سىياسەت
3 مىنۇت ئوقۇش
شىۋېتسىيەلىكلەر يېمەك-ئىچمەك زاپاسلاشقا باشلىدى
شىۋېتسىيەدە ھەر بىر كىشىنىڭ كىرىزىس يۈز بەرگەندە ياردەمگە موھتاج بولماي، كەم دېگەندە يەتتە كۈن ئۆزى يالغۇز ياشىيالايدىغان يېمەك-ئىچمەك زاپاسلىشى تەشەببۇس قىلىنماقتا.
شىۋېتسىيەلىكلەر يېمەك-ئىچمەك زاپاسلاشقا باشلىدى
شىۋېتسىيەدە ھەر بىر كىشىنىڭ كىرىزىس يۈز بەرگەندە كەم دېگەندە يەتتە كۈن ئۆزى يالغۇز ياشىيالايدىغان يېمەك-ئىچمەك زاپاسلىشى تەشەببۇس قىلىندى. / AFP

ياۋروپادا يېڭى توقۇنۇشلارنىڭ يىراق ئېھتىماللىق بولۇشتىن قالغانلىقىنى ھېس قىلغان شىۋېتسىيەلىكلەر، ئۇرۇش يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىغا قارشى يېمەك-ئىچمەك ۋە ئاساسلىق ئېھتىياجلىق ماتېرىياللارنى زاپاسلاشقا باشلىدى. ئەمەلدارلارمۇ ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىشنى تەشەببۇس قىلماقتا.

ستوكھولمنىڭ غەربىي جەنۇبىدا ئۆتكۈزۈلگەن پۇقرالار ئۈچۈن ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش كۆرگەزمىسىگە قاتناشقان 71 ياشلىق سىرككا پېترىكوۋىسكا، ئېھتىمالى بولغان توقۇنۇشقا ئەستايىدىل قاراپ، قولىدىن كېلىشىچە تەييارلىق قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ: «مەن بىر دالا لاگېرى ئوچىقى سېتىۋالدىم. كۆكتات، گۆش ۋە مېۋىلەرنى توڭلاتقۇ بولمىسىمۇ كونا ئۇسۇلدا  30 يىل ساقلاشنى ئۆگىتىدىغان قوغداش كۇرسىغا قاتناشتىم. سوغۇقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئەدىيال تەييارلىدىم ۋە ئىسسىنىش ئۈچۈن گاز ئوچاق سېتىۋالدىم. يېزىدىكى ئۆيۈمدىمۇ زاپاس يېمەك-ئىچمەك تەييارلىدىم» دېدى.

شىۋېتسىيە سېنتەبىرنىڭ ئاخىرىدا ھەر يىللىق «ئېھتىمالى بولغان ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش ھەپتىلىكى» نى ئۇيۇشتۇردى؛ بۇ ھەپتە دۆلەتنىڭ «ئومۇمىي مۇداپىئە» ئىستراتېگىيەسى دائىرىسىدە خەلقنىڭ ئېڭىنى ئاشۇرۇشنى نىشان قىلماقتا.

رۇسىيەنىڭ 2015-يىلى قىرىمنى قانۇنسىز ئۆزىگە قوشۇۋېلىشىدىن كېيىن قايتىدىن جانلاندۇرۇلغان بۇ ئىستراتېگىيەگە، 2022-يىلى موسكۋانىڭ ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلىشىدىن كېيىن پۇقرالار مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ تەيىنلىنىشى قاتارلىق تەدبىرلەرمۇ قوشۇلدى. بۇنىڭدىكى مەقسەت، دۆلەت ئورگانلىرىدىن پۇقرالار ۋە كارخانىلارغىچە بولغان پۈتۈن جەمئىيەتنى سەپەرۋەر قىلىپ، قوراللىق ھۇجۇملارغا قارشى كوللېكتىپ قارشىلىق كۆرسىتىش ۋە ئاساسلىق فۇنكسىيەلەرنى داۋاملاشتۇرۇش.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Sweden urges Europe to shift to 'wartime readiness' amid Russian 'threat'

پېستو، قۇرۇق سۈت، قۇرۇتۇلغان گۆش

شىۋېتسىيەدە ئادەتتە يەككە جاۋابكارلىققا ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. ھەر بىر كىشىنىڭ كىرىزىس يۈز بەرگەندە تاشقى ياردەمگە موھتاج بولماي، كەم دېگەندە يەتتە كۈن ئۆزى يالغۇز ياشىيالايدىغان يېمەك-ئىچمەك زاپاسلىشى تەشەببۇس قىلىنىدۇ. شىۋېتسىيە يېمەك-ئىچمەك ئىدارىسى: «بۇ بايلىقلار دەسلەپتە ياشانغان ۋە كېسەل كىشىلەر ئۈچۈن ئىشلىتىلىشى مۇمكىن؛ جەمئىيەتنىڭ قالغان قىسمىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ۋاقىت ئۇتۇلىدۇ» دەيدۇ.

شىۋېتسىيە پۇقرالار جىددىي ئەھۋال ئورگىنى (MSB)، ياغ ۋە ئاقسىل مىقدارى يۇقىرى، ساقلاشقا ئاسان يېمەكلىكلەرنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. تىزىملىك پېستو، قۇرۇتۇلغان گۆش ياكى بېلىق، مۇراببا، شاكىلات، پىشۇرۇلغان بەرەڭگە، قۇرۇق سۈت ۋە پېچىنە-پىرەنىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

شىۋېتسىيە يېمەكلىك ئىدارىسىنىڭ جىددىي پىلانلاش مەسئۇلى ئوسكار كۋارفورت: «ئۇرۇش سېنارىيەسىدە كىشىلەر ئادەتتىكىدىن تېخىمۇ كۆپ جىسمانىي ھەرىكەت قىلىدۇ، بۇ قوشۇمچە پائالىيەت ئوتتۇرىچە 100 كىلوكالورىيە قوشۇمچە ئېھتىياج دېگەنلىك بولىدۇ» دەيدۇ.

ستوكھولمدىن كەلگەن تىجارەت تەرەققىيات مۇتەخەسسىسى مارتىن سۋېننبېرگ، تەۋسىيەلەرگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئائىلىسى ئۈچۈن يەر ئاستى ئۆيىدە ئۈچ ئايغا يېتىدىغان يېمەك-ئىچمەك زاپاسلىدى. تار بىر ساقلاش جايىدا قۇتىلارغا تىزىلغان 100 كىلوگرام ئۇن، ھەر خىل كونسېرۋا يېمەكلىكلىرى ۋە توڭلىتىپ قۇرۇتۇلغان يېمەكلىكلەر بار.

ئۇ يېمەك-ئىچمەكلەرنىڭ پەقەت ئوزۇقلۇق ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى روھىي جەھەتتىن قوللاش ئۈچۈنمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ.

ئۇ: «ياخشى كۆرىدىغان ۋە نورمال تۇرمۇشتا يەيدىغان يېمەك-ئىچمەكلەرنى زاپاسلاش ناھايىتى مۇھىم. بالىلىقتا ئاتا-ئانىڭىز ئەتكەن تاماقلارنى يېگەندە ھېس قىلغان راھەتلىك ۋە سېغىنىشقا ئوخشاش، كىرىزىس پەيتىدىمۇ يېمەك-ئىچمەكلەر مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تەسەللىي بېرىدۇ» دەيدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - EU leaders back drone defence plan to counter Russian tactics amid Ukraine war

ھەقىقىي قىيىنچىلىق

شىۋېتسىيە پۇقرالار جىددىي ئەھۋال ئورگىنىنىڭ 2000 ئادەم بىلەن بولغان ئەلرايى نەتىجىسى، شىۋېتسىيەلىكلەرنىڭ %86 نىڭ دۆلەتنىڭ ھەربىي ھۇجۇمغا قارشى مۇداپىئە قىلالايدىغانلقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ۋە %76 نىڭ شىۋېتسىيە پۇقرالار مۇداپىئەسى دائىرىسىدە بۇنى قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

مەزكۇر ئورگان بارلىق شىۋېتسىيە ئائىلىلىرىگە كىرىزىس يۈز بەرگەندە قانداق ھەرىكەت قىلىشنى چۈشەندۈرگەن ۋاراقچىلارنى 2018- ۋە 2024-يىللىرى ئىككى قېتىم ئەۋەتتى. 2024-يىللىق نۇسخىسىنى تاپشۇرۇۋالغانلارنىڭ %39 ى ئەندىشە قىلغان بولسا، 2018-يىلى بۇ نىسبەت %24 ئىدى.

بۇ دۆلەت، كەڭ يەر كۆلىمى ۋە نوپۇسى شالاڭ رايونلىرى سەۋەبىدىن ئەشيا ئوبوروتى قىيىنچىلىقلىرىغا دۇچ كەلدى. كۋارفورت: «يېمەك-ئىچمەك ئىشلەپچىقىرىشنىڭ كۆپ قىسمى جەنۇبقا توپلانغان بولۇپ، ئىمپورتنىڭ كۆپ قىسمىمۇ بۇ رايونلارغا كېلىدۇ. شۇڭا، قوراللىق توقۇنۇش يۈز بەرگەندە يېمەك-ئىچمەك توشۇش ھەقىقىي قىيىنچىلىق بولىدۇ» دەيدۇ.

ئۇ ئاخىرىدا، ئۇكرائىنانىڭمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مەسىلىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى قوشۇپ قويدى.

 

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - War with Russia could escalate to nuclear conflict, Medvedev warns Europe

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكا خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە كەڭ دائىرىلىك جازا يۈرگۈزۈشكە تەييارلانماقتا
دەسلەپكى نەتىجىلەرگە قارىغاندا، پۇتىننىڭ پارتىيەسى پارلامېنت سايلىمىدا ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەن
ئەردوغان نىيۇيوركتىكى تۈرك ئۆيىگە يېتىپ بارغاندا ئاممىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى
ئىران: ھورمۇز بوغۇزىدا MQ-1 تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئېتىپ چۈشۈرۈلدى
ئىران ئامېرىكا بىلەن بولغان سۆھبەتلەرگە قايتىش ئۈچۈن شەرتلىرىنى ۋاسىتىچىلەرگە يەتكۈزدى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا 4 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
پەلەستىن تەرەپدارى نامايىشچىلار فىلادېلفىيەدىكى ئېد شېران كونسېرتىغا قارشى نامايىش قىلدى
سابىق چىلى پرېزىدېنتى باچېلېت ب د ت باش كاتىپلىق نامزاتلىقىدىن چېكىندى
ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرق ئۈچۈن خەۋپسىزلىك ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى
پاكىستاندىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 31 گە يەتتى
ئامېرىكا ئۇكرائىنا ئۈچۈن 2 مىليارد 680 مىليون دوللارلىق ھاۋا مۇداپىئە ياردەم لايىھەسىنى تەستىقلىدى
ئامېرىكا ئارمىيەسى كارىب دېڭىزىدا زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى قىلغان  كېمىگە زەربە بەردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان 81 - نۆۋەتلىك ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنى ئۈچۈن ئامېرىكانى زىيارەت قىلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان غازىلار بايرىمىنى تەبرىكلەپ بايانات ئېلان قىلدى
غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدا ئوقۇش قايتا باشلاندى