تۈركىيە
1 مىنۇت ئوقۇش
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ھاماس ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشتى
خاقان فىدان ھاماس شۇرا مەجلىسىنىڭ رەئىسى مۇھەممەد دەرۋىش رەھبەرلىكىدىكى ھاماس ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشتى. فىدان پەلەستىن خەلقىنىڭ غەززەدىن ئايرىلىشىنى مەقسەت قىلغان قەدەملەرگە تۈركىيەنىڭ قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى،
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ھاماس ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشتى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ھاماس ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشتى / AA

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەنبەلىرىدىن ئېلىنغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ھاماس شۇرا مەجلىسىنىڭ رەئىسى مۇھەممەد دەرۋىش رەھبەرلىكىدىكى ھاماس ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشكەن.

ئۇچرىشىشتا غەززەدە ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق ئورنىتىش ئۈچۈن داۋاملىشىۋاتقان خىزمەتلەر، غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان پائالىيەتلەر ۋە رايوندىكى باشقا تەرەققىياتلار مۇزاكىرە قىلىنغان.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فىدان رايوندىكى ئۇرۇشنىڭ پەلەستىن مەسىلىسىنىڭ ئۇنتۇلۇپ كېتىشىگە سەۋەب بولماسلىقى كېرەكلىكىنى، تۈركىيەنىڭ غەززە ۋە غەربىي قىرغاقتا ئىسرائىلىيە كەلتۈرۈپ چىقارغان پاجىئەلەرنى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈنتەرتىپىدە تۇتۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مىنىستىر فىدان ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى مەۋجۇتلۇقىنى ئاشۇرۇشى ۋە غەززەگە ئېھتىياجلىق بولغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنىڭ رايونغا يېتىپ بېرىشىغا توسقۇنلۇق قىلىشىنىڭ قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئىسلام دۆلەتلىرى قاتاارلىق پەلەستىننى قوللايدىغان بارلىق دۆلەتلەرنىڭ پەلەستىنلىكلەرنىڭ ھەقلىق دەۋاسىنى قوغداشنى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن مىنىستىر فىدان، تۈركىيەنىڭ بۇ يۆنىلىشتىكى تىرىشچانلىقلارغا داۋاملىق باشلامچىلىق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيەنىڭ پەلەستىن خەلقىنىڭ غەززەدىن ئايرىلىشىنى نىشان قىلغان ھەر قانداق قەدەمگە قارشى قەتئىيلىك بىلەن كۈرەش قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىزدىنىڭ
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى
شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا
سىپېيس ئېكس بىلەن تېسلا بىرلىشىشى مۇمكىن
ئىنتېرنېت سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش بۇيرۇقىنى كىم چۈشۈردى؟
ئىران: قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننىڭ بىر گىرامىمۇ دۆلىتىمىزدىن چىقىرىلمايدۇ
ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى: مەدىنە ۋە شەرقىي رايوندا بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توسۇپ چۈشۈرۈلدى
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ
مېرز: تۈركىيەدىن كەلگەن كۆچمەنلەر گېرمانىيەنى بېيىتتى
ۋىتكوف زېلېنىسكىي بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن پۇتىنغا يېڭى تىنچلىق تەكلىپىنى سۇنىدۇ
ب د ت: «غەززەدە كىشىلەر ئۈمىدىنى يوقىتىشقا ۋە ئۇنتۇلۇپ قالغاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدى»
ئۇكرائىنا: «رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئوخشىمىغان رايونلارغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا 8 كىشى قازا قىلدى»
مالىدا دائىشقا چېتىشلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ھۇجۇمدا 48 پۇقرا قازا قىلدى