خەلقئارا
3 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيە غەززەدىكى بىر پاناھلىنىش ئورنىنى «كۆيۈۋاتقان كوللېكتىپ قەبرىستانلىق»قا ئايلاندۇردى
ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ غەززەدىكى ئۆي-ماكانىدىن ئايرىلىپ قالغان ئائىلىلەر پاناھلىنىۋاتقان بىر مەكتەپكە قىلغان ھۇجۇمىدا 18 نەپىرى بالا بولۇپ جەمئىي 31 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى.
ئىسرائىلىيە غەززەدىكى بىر پاناھلىنىش ئورنىنى «كۆيۈۋاتقان كوللېكتىپ قەبرىستانلىق»قا ئايلاندۇردى
ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ غەززەدىكى ئۆي-ماكانىدىن ئايرىلىپ قالغان ئائىلىلەر پاناھلىنىۋاتقان بىر مەكتەپكە قىلغان ھۇجۇمىدا 18 نەپىرى بالا بولۇپ جەمئىي 31 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى. / AP

ئىسرائىلىيە دۈشەنبە ئەتىگەندە غەززە شەھىرىدىكى مەكتەپتىن پاناھلىنىش ئورنىغا ئۆزگەرتىلگەن بىر بىناغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى؛ ھۇجۇم نەتىجىسىدە، پاناھلىنىش ئورنىدىكى سەرگەردان پۇقرالار ئۇخلاۋاتقان بىر بىنا ئوت يالقۇنلىرى ئىچىدە قالدى.

يەرلىك سەھىيە ئەمەلدارلىرى فەھمى ئەلجىرھەۋىي مەكتىپىگە قىلىنغان ھۇجۇمدا، 18 بالا ۋە ئالتە ئايال بولۇپ، كەم دېگەندە 31 پەلەستىنلىكنىڭ كۆيۈپ قازا قىلغانلىقىنى ۋە نەچچە ئون كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

غەززەنىڭ شىمالىدىكى قۇتقۇزۇش ۋە جىددىي قۇتقۇزۇش مۇلازىمەتلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى فارس ئافانەھ سىن كۆرۈنۈشلۈك ئۇچۇر تارقىتىپ: «ئوت ئاپىتى بىنادا بالىلار ۋە ئاياللار ئۇخلاۋاتقاندا يۈز بەردى. ئۇلارنىڭ جەسەتلىرى كۆيۈپ كۈلگە ئايلاندى» دېدى.

«كۆيۈۋاتقان سىنىپلارنىڭ ئىچىدە بالىلار ۋە ئاياللار ۋارقىراۋاتاتتى. ئوت ئاپىتى سەۋەبىدىن ئۇلارنى قۇتقۇزالمىدۇق» دېگەن ئافانەھ، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بۇ كۆرۈنۈش پەۋقۇلئاددە قايغۇلۇق ئىدى... بۇ ۋەھشىيلىكنى تەسۋىرلەپ بېرگىلى بولمايدۇ» دېدى.

«كۆيۈۋاتقان كوللېكتىپ قەبرىستانلىق»

مەكتەپنىڭ ئۇدۇلىدا ياشايدىغان پەلەستىنلىك نەۋال ھەسەن پارتلاشنىڭ دەھشەتلىك ئاۋازىدىن ئويغانغانلىقىنى ئېيتىپ: «گويا ئاسمان ئۇلارنىڭ بېشىغا ئۆرۈلۈپ چۈشكەندەك بولدى» دېدى. ئۇ تىترەۋاتقان قوللىرى بىلەن مەكتەپنى كۆرسىتىپ: «كۆيۈۋاتقان سىنىپلاردىن بالىلارنىڭ ۋارقىرىغان ئاۋازلىرى ئاڭلىنىۋاتاتتى؛ لېكىن ئوت ھەممىمىزدىن كۈچلۈك ئىدى» دېدى.

نەۋال ئوتنى كۆرگەن ھامان بالكونىدىن ۋارقىراپ قوشنىلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇش بىلەن بىرگە قۇتقۇزۇش ماشىنىسى ۋە پۇقرالار مۇداپىئە ئەترىتىنى چاقىرىشقا ئۇرۇندى. «ئۆز كۆزۈم بىلەن كىچىككىنە تەنلەرنىڭ كۆيۈۋاتقانلىقىنى، بەزى بالىلارنىڭ بولسا يالقۇن ئىچىدە جان تالىشىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئاندىن ھەممە نەرسە بىردىنلا جىمجىتلىققا چۆمدى. قولىمىزدىن ھېچ ئىش كەلمىدى» دېدى.

ئۇ: «مەكتەپ كۆيۈۋاتقان بىر كوللېكتىپ قەبرىستانلىققا ئايلاندى. بۇنىڭ بىر ئۇرۇش جىنايىتى ئەمەسلىكىنى بىزگە كىم، قانداق چۈشەندۈرەلەيدۇ؟» دەپ سورىدى.

قورقۇنچلۇق كۆرۈنۈشلەر

ھۇجۇمدىن ئامان قالغان ياش يىگىت يۈسۈپ ئەلقاسىھ پارتلاشنىڭ ئىسرائىلىيە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنىڭ مەكتەپ بىناسىغا تېگىشى بىلەن يۈز بەرگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ: «بىر نەچچە سېكۇنت ئىچىدە ئوت ھەممە يەرنى قاپلىدى» دېدى.

يۈسۈپ ۋە باشقا ياشلار سىرتتىن تۆمۈر دېرىزە رېشاتكىلىرىنى سۇندۇرۇشقا ئۇرۇندى، ئەمما قورال-سايمانلارنىڭ كەمچىللىكى ۋە كۈچلۈك ھارارەت سەۋەبىدىن مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىدى.

بىر نەچچە سائەتلىك تىرىشچانلىقتىن كېيىن، پۇقرالار مۇداپىئە ئەترەتلىرى ئوتنى ئۆچۈرۈشكە مۇۋەپپەق بولدى.

«قۇتقۇزغىلى بولىدىغانلىرىنى قۇتقۇزۇشقا تىرىشتۇق. ئەمما كۆرۈنۈش ئىنتايىن ئېغىر ۋە قورقۇنچلۇق ئىدى. كۆيگەن جەسەتلەرنىڭ قالدۇقلىرى تام ۋە پوللارغا چاپلىشىپ قالغانىدى».

ئىستا قارىداپ كەتكەن كېسەكلەر ئارىسىدا ئولتۇرغان ئەللىك ياشلار ئەتراپىدىكى يەنە بىر ھايات قالغۇچى ئەبۇ ئىبراھىم كۆزلىرى غەزەپكە تولغان ھالدا: «بىز بۇ زېمىننىڭ ھەقىقىي ئىگىلىرى. ئاياللىرىمىز ۋە بالىلىرىمىزنىڭ كۆيۈپ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولغۇدەك نېمە ئىش قىلدۇق؟ بىز زېمىن ئوغرىلىمىدۇق، ھېچكىمنى يۇرتىدىن ھەيدەپ چىقارمىدۇق. بۇ بىزنىڭ زېمىنىمىز، ئۇلار بىزنى ئۆلتۈرسىمۇ بۇ يەردىن كەتمەيمىز» دېدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ قىرغىنچىلىقى

ئىسرائىلىيە قورشاۋ ئاستىدىكى غەززەدە كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە بالىلار بولۇپ، تەخمىنەن 54 مىڭ پەلەستىنلىكنىڭ جېنىغا زامىن بولدى. نوپۇسىنىڭ ئاساسەن دېگۈدەك ھەممىسى ئۆي-ماكانىدىن ئايرىلىپ قالغان قورشاۋ ئاستىدىكى غەززەنىڭ زور بىر قىسمىنى خارابىلىككە ئايلاندۇردى.

تېل ئاۋىۋ [ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنى كۆرسىتىدۇ] يېمەك-ئىچمەك، سۇ، دورا ۋە باشقا جىددىي ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنىڭ رايونغا كىرىشىنىمۇ توسۇپ، پەلەستىنلىكلەرنى ئاچارچىلىققا مەھكۇم قىلدى.

ئۆتكەن يىلى نويابىردا، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى باش مىنىستىر بېنيامىن نېتانياھۇ ۋە سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يوئاۋ گالانت ئۈستىدىن غەززەدىكى ئۇرۇش جىنايەتلىرى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر سەۋەبىدىن قولغا ئېلىش بۇيرۇقى چىقاردى.

ئىسرائىلىيە يەنە، رايوندىكى پۇقرالارغا قارشى سادىر قىلغان ئۇرۇش جىنايەتلىرى سەۋەبىدىن خەلقئارا سوت مەھكىمىسىدە بىر ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەۋاسىغىمۇ دۇچ كەلمەكتە.

ئىزدىنىڭ
نېپالدىكى ئېغىر كەلكۈن ئاپىتىدىن كېيىن 5200دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ھېلىھەم ئىز-دېرىكى يوق
CIA ئىسرائىلىيەدە ئىچكى توقۇنۇش خەۋپىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى
ئامېرىكا تېررورلۇق ئەندىشىسى تۈپەيلى ئەنگلىيەدىكى B-1 بومباردىمانچى ئايروپىلانلىرىنى چېكىندۈردى
روسىيە دىپلوماتلار ۋە چەتئەل پۇقرالىرىنى كىيېۋدىن ئايرىلىشقا چاقىردى
ترامپ ئامېرىكىدىكى يازلىق ۋە قىشلىق ۋاقىت تۈزۈمىنى ئاخىرلاشتۇرۇش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى
ئىران پارلامېنت باشلىقى قالىباف: «ئىران سۇنغان 7 شەرت ئىجرا قىلىنمىغۇچە ھورمۇز بوغۇزى ئېچىلمايدۇ»
روسىيە كىيېۋغا يېڭى «كەڭ كۆلەملىك» ھۇجۇملارنى ئېلىپ بارىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى
فىرانسىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشلىرىدا 5 مىڭدىن ئارتۇق كىشى نازارەتكە ئېلىندى
ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى ئىران ئۇرۇشى پىلانىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن كامپ داۋىدتا يىغىن چاقىردى
بېلگىيەدە بومبا تەھدىتى سەۋەبىدىن 1700 ئوقۇغۇچى تارقاقلاشتۇرۇلدى
كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدىكى ئېبولا يۇقۇمىدا ئۆلگەنلەر سانى 3982 گە يەتتى
مېكسىكادا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە قىلىنغان ھۇجۇمدا مۇئاۋىن مۇدىر قازا قىلدى
ئامېرىكا سۈرىيەنى مۇداپىئە سودىسى چەكلىمىسى تىزىملىكىدىن چىقاردى
ئامېرىكادىن ياۋروپاغا جىددىي چاقىرىق: يېقىلغۇ زاپاسلىرىڭلارغا چەكلىمە قويماڭلار
ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا شەرققە يەنە بىر ئاۋىياماتكا ئەۋەتىشنى قارار قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى
جەنۇبىي كورېيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى كەچۈرۈم تەلەپ قىلىشقا دائىر سۈركىلىش كۈچەيمەكتە
ترامپ ئىران ھەققىدە: «ئۇرۇش ناھايىتى يېقىندا، ئۇنداق ياكى بۇنداق شەكىلدە ئاخىرلىشىدۇ» دېدى
سۈنئىي ئىدراك جاسۇسلىرى ئامېرىكا ۋە كانادا ھۆكۈمەت تور بېكەتلىرىنى خاككېرلاشقا ئۇرۇندى
روسىيە: «ئۇكرائىنادىكى ئەشيا ئوبوروت ۋە ئالاقە مەركەزلىرى بىلەن قوشۇپ، بىر پاراخوتقا زەربە بەردۇق»
سۈرىيەدە ھۇمۇس يېزىلىرىدىكى T4 ئايرودۇرۇمى يېنىدا مىنا پارتلاپ 3 كىشى قازا قىلدى