تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە «ئىسرائىلىيەنىڭ مۇقىملىقنى بۇزىدىغان ھۇجۇملىرى توختىتىلىشى كېرەك» دېدى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان شەنبە كۈنى ئەتىگەندە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو بىلەن تېلېفوندا سۆھبەتلىشىپ، سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى جىددىي ۋەزىيەتنى مۇزاكىرە قىلدى.
تۈركىيە «ئىسرائىلىيەنىڭ مۇقىملىقنى بۇزىدىغان ھۇجۇملىرى توختىتىلىشى كېرەك» دېدى
/ Reuters

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتىدە، ئىسرائىلىيەنىڭ سۈرىيەدىكى ھەرىكەتلىرىنىڭ رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە بىرلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزۈۋاتقانلىقىنى، سۈرىيەدىكى توقۇنۇشلارنى دەرھال ئاخىرلاشتۇرۇشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان شەنبە كۈنى ئەتىگەندە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو بىلەن تېلېفوندا سۆھبەتلىشىپ، سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى جىددىي ۋەزىيەتنى مۇزاكىرە قىلدى.

تۈركىيە دىپلوماتىيە مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مىنىستىر فىدان سۆھبەت جەريانىدا سۈرىيەدىكى توقۇنۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ۋە تەرەپلەر ئارىسىدا ئىلگىرى ھاسىل قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى قوغداشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن.

فىدان يەنە ئىسرائىلىيەنىڭ سۈرىيە زېمىنىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلىرىنىڭ رايوندىكى مۇقىمسىزلىقنى كۈچەيتىۋەتكەنلىكىنى، بۇنىڭ سۈرىيەنىڭ بىرلىكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىغا، شۇنداقلا پۈتكۈل رايوننىڭ تىنچلىقىغا ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مىنىستىر فىدان تۈركىيەنىڭ سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى سەزگۈر ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىپ، ھەرقانداق بىر تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ باش كۆتۈرۈشىگە ھەرگىز يول قويمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتكەن. ئۇ يەنە ئەنقەرەنىڭ ۋاشىنگتوننىڭ سۈرىيەدىكى ئىجابىي رولىنى قوللايدىغانلىقىنى، مەڭگۈلۈك تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئامېرىكا ۋە باشقا ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلغان.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فىدان ھازىرقى باسقۇچنىڭ سۈرىيەنى قايتا قۇرۇپ چىقىش ۋە سۈرىيە خەلقى ئۈچۈن بىخەتەر كەلگۈسى يارىتىشتا مۇھىم بىر پۇرسەت يارىتىپ بەرگەنلىكىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان.

سۆھبەتتە يەنە غەززەدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسى ۋە داۋاملىشىۋاتقان نازۇك ئۇرۇش توختىتىش سۆھبەتلىرى قاتارلىق مەسىلىلەرمۇ مۇزاكىرە قىلىنغان.

فىدان سۆھبەتنىڭ ئاخىرىدا تۈركىيەنىڭ تېزدىن ۋە مەڭگۈلۈك ئۇرۇش توختىتىش ھاسىل قىلىش ھەققىدىكى چاقىرىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلاپ، قورشاۋدا قالغان پەلەستىن خەلقىگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى يەتكۈزۈشنىڭ تەخىرسىز بىر ئېھتىياج ئىكەنلىكىنىمۇ ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكا خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە كەڭ دائىرىلىك جازا يۈرگۈزۈشكە تەييارلانماقتا
دەسلەپكى نەتىجىلەرگە قارىغاندا، پۇتىننىڭ پارتىيەسى پارلامېنت سايلىمىدا ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەن
ئەردوغان نىيۇيوركتىكى تۈرك ئۆيىگە يېتىپ بارغاندا ئاممىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى
ئىران: ھورمۇز بوغۇزىدا MQ-1 تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئېتىپ چۈشۈرۈلدى
ئىران ئامېرىكا بىلەن بولغان سۆھبەتلەرگە قايتىش ئۈچۈن شەرتلىرىنى ۋاسىتىچىلەرگە يەتكۈزدى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا 4 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
پەلەستىن تەرەپدارى نامايىشچىلار فىلادېلفىيەدىكى ئېد شېران كونسېرتىغا قارشى نامايىش قىلدى
سابىق چىلى پرېزىدېنتى باچېلېت ب د ت باش كاتىپلىق نامزاتلىقىدىن چېكىندى
ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرق ئۈچۈن خەۋپسىزلىك ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى
پاكىستاندىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 31 گە يەتتى
ئامېرىكا ئۇكرائىنا ئۈچۈن 2 مىليارد 680 مىليون دوللارلىق ھاۋا مۇداپىئە ياردەم لايىھەسىنى تەستىقلىدى
ئامېرىكا ئارمىيەسى كارىب دېڭىزىدا زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى قىلغان  كېمىگە زەربە بەردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان 81 - نۆۋەتلىك ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنى ئۈچۈن ئامېرىكانى زىيارەت قىلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان غازىلار بايرىمىنى تەبرىكلەپ بايانات ئېلان قىلدى
غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدا ئوقۇش قايتا باشلاندى