جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھەمەد ئالسانىنىڭ جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىنىڭ دولماباھچەدىكى ئايرىم ۋە ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلىرىدىن كېيىن، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىملەرگە ئىمزا قويۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ۋە قاتار ئەمىرى ئال سانىنىڭ ھۇزۇرىدا، تۈركىيە-قاتار ئالىي ئىستراتېگىيەلىك كومىتېتىنىڭ 12-نۆۋەتلىك يىغىنى دائىرىسىدە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا 5 كېلىشىم ئىمزالاندى.
تۈركىيە ھۆكۈمىتى بىلەن قاتار ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدىكى «ئىستېمالچىلارنى قوغداش، بازارنى نازارەت قىلىش ۋە تەكشۈرۈش ساھەلىرىدە ھەمكارلىشىشقا دائىر چۈشىنىش ئەسلەتمىسى»، سودا مىنىستىرى ئۆمەر بولات بىلەن قاتار سودا ۋە سانائەت ۋەزىرى شەيخ فەيسەل بىن سانى بىن فەيسەل ئالسانى تەرىپىدىن ئىمزالاندى.
تۈركىيە بىلەن قاتار ئوتتۇرىسىدىكى «مائارىپ ساھەسىدە ھەمكارلىشىش كېلىشىمى» گە، مىللىي مائارىپ مىنىستىرى يۈسۈف تېكىن بىلەن قاتار دۆلەت ئەمىرى دوكتور مۇھەممەد بىن ئابدۇلئەزىز ئەل-خۇلەيفى ئىمزا قويدى.
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن قاتار تاشقى ئىشلار ۋازارىتى ئوتتۇرىسىدىكى «تىنچلىق، يارىشىش ۋە توقۇنۇشلارنى ھەل قىلىش مەسىلىسىدە ھەمكارلىشىش چۈشىنىش ئەسلەتمىسى»، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان بىلەن قاتار باش ۋەزىرى ۋە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى مۇھەممەد بىن ئابدۇررەھمان ئالسانى تەرىپىدىن ئىمزالاندى.
تۈركىيە بىلەن قاتار ئوتتۇرىسىدىكى «ئالىي ئىستراتېگىيەلىك كومىتېتنىڭ 12- يىغىنى ئورتاق باياناتى» غا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان بىلەن قاتار باش ۋەزىرى ۋە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى ئالسانى ئىمزا قويدى.
تۈركىيە بىلەن قاتار ئوتتۇرىسىدىكى «ئۆزئارا مۇداپىئە كېلىشىمى» بولسا، جۇمھۇررەئىس ئەردوغان بىلەن قاتار ئەمىرى ئالسانى تەرىپىدىن ئىمزالاندى.
تۈركىيە-قاتار ئالىي ئىستراتېگىيەلىك كومىتېتى 12-يىغىنىنىڭ ئورتاق باياناتى ئېلان قىلىندى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن تۈركىيە بىلەن قاتار ئوتتۇرىسىدىكى ئالىي ئىستراتېگىيەلىك كومىتېتنىڭ 12-يىغىنىنىڭ ئورتاق باياناتى ئېلان قىلىندى.
باياناتتا، يىغىننىڭ جۇمھۇررەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە قاتار ئەمىرى تەمىم بىن ھەمەد ئالسانىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە، 2014-يىلى 19-دېكابىردىكى ئالىي ئىستراتېگىيەلىك كومىتېت قۇرۇش توغرىسىدىكى ئورتاق ئەسلەتمىدە كۆرسىتىلگەن ھەمكارلىق ساھەلىرىگە مەسئۇل مىنىستىرلارنىڭ قاتنىشىشى ئاستىدا ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
تەرەپلەرنىڭ 5 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق سودا سوممىسىغا يېتىش نىشانىنى قايتا تەكىتلىگەنلىكى قەيت قىلىنغان باياناتتا، سودا ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنى كېڭەيتىش ۋە كۆپ خىللاشتۇرۇش ئۈچۈن يېڭى پۇرسەتلەرنى، شۇنداقلا سودا ۋە ئىقتىسادىي شېرىكلىك كېلىشىمىنىڭ (TEPA) بۇ نىشانغا يېتىشكە قوشىدىغان تۆھپىسىنى تەتقىق قىلىش مەسىلىسىدە پىكىر بىرلىكىگە كېلىنگەنلىكى ئىپادىلەندى.
باياناتتا تەرەپلەرنىڭ قاتارنىڭ تۈركىيەدىكى سېلىنمىلىرىدىن ۋە تۈركىيە قۇرۇلۇش شىركەتلىرىنىڭ قاتاردا جەمئىي 20.8 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى 206 تۈرنى ئۈستىگە ئالغانلىقىدىن خۇرسەنلىك ھېس قىلغانلىقى، ئىقتىسادىي ۋە سودا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا كېلىشكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.
تۈركىيە-قاتار ئىقتىسادىي ۋە تېخنىكىلىق ھەمكارلىق بىرلەشمە كومىتېتىنىڭ 7-يىغىنى دوھادا ئۆتكۈزۈلىدۇ
تەرەپلەرنىڭ سودا مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا تۈركىيە-قاتار بىرلەشمە ئىقتىساد ۋە سودا كومىتېتىنىڭ (JETCO) ئەھمىيىتىنى تەكىتلىگەنلىكى ۋە كومىتېتنىڭ ئىككىنچى يىغىنىنى دوھادا ئۆتكۈزۈشكە تەييار ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا، تەرەپلەرنىڭ تۈركىيە-قاتار ئىقتىسادىي ۋە تېخنىكىلىق ھەمكارلىق بىرلەشمە كومىتېتىنىڭ 7-يىغىنىنىمۇ مۇمكىن بولغان ئەڭ بالدۇر ۋاقىتتا دوھادا ئۆتكۈزۈش توغرىسىدا كېلىشكەنلىكى مەلۇم قىلىندى.
باياناتتا، 2018-يىلى ئىمزالانغان ۋە 2025-يىلى 1-ئاۋغۇستتا كۈچكە ئىگە بولغان سودا ۋە ئىقتىسادىي شېرىكلىك كېلىشىمىنىڭ (TEPA) سودا ئالماشتۇرۇشنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، تاۋار ۋە مۇلازىمەت ئېقىمىنى قولايلاشتۇرۇش ھەمدە ئۆزئارا مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىكنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ۋە رايون خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي بىر گەۋدىلىشىشنى قوللاشقا تۆھپە قوشىدىغان ئومۇميۈزلۈك بىر رامكا تەمىنلەيدىغانلىقى قەيت قىلىندى.
مۇداپىئە ساھەسىدىكى ھەمكارلىق
باياناتتا، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق خەۋپسىزلىك ئەندىشىلىرىنى ئىستراتېگىيەلىك ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ مۇئامىلە قىلىش ۋە مۇداپىئەگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردىكى ھەمكارلىقنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش يۆنىلىشىدىكى قەتئىي ئىرادىسىنى ئىپادىلىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
تەرەپلەرنىڭ ئورتاق مۇداپىئەنى كۈچەيتىش، رايون خەۋپسىزلىكى ۋە مۇقىملىقىنى قوللاش بىلەن بىرگە، تاشقى قوراللىق ھۇجۇمغا قارشى ئورتاق بىر مەيداننى تەشۋىق قىلىش مەقسىتىدە «تۈركىيە بىلەن قاتار ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا مۇداپىئە كېلىشىمى» نىڭ ئىمزالىنىشىنى يۇقىرى باھالىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان باياناتتا مۇنۇلار قەيت قىلىندى:
«ئىككى تەرەپ مەزكۇر كېلىشىمنىڭ پەقەت ئىمزا قويغۇچى تەرەپلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ۋەدىسىنىلا ئەمەس، بەلكى تېخىمۇ بىخەتەر ۋە مۇقىم بىر رايون تەرتىپىگە تۆھپە قوشۇش يۆنىلىشىدىكى ئورتاق ئىستىقبالىنىمۇ ئەكس ئەتتۈرىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈردى. بۇ مەنىدە، ھەر ئىككى تەرەپ خەۋپسىزلىكىگە قارىتىلغان تەھدىتلەر بىلەن بىرگە، رايون خاراكتېرلىك ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرى ھەمدە مۇداپىئە سىياسەتلىرى توغرىسىدا مەسلىھەتلىشىش، شۇنداقلا بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرلار، مۇداپىئە سانائىتى ھەمكارلىقى، خادىملارنى تەربىيەلەش ۋە ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەسىلىسىدە پىكىر بىرلىكىگە كەلدى.»
باياناتتا، تۈركىيە، قاتار، پاكىستان ۋە ھىندونېزىيە تەرىپىدىن ئىمزالانغان بەدىر ئەسلەتمىسىنىڭ، يەرلىك ئىقتىدارلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق مۇداپىئە ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرۇشقا قارىتىلغان ئورتاق سىغىمچانلىقىنى ئاشۇرۇش يولىدا مۇھىم بىر قەدەم سۈپىتىدە يۇقىرى باھالانغانلىقى ئەسكەرتىلىپ، تەرەپلەرنىڭ مەزكۇر ئەسلەتمىنىڭ بىرلەشمە ئىشلەپچىقىرىش، تېخنولوگىيە تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئۇچۇر ۋە تەجرىبە ئالماشتۇرۇشتىن باشقا مۇداپىئە سانائىتى ئۇل- ئەسلىھەسى ۋە تەمىنلەش زەنجىرلىرىنى كۈچەيتىش ساھەلىرىدە تېخىمۇ يېقىن بىر ھەمكارلىققا ئاساس تەييارلايدىغانلىقىنى قەيت قىلغانلىقى بايان قىلىندى.
بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى ھەمكارلىق مەسىلىسىدە بولسا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان كېلىشىملەرگە ئىشارەت قىلىنىپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى مۇمكىن بولغان تېخنىكىلىق ياردەم ۋە تەربىيەلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قىسقا ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك پىروگراممىلار تىلغا ئېلىندى.
تەۋسىيە




















