سېنېگال باش شىتاب باشلىقى ئەنقەرەدە

تۈركىيە  باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال-پولكوۋنىك مەتىن گۈرئاق سېنېگال جۇمھۇرىيىتى باش شىتاب باشلىقى لېيتېنانت گېنېرال مبايې جىسسې بىلەن كۆرۈشتى.

سېنېگال باش شىتاب باشلىقى ئەنقەرەدە / TRT Uyghur

باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال-پولكوۋنىك مەتىن گۈرئاق رەسمىي تەكلىپكە بىنائەن پايتەخت ئەنقەرەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان  سېنېگال جۇمھۇرىيىتى باش شىتاب باشلىقى لېيتېنانت گېنېرال مبايې جىسسېنى باش ئىشتاب باشقارمىسىدا رەسمىي مۇراسىم ئارقىلىق قارشى ئالدى.

قارشى ئېلىش مۇراسىمىدىن كېيىن، ئىككى  باش ئىشتاب باشلىقى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا يېپىق ھالەتتە ئايرىم كۆرۈشتى ھەمدە ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ باردى.