غەززە ئۇرۇشى
2 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ غەززە تىنچلىق كېلىشىمىدىن كېيىن كنېسسېتتا (ئىسرائىلىيە پارلامېنتىدا) نۇتۇق سۆزلىشى مۇمكىن
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئەگەر ئىسرائىلىيەلىكلەرمۇ قوبۇل قىلسا، ئىسرائىلىيە پارلامېنتى كنېسسېتتا نۇتۇق سۆزلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. ترامپ غەززە كېلىشىمىنىڭ پۈتۈن دۇنيا ئارزۇ قىلغان كېلىشىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ترامپ غەززە تىنچلىق كېلىشىمىدىن كېيىن كنېسسېتتا (ئىسرائىلىيە پارلامېنتىدا) نۇتۇق سۆزلىشى مۇمكىن
ترامپ غەززە تىنچلىق كېلىشىمىدىن كېيىن كنېسسېتتا (ئىسرائىلىيە پارلامېنتىدا) نۇتۇق سۆزلىشى مۇمكىن / AA Archive

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن تەشكىلاتى ھاماس ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىدىن كېيىن، «يېقىنقى كۈنلەردە» ئىسرائىلىيەنى زىيارەت قىلىدىغانلىقى ۋە كنېسسېتتا نۇتۇق سۆزلىشى مۇمكىنلىكى خەۋەر قىلىندى.

ترامپ چارشەنبە كۈنى Axios تىن باراك راۋىدقا بەرگەن باياناتىدا: «ئۇلار مەندىن كنېسسېتتا نۇتۇق سۆزلەشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ، ئەگەر ئۇلار خالىسا، مەن چوقۇم بۇنى قىلىمەن» دېدى.

ترامپ نېتانياھۇ بىلەن بولغان تېلېفون سۆھبىتىدىن كېيىن: «بۇ ئىسرائىلىيە ۋە دۇنيا ئۈچۈن ئاجايىپ بىر كۈن. بيبى (نېتانياھۇ) بىلەن بولغان سۆھبىتىم ئىنتايىن ياخشى بولدى. ئۇ ناھايىتى خۇشال. خۇشال بولۇشىمۇ كېرەك. بۇ بىر چوڭ مۇۋەپپەقىيەت. دۈشمەن دۆلەتلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن دۇنيا بۇ كېلىشىمنى ھاسىل قىلىش ئۈچۈن بىر يەرگە جەم بولدى» دەپ قوشۇمچە قىلدى.

ترامپ ئىراننىڭ ھاماس بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىمدىن كېيىن تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك تىنچلىق پىلانىنىڭ بىر قىسمى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Hamas, Israel sign off on first phase of peace plan — Trump

بارلىق تەرەپلەرگە ئادىل مۇئامىلە قىلىنىدۇ

ترامپ چارشەنبە كۈنى بايانات بېرىپ، ئىسرائىلىيە ۋە ھاماسنىڭ ئامېرىكا ئوتتۇرىغا قويغان غەززە كېلىشىمىنىڭ بىرىنچى باسقۇچىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى: «بارلىق تۇتقۇنلار ناھايىتى تېزلا قويۇپ بېرىلىدۇ ۋە ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنى كۈچلۈك، مەڭگۈلۈك ۋە چەكسىز تىنچلىققا تاشلانغان بىرىنچى قەدەم بولغان ۋە كېلىشىم قىلىنغان بىر لىنىيەگە چېكىندۈرىدۇ» دەپ، بارلىق تەرەپلەرنىڭ «ئادىل مۇئامىلىگە» ئېرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ترامپ يەنە چارشەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا بۇ ھەپتە ئىچىدە مىسىرنى زىيارەت قىلىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.

ئاق ساراي ترامپنىڭ جۈمە كۈنى مارىلاند ئىشتاتىنىڭ بېتەسدا شەھىرىدىكى ۋالتېر رىد تېببىي مەركىزىنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىنلا رايون خاراكتېرلىك زىيارەتنى ئويلاشقانلىقىنى دەلىللىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - 'Historic step' — World reacts as Israel, Hamas agree on 'first phase' of Trump's Gaza plan

ئىككى يىل داۋاملاشقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن كېيىنكى كېلىشىم

ترامپنىڭ باياناتى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە ئېلىپ بارغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ئۈچىنچى يىلىغا قەدەم قويغاندىن كېيىن ئېلان قىلىندى.

ئىسرائىلىيە قورشاۋ ئاستىدىكى غەززەدە كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە بالىلار بولۇپ، 67 مىڭ 100 دىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى. مۇتەخەسسىسلەر بۇ ساننىڭ كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

غەززەنىڭ كۆپ قىسمىنى ۋەيران قىلغان ئىسرائىلىيە رايوندىكى پۈتكۈل دېگۈدەك ئاھالىنى ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىدى.

 

ئىزدىنىڭ
لىۋان پارلامېنتى دۆلەتتە ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنى تەستىقلىدى
سۈرىيە سوتى ئاغدۇرۇلغان رەھبەر بەششار ئەسەدنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى
پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى نەقۋى ئىراندا زىيارەتتە بولدى
ئاۋسترالىيە ۋە ۋېتنام كەڭ دائىرىلىك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىكلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە كېلىشتى
ئەردوغان ئاۋسترىيە باش مىنىستىرى شتوككېر بىلەن ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى
مىنىستىر خاقان فىدان لىۋاندا رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ
خىتاينىڭ سۈنئىي ھەمراھنى ئوربىتىغا ئېلىپ ماڭغان راكېتاسى ھاۋادا پارتلاپ كەتتى
ياپونىيە ئورۇن بېكىتىش سۈنئىي ھەمراھىنى ئېلىپ ماڭغان H3 راكېتاسىنى ئۇتۇقلۇق قويۇپ بەردى
قۇددۇس ۋالىيلىقى: <ئىسرائىلىيە 650 يېڭى قانۇنسىز تۇرالغۇ قۇرۇش پىلانىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە>
بەدىنىڭىزدىكى مىكروبلار سىزنى روھىي كېسەلگە ئايلاندۇرۇپ قويىشى مۇمكۇنمۇ؟
روسئاتوم: «رۇسىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر ئىراندا بوشېھر يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسغا قايتىشقا باشلىدى»
يەمەن ئارمىيەسى: «خۇسىيلارنىڭ ئەلمۇخاغا قىلغان ھۇجۇمىدا 7 كىشى ئۆلۈپ، 30 كىشى يارىلاندى»
ئەنگىلىيە توكلۇق ئاپتوموبىل تېخنىكىسىغا 175 مىلىيون دوللارلىق قوشۇمچە فوند ياردىمى قىلىدىغان بولدى
گرېتسىيەدە 106 ئوخشىمىغان نۇقتىدا پەلەستىنگە ئازادلىق تەلەپ قىلىپ نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى
خىتايدا يۇنۇس تەيفېڭ بورىنى 1 مىلىيوندىن ئارتۇق خىتاينى ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىدى