تۈركىيە
2 min read
مىنىستىر خاقان فىدان ناتو تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتنىشىدۇ
دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان 3-4-دېكابىر كۈنلىرى بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو قارارگاھىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ناتو تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.
مىنىستىر خاقان فىدان ناتو تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتنىشىدۇ
#NGB01 : دۆلەت مەسلىھەتچىسى جىورگۆس گېرەپەتىرىس تۈركىيە نەچەر مەسلىھەتچىسى حاکان فیداننى قوبۇل قىلىدۇ / AP

يىغىننىڭ ئىيوردانىيە پادىشاھى 2-ئابدۇللاھنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئېچىلىدىغان بىرىنچى بۆلۈمىدە ئوتتۇرا شەرقتىكى كىرىزىس ۋە ناتو بىلەن ئىيوردانىيە ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

فىداننىڭ يىغىندا سۈرىيەدىكى تېررورچى گۇرۇپپىلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ساقلىنىۋاتقان كۆپ تەرەپلىمىلىك مەسىلىلەرنىڭ مۇقىمسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى، ناتونىڭ شەرقىي جەنۇبىي قانىتى بولغان تۈركىيەنىڭ رايوندىكى مۇقىمسىزلىقنىڭ تارقىلىپ كەتمەسلىكىنى ئاساس قىلغان پوزىتسىيەسىنى قوللاشنىڭ مۇھىملىقىنى، ھەمدە سۈرىيەدىكى ۋەزىيەتنى دۆلەتنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى، بىرلىكىنى ساقلاش ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش نۇقتىسىدىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشى تەكىتلىشى كۈتۈلمەكتە.

فىداننىڭ ئىسرائىلىيە سادىر قىلغان ئۇرۇش جىنايەتلىرى ۋە غەززەدىكى تىراگېدىيەلەر شۇنداقلا تۈركىيەنىڭ ئىسرائىلىيە-پەلەستىن مەسىلىسىگە تۇتۇۋاتقان مەيدانىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كۈتۈلمەكتە. ئۇ يەنە ئوتتۇرا شەرقتىكى كىرىزىس ۋە ئۇرۇشلارنىڭ قوشۇمچە تەسىرلىرىنىڭ تېررورىزمنىڭ تارقىلىشىغا سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تۈركىيەنىڭ ناتو بىلەن ئىيوردانىيە ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ كۈچەيتىلىشىنى، جۈملىدىن ئامماندا ئالاقە ئىشخانىسىنىڭ ئېچىلىشىنى قوللايدىغانلىقىنى قايتا تىلغا ئېلىپ ئۆتىدۇ.

ناتو-ئۇكرائىنا كېڭىشى فورماتىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىنغا ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاندرېي سىبىھا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار ھەم بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى كايا كاللاس قاتنىشىدۇ. يىغىندا رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىمۇ مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

مىنىستىر فىداننىڭ يىغىندا تۈركىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە بولغان قوللىشىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىشى، ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن دىپلوماتىك سۆھبەتكە يول قويۇش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كۈتۈلمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولمىغان ئىتتىپاقداشلارغا بەرگەن يازما ۋەدىلىرىگە ئەمەل قىلىشى كېرەكلىكىنىمۇ ئەسكەرتىدۇ.

يىغىننىڭ پەقەت ئىتتىپاقداشلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاخىرقى قىسمىدا ياۋروپا-ئاتلانتىك رايونىغا قارىتىلغان خەۋپ-خەتەرلەر ۋە چېگراداش رايونلاردىكى جىددىيچىلىكلەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

مىنىستىر فىداننىڭ 2023-يىلى ۋىلنيۇس ۋە 2024-يىلى ۋاشىنگتوندا ئېلىنغان قارارلار بويىچە، ئىتتىپاقداشلار ئارىسىدىكى مۇداپىئە مەھسۇلاتلىرى سودىسىغا توسالغۇ بولۇۋاتقان بارلىق قىيىنچىلىقلارنى بىكار قىلىش ۋە تېرورىزمغا قارشى كۈرەشتە «تولۇق ھەمكارلىق»نىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىشى كۈتۈلمەكتە.

فىداننىڭ يىغىن داۋامىدا باشقا دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن ئىككى تەرەپلىمىلىك سۆھبەتلەرنى ئۆتكۈزۈشى پىلانلانغان. بۇ يىغىن 1-ئۆكتەبىردە باش كاتىپلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان مارك رۇتتېنىڭ قاتنىشىشىدىكى تۇنجى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى بولىدۇ.

ئىزدىنىڭ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «بۈگۈن ئېنېرگىيە تارىخىمىزدا يىپيېڭى بىر سەھىپە ئاچىمىز»
تۈركىيە ئىسرائىلىيەنىڭ خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلىرىغا قارشى ھەرىكەت قوللىنىشقا چاقىردى
تۈركىيە—ئەرمېنىيە مۇناسىۋىتىنىڭ نورماللىشىشى ئالاقىلەرنىڭ كۈچىيىشىگە تۈرتكە بولماقتا
خاقان فىدان باكۇدا ئۆتكۈزۈلگەن CICA نىڭ 7-نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى
خاقان فىدان ئاسىيا بىخەتەرلىك باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن باكۇغا يېتىپ باردى
غەربىي قىرغاقتا ئاشقۇن ئىسرائىلىيەلىكلەر TRT نىڭ نەق مەيدان پىروگراممىسىغا توسالغۇ بولدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يېنىدا» دېدى
يىلدىز: سۈرىيە قىيىنچىلىقلارغا قارىماي توغرا يۆنىلىشتە ئىلگىرىلىمەكتە
ئەردوغان رىياد ئايرودۇرۇمىغا قىلىنغان ھۇجۇملارنى قاتتىق ئەيىبلىدى
دۇران ئىسرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى كاتزنىڭ باياناتلىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى
تۈركىيە 15 ياشتىن كىچىك بالىلارنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئىشلىتىشىنى چەكلىدى
ئەنقەرەدە قاتىل ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قارىتىلغان ھۇجۇملىرى نامايىش بىلەن ئەيىبلەندى
تۈركىيە بىلەن خىتاي ئالەم بوشلۇقى تېخنىكىسىنى ئورتاق تەرەققىي قىلدۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالىدى
ئىبراھىم قالىن سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيبانى بىلەن كۆرۈشتى
تۈركىيە: سەئۇدى ئەرەبىستانغا ھەربىي كۈچ ئورۇنلاشتۇرۇش تەدبىرلىرى مۇزاكىرە قىلىندى
CNN: ئىستانبۇل ئايرودورۇمى لوندوننى تەختتىن چۈشۈردى، ئاسمان بوشلۇقىغا ھۆكۈمرانلىق قىلماقتا
ئەردوغان بىلەن پۇتىن قارا دېڭىز بىخەتەرلىكى ۋە رۇسىيە—ئۇكرائىنا مۇناسىۋىتىنى مۇزاكىرە قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يىللاردىن بۇيان غەززەنىڭ ئەڭ ياڭراق ئاۋازى بولۇپ كەلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئائىلە فېستىۋالىنى زىيارەت قىلدى
21  دۆلەت «ئانتاليا ئالەم قاتنىشى ھەمكارلىقى» خىتابنامىسىنى ئىمزالىدى