سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيە مېدىياسى:تېل ئاۋىۋ ئامېرىكانىڭ ئىراننى بومباردىمان قىلىش ھەرىكىتىگە قاتنىشىشىنى كۈتمەكتە
ئىسرائىلىيە تاراتقۇلىرى ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قاراتقان مىسلى كۆرۈلمىگەن ھۇجۇملىرىغا ئامېرىكانىڭمۇ قاتنىشىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
ئىسرائىلىيە مېدىياسى:تېل ئاۋىۋ ئامېرىكانىڭ ئىراننى بومباردىمان قىلىش ھەرىكىتىگە قاتنىشىشىنى كۈتمەكتە
/ Reuters

يەرلىك مەتبۇئاتلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بىر ئىسرائىلىيە ئەمەلدارى ھۇجۇملارنىڭ يالغۇز ھالدا ئىراننىڭ فوردو يادرو ئەسلىھەسىنى پالەچ ھالغا كەلتۈرۈشكە يەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 13-قانال تېلېۋىزىيەسى بولسا، ترامپنىڭ پوزىتسىيەسىدىكى ئۆزگىرىشنىڭ ئامېرىكانىڭ ئۇرۇشقا كىرىدىغانلىقىنىڭ بىر ئىشارىتى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئىسرائىلىيە تاراتقۇلىرى ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قاراتقان مىسلى كۆرۈلمىگەن ھۇجۇملىرىغا ئامېرىكانىڭمۇ قاتنىشىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئىسرائىلىيە ئەمەلدارى، تېل ئاۋىۋدىكى مۆلچەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئىرانغا قىلىنىدىغان ھۇجۇملارغا قاتنىشىشىنى تەستىقلىشىنىڭ كۈتۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەمەلدار سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ترامپ ئۆزىنىڭ تاماشىبىن سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى ئىشتىراكچى سۈپىتىدە ياد ئېتىلىشىنى خالايدۇ» دېدى.

ئۇ يەنە: «ئامېرىكاسىز فوردو يادرو ئەسلىھەسىگە پەقەتلا چەكلىك دەرىجىدە زىيان سالالايمىز» دېدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ 13-قانال تېلېۋىزىيەسى ترامپنىڭ پوزىتسىيەسىدىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئۇنىڭ بۇ ھەرىكەتكە قاتنىشىش نىيىتىنىڭ بىر ئىشارىتى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى قەيت قىلدى.

خەۋەردە يەنە ئىسرائىلىيەنىڭ ئىراننىڭ ئەڭ مۇستەھكەم ۋە مۇھىم ئەسلىھەلىرىنىڭ بىرى بولغان فوردو يادرو ئەسلىھەسىگە ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئەمەلدارلار فوردونىڭ ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ نىشان تىزىملىكىدە ئىكەنلىكىنى ۋە قاچان زەربە بېرىلىدىغانلىقىغا ئىسرائىلىيەنىڭ قارار قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بىراق، ئۇلار ئامېرىكا قاتناشمىغان ئەھۋالدا ھۇجۇمنىڭ كۈچى ۋە دائىرىسىنىڭ كىچىكلەيدىغانلىقىنىمۇ ئېتىراپ قىلدى.

نېتانياھۇ ئامېرىكانى رول ئويناشقا ئۈندىدى

ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئىسرائىل كاتز سەيشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن بىر بىخەتەرلىك يىغىنىدا بۇ مەسىلە ئۈستىدە توختىلىپ، بىر تەرەپتىن باش مىنىستىر بېنيامىن نېتانياھۇ ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئىشلار مىنىستىرى رون دېرمېر، يەنە بىر تەرەپتىن ترامپ ئوتتۇرىسىدا بىۋاسىتە ئالاقىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

«ئىسرائىلىيە ھايوم» گېزىتى ئامېرىكانىڭ توقۇنۇشقا ئارىلىشىشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، «ئىسرائىلىيەنىڭ، 295 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى تاغ ئىچىگە يوشۇرۇنغان ئەڭ ھالقىلىق يادرو ئەسلىھەسى بولغان فوردودىن باشقا، ئىراننىڭ كۆپ قىسىم يادرو ئەسلىھەلىرىنى نىشان قىلغانلىقىنى» بىلدۈردى.

خەۋەردە، بۇنداق چوڭقۇرغا يوشۇرۇنغان نىشانلارنى تېشىپ ۋەيران قىلالايدىغان B-2 بومباردىمانچى ئايروپىلانىنىڭ پەقەت ئامېرىكادىلا بارلىقى قەيت قىلىندى.

B-2  ھەم ئادەتتىكى ھەم يادرو قوراللىرىنى ئېلىپ يۈرەلەيدىغان يىراق مۇساپىلىق ۋە كۆپ ئىقتىدارلىق بومباردىمانچى ئايروپىلاندۇر.

مۇشۇ دائىرىدە، نېتانياھۇ كېيىنچە مۇنداق دېدى: «ھازىر بىز دۇچ كېلىۋاتقان تەھدىت ئىران. يا بىز ياشايمىز ياكى ئۇلار».

ئۇ يەنە: «بىز باشقىچە بىر ئوتتۇرا شەرقنى، بىز ھازىرغىچە كۆرۈپ باقمىغان بىر رېئاللىقنى كۆرىمىز» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

جۈمە كۈنىدىن بۇيان، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىراندا پۇقرالار، ھەربىي ۋە يادرو ئەسلىھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن نۇقتىلارغا ماس قەدەملىك ھاۋا ھۇجۇمى قىلىشى، تېھراننىڭمۇ بۇنىڭغا جاۋابەن ئۆچ ئېلىش ھۇجۇملىرىنى قوزغىشى بىلەن رايوندىكى جىددىيچىلىك كۈچىيىپ كەتتى.

ئىران ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمىدا كەم دېگەندە 224 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ۋە 1400 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئىسرائىلىيەلىك ئەمەلدارلار بولسا شۇنىڭدىن بېرى ئىراننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىدا كەم دېگەندە 24 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ۋە يۈزلىگەن كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكانىڭ مىننېئاپولىس شەھىرىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 2 كىشى ئۆلدى
رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي ئەشيا ئوبوروتى مەركەزلىرى ۋە پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئەزەربەيجاندا ئوق-دورا ئامبىرى پارتلىغاندىن كېيىن 5 مىڭ كىشى تارقاقلاشتۇرۇلدى
ئەردوغان: گىرېتسىيە ھەربىيسىز سالاھىيەتتىكى ئاراللارنى قوراللاندۇرۇشتىن ۋاز كېچىشى كېرەك
ترامپ ئىران بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرنى رەت قىلدى
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ناماز ئوقۇلۇۋاتقان بىر جامەگە ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئاتتى
نېپال ۋە خىتايدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر سانى 1130 غا يەتتى
ئىستانبۇل دېڭىز ساھىللىرىدا ئىككى سودا پاراخوتى سوقۇلۇپ كەتتى، 10 خادىم يوقاپ كەتتى
ئەدلىيە مىنىستىرى ئاقىن گۈرلەك گىرېتسىيە ئەدلىيە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى
تۈركىيە ئالەم تەتقىقاتىدا يېڭى قەدەم تاشلاپ «ئارتېمىس ئەھدىنامىسى» غا ئىمزا قويدى
گىرېتسىيەلىك سابىق قوماندان: تۈركىيەنىڭ رايوندىكى تەسىر كۈچى زورايماقتا
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى
ئامېرىكا بىلەن ئىران كېچىچە ئۆزئارا ھۇجۇم قىلدى
تۈركىيە ئاياللار ۋولېيبول كوماندىسى ياۋروپا چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسىدە چارەك ھەل قىلغۇچ باسقۇچقا كىردى
قاتىل ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 73 مىڭ 462 گە يەتتى