سىياسەت
3 مىنۇت ئوقۇش
رويتېرس خىزمەتچىلىرى: بىزنىڭ خەۋەرلىرىمىز پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى يوشۇرىدۇ
رويتېرس ئاگېنتلىقى ئۆزىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى دوكلاتىدا، «پەلەستىن» دېيىشتىن ساقلانغانلىقى ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئەيىبلەشلىرىنى خەۋەر قىلمىغانلىقى ئۈچۈن تەنقىدلەندى.
رويتېرس خىزمەتچىلىرى: بىزنىڭ خەۋەرلىرىمىز پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى يوشۇرىدۇ
رويتېرس خىزمەتچىلىرى ئىچكى قىسىمدىكى كۈرەشلىرىنى ئاشكارىلىدى. سۈرەت:رويتېرس. / Reuters

پەيشەنبە كۈنى (21-ئاۋغۇست) ئېلان قىلىنغان بىر دوكلاتتا، مەركىزى ئەنگلىيەگە جايلاشقان ئاخبارات ئورگىنى رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىر قانچە خىزمەتچىسى، شىركەتنىڭ تەھرىرلىرى ۋە باشقۇرغۇچىلىرى ئارىسىدا ئىسرائىلىيەنى قوللايدىغان بىر تەرەپلىمە قاراشنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئاشكارىلىدى.

بۇ ئاي (ئاۋغۇست) نىڭ بېشىدا، ئىسرائىلىيە پەلەستىنلىك ژۇرنالىست ئەنەس ئەل شەرىفنى قەستلەپ ئۆلتۈرگەن ئىدى. رويتېرس ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتىكى خەۋەرنى «ئىسرائىلىيە ئۆزىنىڭ ھاماس رەھبىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئەلجەزىرە مۇخبىرىنى ئۆلتۈردى» دېگەن سەرلەۋھىدە ئېلان قىلدى.

بۇ تالاش-تارتىشلىق ماۋزۇ، بولۇپمۇ ئەل شەرىفنىڭ 2024-يىلى رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ پۇلىتزېر (Pulitzer) مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن گۇرۇپپىنىڭ ئەزاسى بولغانلىقى ئۈچۈن كۈچلۈك تالاش-تارتىش قوزغىغان ئىدى.

بۇ ماۋزۇ،  توردا كۈچلۈك مۇنازىرە قوزغىدى ۋە رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خىزمەتچىلىرى ئارىسىدا بىئاراملىق پەيدا قىلدى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئاگېنتلىقنىڭ تەھرىرلەش خىزمىتىدە ئىسرائىلىيەنى قوللايدىغان بىر تەرەپلىمە قاراشنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

1851-يىلى لوندوندا قۇرۇلغان ۋە ھازىر كۈنلۈكى 1 مىلياردتىن ئارتۇق ئادەمگە خىتاب قىلىدىغان رويتېرس ئاگېنتلىقى، ئىچكى قىسىمدا كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان نارازىلىقلارغا دۇچ كەلمەكتە.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ نام-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ھازىرقى بىر قانچە خىزمەتچىسى ۋە سابىق خىزمەتچىلىرى، ئەنگلىيە ژۇرنالىستلىق ۋە ئاخباراتچىلىق  تەتقىقات ئورگىنى (Declassified UK)  نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، تەھرىر ھەيئىتىدە پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى كىچىكلىتىدىغان تەھرىرلىك ئادىتىنىڭ بارلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.

مۇھىم بىر تەرەپلىمە قاراش

بىر تەھرىر 2024-يىلى 8-ئايدا قىممەت قارىشىنىڭ شىركەتنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئۇرۇشىنى خەۋەر قىلىش ئۇسۇلى بىلەن ماس كەلمەيدىغانلىقى ئۈچۈن ئىستېپا بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

مەزكۇر تەھرىرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئىستېپانامەسىنى باشقۇرغۇچىلارنى ئاساسىي ژۇرنالىستلىق پىرىنسىپلىرىغا ئەمەل قىلىشقا دەۋەت قىلغان بىر دوكلات ۋە ئوچۇق خەتنى قوشۇپ سۇنغان. بىراق، رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇر-ئالاقە بۆلۈمى دوكلاتلارنى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى رەت قىلدى.

شۇنداق بولسىمۇ، رويتېرس خىزمەتچىلىرى ئەنگلىيە ژۇرنالىستلىق ۋە ئاخباراتچىلىق  تەتقىقات ئورگىنىغا، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قارشى ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئىچكى قىسىمدا بىر گۇرۇپپا ژۇرنالىستلارنىڭ بەش ھەپتە ئىچىدە ئېلان قىلىنغان 500 پارچىغا يېقىن ئىسرائىلىيە-پەلەستىن خەۋىرىنى تەكشۈرگەنلىكىنى دەلىللىدى.

ئۇلارنىڭ بايقىشىچە، غەززەدىكى پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆلۈم سانى ئىنتايىن كۆپ بولسىمۇ، بۇ ئەھۋال يېتەرلىك دەرىجىدە ئەكس ئەتتۈرۈلمىگەن. ئەكسىچە ئىسرائىلىيەنىڭ نۇقتىئىينەزىرى، ھەمدە تالاپىتىگە كۆپ كۈچ ئاجرىتىلغان ۋە ئالاھىدە دىققەت قىلىنغان.

شۇ ۋاقىتتا، 11 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىك ئۆلتۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ ئۆلۈم سانىدىن 10 ھەسسە كۆپ ئىدى.

رويتېرسنىڭ بىر خىزمەتچىسى ئەنگلىيە ژۇرنالىستلىق ۋە ئاخباراتچىلىق  تەتقىقات ئورگىنىغا مۇنداق دېدى:

« ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قارشى ئۇرۇشىدىن بىر نەچچە ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن، رويتېرستىكى بىر قانچە ژۇرنالىست ئىسرائىلىيە-غەززە ئۇرۇشى ھەققىدىكى خەۋەرلىرىمىزنىڭ ئوبيېكتىپلىققا ئىگە ئەمەسلىكىنى تونۇپ يەتتۇق.»

 ئاگېنتلىقىنىڭ بىر مەنبەسىگە ئاساسلانغاندا، رويتېرسنىڭ مىقدار ۋە سۈپەت جەھەتتىكى ئانالىزلىرى ئۈستىدە ئۇنىۋېرسال ئىچكى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغان. بىر خىزمەتچى ئەنگلىيە ژۇرنالىستلىق ۋە ئاخباراتچىلىق  تەتقىقات ئورگىنىغا مۇنداق دېدى:

ژۇرنالىستلارنىڭ ئىچكى دوكلاتىدا يەنە، رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ «پەلەستىن» دېگەن سۆزنى ئىشلىتىشتىن ساقلانغانلىقى ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئەيىبلەشلىرىنى خەۋەر قىلمىغانلىقى تەنقىدلىنىدۇ. بۇنداق ئەيىبلەشلەر رويتېرس ئاگېنتلىقى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشىنى خەۋەر قىلغاندا تېخىمۇ ئوچۇق دوكلات قىلىنغان.

بۇ تەنقىدلەرگە قارىماي، رويتېرس ئاگېنتلىقى ئىچكى تەنقىدلەرنىڭ قايسىسىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئاشكارا ئېلان قىلمىدى.

2024-يىلى 5-ئايدا بەزى سىمۋوللۇق ئۆزگەرتىشلەر ئېلىپ بېرىلىپ، مۇخبىرلارنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» سۆزىنى، مەنبەنى كۆرسىتىپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىندى. ئەمما، ئانالىزلاردىن قارىغاندا بۇ سۆز توقۇنۇشنى خەۋەر قىلغاندا ناھايىتى ئاز ئىشلىتىلگەن.

يۇمشاق ئىپادىلەر

«ئۇرۇش»، «ھەرىكەت» ياكى «ھۇجۇم» قاتارلىق يۇمشاق ئىپادىلەر ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق تىلغا ئېلىنغاندا، كۆپىنچە ئىسرائىلىيەنىڭ رەت قىلىشى قوشۇپ قويۇلىدۇ. بۇ پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئوخشاش باياناتلىرىغا باراۋەر ئەھمىيەت بېرىلمەيدۇ.

ئىچكى جەھەتتىكى پايدىلىنىش قوللانمىسى ئىسرائىلىيەنىڭ نۇقتىئىينەزىرىنى ئاساس قىلىدۇ. ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىشنى بۇزۇشتىكى رولى، ئىسرائىلىيەنىڭ يەھۇدىي كۆچمەنلەر سىياسىتى، پەلەستىندىكى ئىرقىي ئايرىمىچىلىق ئەھۋالى قاتارلىق مۇھىم ئامىللار نەزەردىن ساقىت قىلىنىدۇ.

قوللانمىدا يەنە، غەززەنىڭ ژۇرنالىستلار ئۈچۈن ئامېرىكا ئىچكى ئۇرۇشىدىن بۇيانقى ئەڭ خەتەرلىك توقۇنۇش رايونى بولغانلىقى نەزەردىن ساقىت قىلىنىدۇ .

غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىنى تەنقىدلىگۈچىلەر، جۈملىدىن ب د ت نىڭ سابىق كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى كرەيگ موخىبېر (Craig Mokhiber)، رويتېرس ئاگېنتلىقى قاتارلىق ئورگانلارنى ئىسرائىلىيەلىك جىنايەتچىلەرنى جاۋابكارلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى قەستەن يوشۇرۇش ۋە پەلەستىنلىك زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنى ئىنسانلىقتىن چىقىرىش بىلەن ئەيىبلىدى.

ئىسرائىلىيەلىك ژۇرنالىست گىدېئون لېۋى (Gideon Levy) يېقىندا ھازىرقى زوراۋانلىقلارنىڭ كۈچىيىشىدە، جەسۇرلۇق بىلەن ئىشلەنگەن خەۋەرلەرنىڭ كەمچىل بولۇشىنىڭمۇ رولى بارلىقىنى تەكىتلىدى.

بىراق، رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ باياناتچىسى ئاگېنتلىق خەۋەرلىرىنى «ئادىل ۋە بىتەرەپ» دەپ ئاقلىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Gaza mother remembers slain journalist Anas Al Sharif

ئىزدىنىڭ
قازاقىستاندا بىر پارلامېنتلىق قۇرۇلتاي سايلىمىنىڭ دەسلەپكى نەتىجىلىرى ئېلان قىلىندى
ئامېرىكا سوتى 75 دۆلەتكە قويۇلغان كۆچمەنلىك ۋىزىسى چەكلىمىسىنى بىكار قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سۈرىيەنىڭ جەنۇبىغا يەنە بىر قېتىم بېسىپ كىردى
رۇسىيەنىڭ «Ozon» شىركىتىگە تەۋە ئۈچ ئامبار ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
بېسېنت: ئىران مەسىلىسىدە ئاخىرقى باسقۇچقا كىردۇق
ئىراق ئىران ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورتاق بىخەتەرلىك كېڭىشى قۇرۇشنى تەكلىپ قىلدى
سۈرىيە ۋە ئىسرائىلىيە ھەيئەتلىرى ئامېرىكانىڭ ۋاسىتىچىلىكىدە كۆرۈشتى
ئامېرىكا بىلەن كانادا ئوتتۇرىسىدا باج كىرىزىسى يۈز بەردى، ترامپ كانادا ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانى 73 مىڭ 419 غا ئۆرلىدى
ئامېرىكا ب د ت غا بولغان 5 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق قەرزىنىڭ بىر قىسمىنى تۆلەشنى پىلانلىماقتا
نېتانياھۇ سىياسىي سايلامنى كېچىكتۈرۈش ئۈچۈن جىددىيچىلىكنى ئاشۇرىشى مۇمكىن
پېزەشكىيان: ئىران "نە ئۇرۇش، نەتىنچلىق" ۋەزىيىتىنىڭ ئاخىرلىشىشىنى خالايدۇ، يول قويۇشنى رەت قىلىدۇ
نېتانياھۇ: باش مىنىستىلىق مۇددىتىم بويىچە پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا رۇخسەت بەرمەيمەن
تورنىڭ سۇلتانلىرى ياۋروپا ئالىي دەرىجىلىك مۇسابىقىسىدە ئىككىنچى مۇسابىقىسىگە چۈشىدۇ
پاكىستان ۋە مالايسىيا بىخەتەرلىك ساھەسىدە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كېلىشتى