامېرىكانى ئىراننىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىگە ھۇجۇم قىلىشتىن ئاگاھلاندۇردى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى غەززەدىكى تارقاقلاشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى توختاتتى
تېھران ئاھالىلىرى ترامپنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تەھدىتلىرىدىن كېيىن ئېنىقسىزلىققا تەييارلىق قىلماقتا
ئەرەب ئەللىرى ئاشقۇن ئوڭچىل ئىسرائىلىيە مىنىستىرىنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرىشىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
تۈركىيە سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ۋاسىتىلىك (ترانسىت) سودىنى باشلىدى
يادرو ئېنېرگىيەسى ئاگېنتلىقى: ئىران  يادرو ئىستانسىسى ئەتراپىدىكى ھۇجۇملار توختىتىلىشى كېرەك
ئانتونىيو كوستا: ئامېرىكا-ئىسرائىلىيەنىڭ ئىران ئاممىۋىي ئۇل ئەسلىھەلىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرى قانۇنسز
ئامېرىكا-ئىسرائىلىيە ھۇجۇمى ئىراننىڭ ئەڭ چوڭ نېفىت خىمىيە بىرلەشمە زاۋۇتىغا زەربە بەردى
ئىسرائىلىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەنلەر ھۇجۇمىدىن كېيىن، پەلەستىندىن خەلقئارانى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى
خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى ئىراننىڭ ئامېرىكا ئايروپىلانلىرىنى ئېتىپ چۈشۈرۇشىگە يېتەكچىلىك قىلىۋاتامدۇ؟