تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجان ئوتتۇرىسىدا 3 چوڭ ئېلېكتىر تۈرى پىلانلانماقتا
ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى ئالپارسلان بايراكتار تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجاننىڭ ئېلېكتىر ساھەسىدە ئۈچ چوڭ تۈرنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجان ئوتتۇرىسىدا 3 چوڭ ئېلېكتىر تۈرى پىلانلانماقتا
تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجان ئوتتۇرىسىدا 3 چوڭ ئېلېكتىر تۈرى پىلانلانماقتا

دۇنيانىڭ كىرىزىسلار دۇنياسىغا ئايلانغانلىقىنى ۋە كىرىزىسلارنىڭ ئەمدىلىكتە «يېڭى نورماللىق» ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن بايراكتار، مۇنداق بىر ۋەزىيەتتە تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجاننىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىدە مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان، كۆپ خىللاشقان ۋە تېخىمۇ قويۇق ھەمكارلىقلارنى ئورناتقانلىقىنى ئېيتتى.

بايراكتار باكۇ-تىفلىس-ئەرزۇرۇم تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى، تاناپ (TANAP) ۋە تاپ (TAP) قاتارلىق تۈرلەرنى ئەسلىتىپ: «تاناپ ئارقىلىق بۇ يىل 100 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز يەتكۈزۈلدى. بۇ لىنىيە ياۋروپانىڭ تەمىنات بىخەتەرلىكىگە ئىنتايىن زور تۆھپە قوشماقتا» دېدى.

تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجاننىڭ بىر-بىرىنى تولۇقلايدىغان ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەتكەن بايراكتار، ئەزەربەيجاننىڭ مۇھىم بىر نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقارغۇچىسى ئىكەنلىكىنى، ھازىر بولسا ئېلېكتىر ئىشلەپچىقارغۇچىسى بولۇش يولىدا ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بايراكتار تۈركىيەنىڭ بولسا كېڭىيىۋاتقان ۋە ئېنېرگىيە ئېھتىياجى ئېشىۋاتقان بىر بازار ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «تۈركىيە شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇھىم ئىستېمالچى بولغان ياۋروپا بىلەن نۇرغۇنلىغان ئالاقىگە ئىگە، شۇڭلاشقا بۇ يەردىكى ئېنېرگىيەنى ياۋروپاغا ئېكسپورت قىلىش سىغىمىغا ۋە ئىقتىدارىغا ئىگە بىر دۆلەتتۇر» دېدى.

بايراكتار ئەڭ ئالدى بىلەن باكۇ-تىفلىس-ئەرزۇرۇم، باكۇ-تىفلىس-جەيھان ۋە تاناپ قاتارلىق مەۋجۇت تۈرلەرنىڭ سىغىمىدىن تولۇق پايدىلىنىش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، باكۇ-تىفلىس-جەيھان لىنىيەسىدىن بۈگۈنكى كۈندە 600 مىڭ ۋارىل نېفىت ئېقىۋاتقانلىقىنى، لىنىيەنىڭ ئەمەلىي سىغىمىنىڭ بولسا 1 مىليون ۋارىل ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مەزكۇر لىنىيە ئارقىلىق تۈركىستان (ئوتتۇرا ئاسىيا) ۋە تۈرك دۇنياسىدىكى باشقا مەنبەلەردىنمۇ خام نېفىت توشۇش مۇمكىنچىلىكىنىڭ بولۇشى كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن بايراكتار، تەبىئىي گاز ئۈچۈنمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش خىزمەتلەرنىڭ ئىشلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

بايراكتار ئۆزلىرىنىڭ ئالدىدا ئېلېكتىر ساھەسىگە ئائىت ئىنتايىن چوڭ تۈرلەرنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ئۈچ ئاساسىي تۈرنى مۇزاكىرە قىلىۋاتىمىز. بۇلار، ناھچىۋان ئارقىلىق تۈركىيەگە ئېلېكتىر يەتكۈزۈش لىنىيەسىنىڭ كېلىشى، تۈركىيە-گىرۇزىيە-ئەزەربەيجان-بۇلغارىيەدىن ئىبارەت تۆت تەرەپلىك يېشىل ئېنېرگىيە كارىدورى ۋە قارا دېڭىزنىڭ ئاستىدىن يەنە ياۋروپاغا بارىدىغان ئېلېكتىر يەتكۈزۈش لىنىيەسىدۇر» دېگەن ئۇچۇرلارنى بەردى.

ئىزدىنىڭ
فىرانسىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشى دۆلەتنى قالايمىقانچىلىق گىردابىغا ئىتتىردى
مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى ئاگاھلاندۇردى: ئەل نىنو تېمپېراتۇرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ
گۇتېررېس پاكىستان رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى: ئۇچرىشىشتا كەشمىر ۋە رايون تىنچلىقى مۇزاكىرە قىلىندى
ھاماس ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى دوختۇرخانىغا ئائىت دەۋالىرىنى رەت قىلدى
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: ترامپ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىن بۇرۇن ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىماقتا
ئىران: ئامېرىكانىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەكلىپلىرىگە جاۋاب مۇرەسسەچىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ
پاكىستان ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى
ئەردوغان بىلەن پۇتىن قارا دېڭىز بىخەتەرلىكى ۋە رۇسىيە—ئۇكرائىنا مۇناسىۋىتىنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇبىيو: ئىران ھورمۇز بوغۇزىدىكى كونتروللۇقىنى «پۈتۈنلەي يوقاتتى»
پاكىستان  مۇساپىسى ئۇزارتىلغان فاتىھ -4   باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يىللاردىن بۇيان غەززەنىڭ ئەڭ ياڭراق ئاۋازى بولۇپ كەلدى
پۈتكۈل دۇنيا ئۈچ يىلدىن بۇيان تارىختىكى ئەڭ چوڭ قىرغىنچىلىققا شاھىت بولماقتا
زېلېنسكىي: «موسكۋا ئۇكرائىناغا قارىتىلغان "چوڭ كۆلەملىك بىر ھۇجۇم" تەييارلىقىدا» دېدى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: «روسىيەگە  ۋاباغا سەۋەب بولغان ئۆلۈم ۋەقەسى توغرىسىدا ئوچۇق يورۇق بولسۇن»
فىرانسىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى رىما ھەسەن ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئىسرائىلىيە بايرىقىنى چۈشۈرىۋەتتى