خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكا دائىرىلىرى كۆچمەنلەر تەكشۈرۈشىدە ئىلھان ئۆمەرنىڭ تۇغقانلىرىنى گۇۋاھلىق بېرىشكە چاقىردى
بۇ قەدەم، دېموكراتچى پارلامېنت ئەزاسىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلىمىدىن بىر نەچچە ھەپتە بۇرۇن ۋاشىنگتوندىكى ئۆيىدە ئاختۇرۇش ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن تاشلاندى.
ئامېرىكا دائىرىلىرى كۆچمەنلەر تەكشۈرۈشىدە ئىلھان ئۆمەرنىڭ تۇغقانلىرىنى گۇۋاھلىق بېرىشكە چاقىردى
ئامېرىكا دائىرىلىرى كۆچمەنلەر تەكشۈرۈشىدە ئىلھان ئۆمەرنىڭ تۇغقانلىرىنى گۇۋاھلىق بېرىشكە چاقىردى

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئەزاسى دېموكراتچى ئىلھان ئۆمەر ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان فېدېراتسىيە خادىملىرى، «نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى» نىڭ سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئائىلىنىڭ كۆچمەنلىك تارىخىغا قارىتىپ ئېلىپ بېرىلىۋاتقان جىنايى ئىشلار تەكشۈرۈشى دائىرىسىدە پارلامېنت ئەزاسىنىڭ بەزى يېقىن تۇغقانلىرىغا سوت مەھكىمىسى چاقىرىق قەغىزى ئەۋەتكەن.

گېزىت تەكشۈرۈش ھەققىدە مەلۇماتقا ئىگە كىشىلەرگە ئاساسلىنىپ بەرگەن خەۋىرىدە، ئۆمەرنىڭ سىڭلىسى ساھرا نۇر بىلەن ئاز دېگەندە يەنە بىر ئائىلە ئەزاسىنىڭ سوت مەھكىمىسىدە ئىپادە بېرىش ئۈچۈن چاقىرىق قەغىزى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ قەدەم، ئىچكى بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق خادىملارنىڭ، ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىن بىر نەچچە ھەپتە بۇرۇن ئۆمەرنىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئۆيىدە ئاختۇرۇش ئېلىپ بېرىپ نۇرغۇن ساندۇق ھۆججەتلەرنى ئېلىپ چىقىپ كەتكەندىن بىر كۈن كېيىن تاشلاندى.

خەۋەردە، تەكشۈرۈشنىڭ قىسمەن ھالدا ئۆمەرنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغان ئاتىسى نۇر ئۆمەر مۇھەممەدنىڭ ئامېرىكا پۇقراسى بولۇشتىن بۇرۇن كۆچمەنلىك جەدۋەللىرىدە يالغان سۆزلىگەن ياكى سۆزلىمىگەنلىكى، ياكى بولمىسا بەزى ئۇچۇرلارنى يوشۇرغان ياكى يوشۇرمىغانلىقى ئۈستىدە مەركەزلەشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئۆمەر دۈشەنبە كۈنى ئۆيىدە ئېلىپ بېرىلغان فېدېراتسىيە ئاختۇرۇشىنى تەنقىد قىلىپ، بۇ ھەرىكەتنى ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي ئۆكتىچىلىرىنى قورقۇتۇش تىرىشچانلىقى دەپ ئاتىدى. X سۇپىسىدا تارقاتقان ئۇچۇرىدا ئۆزىنىڭ بىخەتەر ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىرگە: «خاتا چۈشىنىپ قالماڭلار: بۇ، سىياسىي دۈشمەنلەرنى نىشانغا ئېلىش ۋە فېدېراتسىيە قانۇن ئىجرا قىلىش قىسىملىرىنى قورال سۈپىتىدە ئىشلىتىش ئۇرۇنۇشىدۇر» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتكەن ئۆمەر، «مېنى جىمىقتۇرۇۋەتكىلى بولمايدۇ» دېدى.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ بولسا سەيشەنبە كۈنى «Truth Social» سۇپىسىدىن ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا، ئۆمەرنىڭ پارىخورلۇق قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ترامپ: «ئامېرىكا جاۋاب خالايدۇ ۋە بىز بۇلارنى ھازىرلا خالايمىز!» دېدى.

مۇئاۋىن پرېزىدېنت ج د ۋانىس ئۆمەرنىڭ ئۆيىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان ئاختۇرۇشتىن ئالدىن خەۋەردار ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

ئىزدىنىڭ
تۇفان ئەرھۈرمان قىبرىس رۇم رەھبىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ
پاشىنيان: ئەزەربەيجان بىلەن تىنچلىق ئورنىتىش ئەرمېنىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم
پاكىستاندا يولۇچىلار پويىزىنىڭ رېلىستىن چىقىپ كېتىشى نەتىجىسىدە 5 كىشى ئۆلدى
زېلېنسكىي ترامپنىڭ ئۇرۇش توختىتىش باياناتىدىن كېيىنمۇ روسىيەنىڭ  ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېيىبلىدى
ئىسرائىلىيەنىڭ شىمالىدا پارتلاش يۈز بەردى. 8 كىشى يارىلاندى
خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى (IMF) خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ئېشىش مۆلچەرىنى تۆۋەنلەتتى
ئىسرائىلىيە ھىندونېزىيەلىك ئۇچقۇچى بارلىقىنى سەۋەب قىلىپ ئايروپىلاننى قايتۇرىۋەتتى
ئايروپىلاندا قاندالا (چۇسا) ۋەھىمە ياراتتى، نۆۋەتچى ئايروپىلان ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى
يىلدىز: سۈرىيە قىيىنچىلىقلارغا قارىماي توغرا يۆنىلىشتە ئىلگىرىلىمەكتە
موسكۋانىڭ ترامپنىڭ باياناتىغا سۈكۈت قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟
كۇبا نېفىت ساھەسىنى چەت ئەل مەبلىغىگە ئېچىش ئۈچۈن كونا قانۇنلارنى بىكار قىلدى
ئەردوغان رىياد ئايرودۇرۇمىغا قىلىنغان ھۇجۇملارنى قاتتىق ئەيىبلىدى
جەنۇبىي كورېيە: شىمالىي كورېيە شەرقىي دېڭىز تەرەپكە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ئاتتى
ترامپ خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ ئىرانغا ياردەم بېرىۋاتقانلىقىغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: بىخەتەر ئاشلىق دۆلەت خەۋپسىزلىكىمىزنىڭ ئاساسلىق ئامىلى