خەلقئارا
3 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكا ئىستىخباراتى ئىسرائىلىيەنىڭ جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرىگە قارىتا ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلدى
خەۋەردە ئىسرائىلىيەنىڭ ئامېرىكا پېرىزىدېنتى ترامپنىڭ باش مۇزاكىرىچىسى ۋىتلوف ۋە پېنتاگون سىياسەت مەسلىھەتچىسى كولبىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئامېرىكالىق مەسئۇللارغا قارىتىلغان كۆزىتىش پائالىيەتلىرىنى ئاشۇرغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئامېرىكا ئىستىخباراتى ئىسرائىلىيەنىڭ جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرىگە قارىتا ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلدى
ئامېرىكا ئىستىخباراتى ئىسرائىلىيەنىڭ جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرىگە قارىتا ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلدى / AP

ئامېرىكالىق مەسئۇللارنىڭ سۆزىنى مەنبە قىلغان ۋە «The New York Times» گېزىتىدە شەنبى كۈنى ئېلان خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا ئىستىخبارات دوكلاتلىرى، واشىنگتوننىڭ ئىران بىلەن مۇزاكىرىلەرنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بىر مەزگىلىدە ئىسرائىلىيە مەنبەلىك «ئېشىۋاتقان جاسۇسلۇق خەۋپى» گە قارىتىلغان ئەندىشىلەرنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلدى.

گېزىت ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئۆزئارا جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرىنى «ئۇزۇن زاماندىن بۇيان بىلىدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭغا كۆز يۇمۇپ كەلگەنلىكىنى» ئەمما بەزى ئامېرىكالىق مەسئۇللارنىڭ ئامېرىكانىڭ ئىران سۆھبەتلىرىدىكى مەيدانىغا ئائىت مەلۇمات توپلاش يۆنىلىشىدىكى ئىسرائىلىيەنىڭ كۈچەيتىلگەن تەشەببۇسلىرىنى «چەكتىن ئېشىپ كەتتى» دەپ قارايدىغانلىقىنى يەتكۈزدى.

خەۋەردە، ئىسرائىلىيەنىڭ، ئامېرىكا پېرىزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ باش مۇزاكىرىچىسى ستىۋ ۋىتلوف (Steve Witkoff)، پېنتاگون سىياسەت مەسلىھەتچىسى ئېلبرىج ئا. كولبى (Elbridge A. Colby) ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىسى مايكېل پى. دىمىنو (Michael P. DiMino IV) لارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئامېرىكالىق مەسئۇللارغا قارىتىلغان كۆزىتىش پائالىيەتلىرىنى ئاشۇرغانلىقى ئاشكارىلاندى.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە ئىستىخبارات ئاگېنتلىقى (DIA) تەرىپىدىن تەييارلانغان ئايرىم بىر دوكلاتتا بولسا، ئامېرىكالىق ھەربىي خادىملارغا ۋە ھۆكۈمەت مەسئۇللىرىغا قارىتىلغان جاسۇسلۇق قىلمىشلىرى سەۋەب قىلىنىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ قارشى ئاخبارات تەھدىت سەۋىيەسى «يۇقىرى» دىن «خەتەرلىك (كىرىزىسلىق)» باسقۇچىغا كۆتۈرۈلگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

مەزكۇر ئەندىشىلەر، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىرانغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇرۇشىدا ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدىكى ھەربىي ھەمكارلىق ئىچىدە تۇرۇۋاتقان بىر مەزگىلىدە ئوتتۇرىغا چىقتى. ئامېرىكانىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن ئەتراپلىق تاكتىكىلىق ۋە مەشغۇلاتلىق ئاخبارات ھەمبەھىرلىشىشىگە قارىماي، ئامېرىكالىق مەسئۇللار، ئىسرائىلىيەنىڭ ترامپنىڭ مۇزاكىرە ئىستراتېگىيەسى ۋە سۆھبەتلەردىكى ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان پوزىتسىيەسى ھەققىدە تېخىمۇ چوڭقۇر مەلۇماتقا ئېرىشىشكە تىرىشىۋاتقانلىقىغا ئىشىنىدۇ. گېزىت، پېنتاگوننىڭ ئىسرائىلىيەلىك ئوفىسېرلار بىلەن مەلۇمات ھەمبەھىرلەشنى چەكلىمىگە ئۇچراتقان تەقدىردە، بۇ ئاگاھلاندۇرۇشنىڭ ھەربىي ھەمكارلىق مۇساپىسىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ترامپ ئىران بىلەن دىپلوماتىيە يۈرگۈزۈۋاتقان بىر پەيتتە، نېتانياھۇنىڭ ئىراننى، ئىران ھۆكۈمىتىنى ۋە رايوندىكى ئىتتىپاقداشلىرىنى تېخىمۇ ئاجىزلاشتۇرۇشنى نىشانلىغانلىقى تۈپەيلىدىن، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ھازىرمۇ جىددىيلىك داۋاملاشماقتا.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - US House blocks bid to remove US-Israel military integration from defence bill

چەك-چېگرا تونۇمايدىغان ئىستىخبارات پائالىيەتلىرى

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە ئىستىخبارات ئاگېنتلىقى (DIA) نىڭ دوكلاتىنىڭ، ئىسرائىلىيەدىكى ئامېرىكا مۇداپىئە خادىملىرىنىڭ تېلېفونلىرىغا يوشۇرۇن يۈكلەنگەن ۋە ئالاقە مەلۇماتلىرىنى قولغا چۈشۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان يۇمشاق دېتاللارنى بايقاپ چىققاندىن كېيىن تەييارلانغانلىقى ئەسكەرتىلدى. مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۇ مەسىلىگە قارىتا پىكىر بايان قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى، ئاقساراينىڭ بىر مەسئۇلى بۇ دەۋالارنى ئاساسسىز دەپ رەت قىلدى. ئىسرائىلىيە بولسا ئامېرىكالىق مەسئۇللارغا ياكى ئورگانلارغا قارىتا ھېچقانداق جاسۇسلۇق پائالىيىتى سادىر قىلىنمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئەيىبلەشنى رەت قىلدى.

نۆۋەتتىكى ۋە سابىق ئامېرىكالىق مەسئۇللار، ئىسرائىلىيەنىڭ ھەم ئۆز ئىتتىپاقداشلىرىغا، ھەم دۈشمەنلىرىگە قارشى ئۇزۇن زاماندىن بۇيان تاجاۋۇزچى ئىسىتىخبارات مەشغۇلاتلىرىنى يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقانلىقى تەرەپكە دىققەتلەرنى تارتتى. ئەمما مەسئۇللار، ئىسرائىلىيەنىڭ نۆۋەتتە باشقا بارلىق ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىرىدىن، ھەتتا بەزى دۈشمەنلىرىدىنمۇ تېخىمۇ چوڭ بىر قارشى ئىستىخبارات تەھدىتى تۇغدۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى. يۇقىرى دەرىجىلىك بىر مەسئۇل، ترامپنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق پېرىزىدېنتلىق دەۋرىدە ئىسرائىلىيەنىڭ ئىستىخبارات توپلاش تىرىشچانلىقلىرىنى «چەك-چېگرا تونۇمايدىغان» بىر پائالىيەت سۈپىتىدە خاراكتېرلەندۈردى.

ئىسرائىلىيەدە ياكى ئىسرائىلىيە بىلەن بىرگە ئىشلەۋاتقان ئامېرىكا ھەربىي خادىملىرىنىڭ بۇ خەۋپلەرنى بىلىدىغانلىقى ھەمدە ئالاقە ۋە ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى قوغداش ئۈچۈن قاتتىق بىخەتەرلىك قائىدىلىرىنى يولغا قويۇۋاتقانلىقى ئۇقتۇرۇلدى. ئىككى دۆلەت، يېقىن ھەمكارلىقلىرىغا قارىماي ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ نازۇك مەلۇماتلىرىنى بىر بىرىدىن قوغداشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرماقتا.

ئىزدىنىڭ
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدىكى بىر قىسىم ئۆي ۋە ئورۇنلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيەلىك مىنىستىرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىگە كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈردى
بەھرەين ۋە كۇۋەيتتە ئاگاھلاندۇرۇش سىگناللىرى چېلىنىپ، خەلق بىخەتەر رايونلارغا كېتىشكە چاقىرىلدى
ئىران: «كۆزگە كۆز» ئۆچ ئالىمىز
تۈركىيە دۆلەتلىك ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى 4 كۈچلۈك كوماندىنىڭ بىرىگە ئايلاندى
خىتاي تەيۋەن بوغۇزىدا ئىككى كۈنلۈك ھەربىي مانېۋىر باشلىدى
مارىيا تېرېسا لازارو بىلەن ۋاڭ يى ئىككى تەرەپلىك ئالاقىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇسىيە ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۇكرائىنا كىرىزىسى توغرىسىدا سۆزلەشتى
تايلاندتىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا 5 ئەسكەر قازا قىلدى
قۇددۇس ۋالىيلىقى 1300 دىن ئارتۇق ئىسرائىلىيەلىكنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
پاكىستان بىلەن ھىندىستاندا شىددەتلىك يامغۇر ئاپەتىرىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئاشماقتا
ئاتلانتىك ئوكيانغا چۈشۈپ كەتكەن «Pan Am» ئايروپىلانىنىڭ پارچىلىرى 74 يىلدىن كېيىن تېپىلدى
ئامېرىكا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھاۋا بومباردىمانىنى باشلىدى
يەمەندىكى ھۇسىيلار قىزىل دېڭىزدا سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ خۇزىستان ئۆلكىسىگە قاراتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىدا 2 كىشى قازا قىلدى