ترامپ G20 باشلىقلار يىغىنىنى بايقۇت قىلدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ جەنۇبىي ئافرىقادا ئۆتكۈزۈلىدىغان G20 باشلىقلار يىغىنىنى «نومۇسسىزلىق» دەپ ئاتاپ، ئامېرىكانىڭ ئۇ يىغىننى بايقۇت قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

By
ترامپ G20 باشلىقلار يىغىنىنى بايقۇت قىلدىغانلىقىنى ئېيتتى. سۈرەت: ئا پ. / AP

پىرېزىدېنت ترامپ «كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى» داۋاملاشقان مۇددەتتە، ھېچقانداق ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنىڭ جەنۇبىي ئافرىقادا ئۆتكۈزۈلىدىغان G20 باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ مۇشۇ ئاي (2025-يىلى نويابىر) نىڭ ئاخىرىدا جەنۇبىي ئافرىقادا ئۆتكۈزۈلىدىغان   G20  باشلىقلار يىغىنىغا ھېچقانداق ئامېرىكا ئەمەلدارىنىڭ قاتناشمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇ دۆلەتتە ئاق تەنلىك پۇقرالارنىڭ سىستېمىلىق ھالدا «ئۆلتۈرۈلۈۋاتقانلىقى ۋە قەتل قىلىنىۋاتقانلىقى» توغرىسىدىكى ئىسپاتلانمىغان دەۋالارنى يەنە بىر قېتىم كۈنتەرتىپكە ئەكەلدى.

ترامپ ئۆزىنىڭ «ھەقىقىي ئىجتىمائىي» (Truth Social)  سۇپىسى بېتىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا: « G20 يىغىنىنىڭ جەنۇبىي ئافرىقادا ئۆتكۈزۈلۈشى پۈتۈنلەي نومۇسسىزلىق. كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى داۋاملاشقان مۇددەتتە ھېچقانداق ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەمەلدارى يىغىنغا قاتناشمايدۇ» دېدى.

ئۇ سېنتەبىر (2025) دە مۇئاۋىن پىرېزىدېنت ج.د. ۋەنسنىڭ ئۆزىنىڭ ئورنىغا G20 باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

بىراق، چارشەنبە (5-نويابىر) كۈنى جەنۇبىي ئافرىقانىڭ G20 دىن چىقىرىۋېتىلىشى كېرەكلىكىنى ۋە بۇ دۆلەتتە نويابىردا ئۆتكۈزۈلىدىغان باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ 2026-يىللىقG20  باشلىقلار يىغىنىغا مىيامىدىكى گولف مەيدانى ئارامگاھىدا ساھىبخانلىق قىلىشنى پىلانلىغان ئىدى.

پاكىتقا ئۇيغۇن ئەمەس

ترامپ مىيامىدىكى ئامېرىكا سودا-سانائەتچىلەر مۇنبىرىدە: «جەنۇبىي ئافرىقا ئەمدى G گۇرۇپپىسىدا بولماسلىقى كېرەك، چۈنكى ئۇ يەردە يۈز بەرگەن ئىشلار ناچار» دېدى.

ئۇ 22-23-نويابىردا ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلانغان G20 جوھاننىسبۇرگ باشلىقلار يىغىنىغا قارىتا: «مەن بارمايمەن... مەن ئۇ يەردە دۆلىتىمىزگە ۋەكىللىك قىلمايمەن. يىغىن ئۇ يەردە ئۆتكۈزۈلمەسلىكى كېرەك» دېدى.

ئۇ جەنۇبىي ئافرىقانى نۇرغۇن قېتىم «يەر مۇسادىرە قىلىش، مەلۇم سىنىپتىكى كىشىلەرگە ناھايىتى ناچار مۇئامىلە قىلىش» بىلەن ئەيىبلەپ، بۇنى «ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى» دەپ ئاتىغان ئىدى.

ئۇ فېۋرال (2025) دا 14204-نومۇرلۇق پەرمان چۈشۈرۈپ، فېدېراتسىيە ئورگانلىرىنى «ئادالەتسىز ئىرقىي ئايرىمچىلىقىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان» ئاق تەنلىك جەنۇبىي ئافرىقالىقلارنى قايتا ئورۇنلاشتۇرۇشقا قولايلىق يارىتىشقا ۋە ئامېرىكانىڭ جەنۇبىي ئافرىقاغا بېرىلىدىغان ياردىمىنى قىسقارتىشقا بۇيرۇغان ئىدى.

جەنۇبىي ئافرىقا ھۆكۈمىتى بولسا، ئامېرىكانىڭ ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ «پاكىت جەھەتتىن توغرا بولمىغان پەرەزگە تايانغانلىقى» نى تەكىتلىمەكتە.