سىياسەت
3 مىنۇت ئوقۇش
پاكىستان كەشمىر جىددىيچىلىكى مەزگىلىدە 2-قېتىملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ باردى
پاكىستان ھىندىستان بىلەن كەشمىر مەسىلىسىدىكى جىددىيچىلىكنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ئىككى قېتىم باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ باردى.
پاكىستان كەشمىر جىددىيچىلىكى مەزگىلىدە 2-قېتىملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ باردى
International pressure mounts for de-escalation between the nuclear armed Pakistan and India. / AFP

پاكىستاننىڭ ھىندىستان بىلەن كەشمىر مەسىلىسى بويىچە جىددىيچىلىك يۈز بەرگەن بىر ۋاقىتتا ئىككى قېتىم باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىشى، جىددىي ئەھۋاللارغا تابىل تۇرۇش ھەربىي مانېۋىرلىرىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىنى ۋە خەلقئارا جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش چاقىرىقلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى.

پاكىستان ئارمىيەسى دۈشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، 120 كىلومېتىر (75 ئىنگلىز مىلى) مۇساپىلىك بىر باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بارغانلىقىنى ۋە ھىندىستان بىلەن تالاش-تارتىشلىق كەشمىر مەسىلىسىدە جىددىيچىلىك كۈچەيگەن ئىككى كۈن ئىچىدە ئىككىنچى قېتىم باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى.

يېڭى دېھلى ئىسلامئابادنى ئۆتكەن ئاي ھىندىستاننىڭ كونتروللۇقىدىكى كەشمىردىكى ساياھەتچىلەر نىشان قىلىنغان قەبىھ ھۇجۇمنى قوللاش بىلەن ئەيىبلىدى. بۇ، يادرو قوراللىرىغا ئىگە ئىككى قوشنا دۆلەت ئوتتۇرىسىدا يېڭى بىر جىددىيچىلىك پەيدا قىلدى.

پاكىستان ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىشنىڭ نىشانى قىسىملارنىڭ ھەربىي ھەرىكەت تەييارلىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبانىڭ ئىلغار يول باشلاش سىستېمىسى ھەم يۇقىرى سەۋىيەدە دەل نىشانغا تېگىشى قاتارلىق مۇھىم تېخنىكىلىق پارامېتىرلىرىنى دەلىللەش ئىدى.»

شەنبە كۈنى ئارمىيە 450 كىلومېتىر (280 ئىنگلىز مىلى) مۇساپىلىك قۇرۇقلۇقتىن قۇرۇقلۇققا قويۇپ بېرىلىدىغان بىر باشقۇرۇلىدىغان بومبانى سىناق قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.

ھەر ئىككى سىناقنىڭ قەيەردە ئېلىپ بېرىلغانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بېرىلمىدى.

پاكىستان باش مىنىستىرى شاھباز شېرىف ئارمىيەنىڭ «دۆلەت مۇداپىئەسى ئۈچۈن تولۇق تەييارلىقى» دىن رازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

شېرىف باياناتىدا: «باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىنىشى پاكىستاننىڭ مۇداپىئەسىنىڭ ناھايىتى كۈچلۈك ئىكەنلىكىنىڭ ئەڭ روشەن نامايەندىسىدۇر.»

 

يېقىنلىشىۋاتقان ھۇجۇم

 

پاكىستاننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودىنىڭ 22-ئاپرېل كۈنى پاخالگامدا 26 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ھۇجۇمغا جاۋابەن ھىندىستان ئارمىيەسىگە «تولۇق ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش ئەركىنلىكى ھوقۇقى» بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلىشىدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلدى.

 پاكىستان بۇ ھۇجۇمغا ئارىلاشقانلىقىنى رەت قىلىپ، مۇستەقىل تەكشۈرۈش باشلاشنى تەلەپ قىلدى.

ئىسلامئاباد ئۆتكەن ھەپتە قوشنىسىنىڭ پات يېقىندا ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بارىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى ۋە ھىندىستاننىڭ ھەرقانداق ھۇجۇمىغا كۈچ ئىشلىتىپ جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى كۆپ قېتىم ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا بىلدۈردى.

خەلقئارا جەمئىيەت تالاش-تارتىشلىق كەشمىر رايونى ئۈچۈن كۆپ قېتىم ئۇرۇش قىلغان يېڭى دېھلى بىلەن ئىسلامئابادقا جىددىيچىلىكنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن بېسىم ئىشلەتمەكتە.

ھىندىستان دۆلەت  مۇداپىئەسى مەنبەلىرىگە كۆرە، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ھەقىقىي چېگرا ھېسابلىنىدىغان ھەربىيلەشتۈرۈلگەن كونترول لىنىيەسىنى بويلاپ ئۇدا 9 ھەپتىدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان ھەر كېچىسى تاكى تاڭ ئاتقانغا قەدەر بىر - بىرىگە قارشى ئوق چىقىرىشماقتا.

 شېرىف مالايشىيا زىيارىتىنى كېچىكتۈردى

 تەخمىنەن 15 مىليون ئاھالىسى بىلەن مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدىغان كەشمىر، پاكىستان بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدا پارچىلىنىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ھەر ئىككى دۆلەت كەشمىرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ ئۆزىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

 

پاكىستان تەرەپتە بالىلار ئويۇن ساھەلىرىدە جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش مەشىقلىرى ئېلىپ بېرىلدى، رايون ئاھالىلىرىدىن يېمەكلىك ۋە دورا زاپاس قىلىش تەلەپ قىلىندى، دىنىي مەكتەپلەر تاقالدى.

       ھىندىستاننىڭ كونتروللۇقىدىكى كەشمىردە كەڭ كۆلەملىك قوراللىق كىشىلەرنى ئاختۇرۇش - تۇتۇش ھەرىكىتى داۋاملاشماقتا، چېگرا بويىدا ياشايدىغانلار يىراققا كۆچۈپ كەتمەكتە ياكى توقۇنۇشلاردىن ئەنسىرەپ پاناھ جايلىرىنى يوق قىلماقتا.

مالايشىيا باش مىنىستىرى ئەنۋەر ئىبراھىم دۈشەنبە كۈنى بايانات بېرىپ، شېرىفنىڭ جۈمە كۈنى مالايشىياغا قىلماقچى بولغان رەسمىي زىيارىتىنى جىددىيچىلىكنىڭ كۈچىيىشى سەۋەبىدىن كېچىكتۈرگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئىبراھىمنىڭ ئىشخانىسىدىن بېرىلگەن باياناتتا، ئىككى تەرەپنىڭ يەكشەنبە كېچىسى سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى، شېرىفنىڭ «بۇ يىل ئىچىدە مالايشىيادا رەسمىي زىيارەتتە بولۇشنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى» قەيت قىلىندى.

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابباس ئېراقچى دۈشەنبە كۈنى رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن ئىسلامئابادتا ئىدى.

ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى مىنىستىرى ئاتتائۇللاھ تارار دۈشەنبە كۈنى پاكىستاننىڭ كونتروللۇقىدىكى كەشمىرگە قىلغان زىيارىتى جەريانىدا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا: «پاكىستان ئۆز دەۋاسىنى دوست دۆلەتلەرگە سۇنماقتا» دېدى.

ئىزدىنىڭ
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدىكى بىر قىسىم ئۆي ۋە ئورۇنلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيەلىك مىنىستىرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىگە كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈردى
بەھرەين ۋە كۇۋەيتتە ئاگاھلاندۇرۇش سىگناللىرى چېلىنىپ، خەلق بىخەتەر رايونلارغا كېتىشكە چاقىرىلدى
ئىران: «كۆزگە كۆز» ئۆچ ئالىمىز
تۈركىيە دۆلەتلىك ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى 4 كۈچلۈك كوماندىنىڭ بىرىگە ئايلاندى
خىتاي تەيۋەن بوغۇزىدا ئىككى كۈنلۈك ھەربىي مانېۋىر باشلىدى
مارىيا تېرېسا لازارو بىلەن ۋاڭ يى ئىككى تەرەپلىك ئالاقىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇسىيە ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۇكرائىنا كىرىزىسى توغرىسىدا سۆزلەشتى
تايلاندتىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا 5 ئەسكەر قازا قىلدى
قۇددۇس ۋالىيلىقى 1300 دىن ئارتۇق ئىسرائىلىيەلىكنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
پاكىستان بىلەن ھىندىستاندا شىددەتلىك يامغۇر ئاپەتىرىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئاشماقتا
ئاتلانتىك ئوكيانغا چۈشۈپ كەتكەن «Pan Am» ئايروپىلانىنىڭ پارچىلىرى 74 يىلدىن كېيىن تېپىلدى
ئامېرىكا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھاۋا بومباردىمانىنى باشلىدى
يەمەندىكى ھۇسىيلار قىزىل دېڭىزدا سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ خۇزىستان ئۆلكىسىگە قاراتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىدا 2 كىشى قازا قىلدى