تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
ئەردوغان ئىستانبۇلنىڭ دۈشمەن ئىشغالىيىتىدىن ئازاد قىلىنغانلىقىنىڭ 102 – يىللىقىنى خاتىرىلىدى
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىستانبۇلنىڭ دۈشمەن ئىشغالىيىتىدىن ئازاد قىلىنغانلىقىنىڭ 102 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى.
ئەردوغان ئىستانبۇلنىڭ دۈشمەن ئىشغالىيىتىدىن ئازاد قىلىنغانلىقىنىڭ 102 – يىللىقىنى خاتىرىلىدى
ئەردوغان ئىستانبۇلنىڭ دۈشمەن ئىشغالىيىتىدىن ئازاد قىلىنغانلىقىنىڭ 102 – يىللىقىنى خاتىرىلىدى / AA Archive
2025-يىلى10-ئاينىڭ6-كۈنى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مۇستەقىللىق ئۇرۇشىنىڭ شېھىتلەر ۋە غازىلارنىڭ مىسلىسىز پىداكارلىقلىرى ۋە تۈركىيە خەلقىنىڭ قەتئىي ئىرادىسى بىلەن غەلىبە قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىستانبۇلنىڭ دۈشمەن ئىشغالىيىتىدىن ئازاد قىلىنغانلىقىنىڭ 102 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، مۇستەقىللىق كۈرىشىدە جان پىدا قىلغان شېھىتلەر ۋە غازىلارنى چەكسىز ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى ئىچىدە ياد ئەتتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان دۈشەنبە كۈنى تۈركىيەنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى NSosyal سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، تۈركىيە خەلقىگە تەبرىك تىلەكلىرىنى يەتكۈزۈپ، مۇستەقىللىق ئۇرۇشىنىڭ «ۋەتەننى جېنىدىنمۇ ئەزىز بىلىدىغان شېھىتلەر ۋە غازىلارنىڭ مىسلىسىز  پىداكارلىقلىرى»، «تۈركىيە خەلقىنىڭ مۇستەقىللىقى ھەم ئەركىنلىكىنى قوغداش يولىدىكى قەتئىي ئىرادىسى» سايىسىدا غەلىبە قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«بۇ مۇبارەك ئاڭغا ئاساسەن، مىسلىسىز مەدەنىيىتىمىزنىڭ مىراسى ئۈستىگە قۇرۇلغان جۇمھۇرىيىتىمىزنى قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى بىلەن قوغداش، ساقلاپ قېلىش، زامانىۋى مەدەنىيەتلەر سەۋىيەسىدىن ئۈستۈن قىلىش، يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەر بىلەن تېخىمۇ كۈچەيتىش ئارقىلىق كەلگۈسىگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن زور ئىرادە بىلەن تىرىشىشنى داۋاملاشتۇرىۋاتىمىز.»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يەنە، بۇ دۆلەتنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلارنى ھۆرمەت بىلەن ياد ئېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:

«بۇ ئىشەنچ بىلەن مۇستەقىللىق ئۇرۇشىمىزنىڭ بارلىق قەھرىمانلىرىنى چەكسىز ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى ئىچىدە ھۆرمەت بىلەن ياد ئەتىمەن. ئىستانبۇلنىڭ شەرەپ كۈنىنى قايتا تەبرىكلەيمەن، بارلىق پۇقرالىرىمىزغا چىن دىلىمدىن قىزغىن سالام يوللايمەن.»

ئىستانبۇل 1923 – يىلى 10 – ئاينىڭ 6 – كۈنى ئۇدا تۆت يىل داۋاملاشقان ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ ئىشغالىيىتىنىڭ ئاخىرلىشىشى بىلەن ئازاد قىلىنغان بولۇپ، بۇ تارىخ جۇمھۇرىيەتنىڭ شۇ ئايدا ئېلان قىلىنىشىغىمۇ يول ئاچقان ئىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT ئۇيغۇرچە - تۈركىيە موسساد ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بىر خۇسۇسىي رازۋېدچىكنى قولغا ئالدى

ئىزدىنىڭ
تاكائىچىنىڭ زور غەلىبىسى ياپونىيە پاي چېكى بازىرىدا يېڭى رېكورت ياراتتى
ترامپ: شى جىنپىڭ يىل ئاخىرىدا ئامېرىكانى زىيارەت قىلىدۇ
سۈرىيەنىڭ سۈۋەيدا يېزىلىرىدا يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا تۆت كىشى ئۆلدى، بىر گۇماندار قولغا ئېلىندى
ھىندىستاندىكى كۆمۈر كان پارتلاش ۋەقەسىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 27 گە يەتتى
ترامپ ئامېرىكادىكى كۆرۈشۈشتىن كېيىن خوندۇراسنىڭ يېڭى رەھبىرىگە يۇقىرى باھا بەردى
ياپونىيە خەلقى مۇددەتتىن بۇرۇنقى سايلامغا بېلەت تاشلىماقتا
ئىسلامئابادتا بىر مەسچىتتە ئادەم بومبا پارتلىدى
كرىپتو شىركىتى خاتا ھالدا ئابونتلارغا بىت تەڭگىسى ئەۋەتىپ قويغان
موسكۋادا رۇسىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك گېنېرالى ئوققا تۇتۇلدى، قاچقۇننى تۇتۇش ھەرىكىتى باشلاندى
ئومان ئامېرىكا-ئىران ئوتتۇرىسىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق ۋاسىتىلىق سۆھبەتكە ساھىبخانلىق قىلدى
ئىستانبۇلدا ئىككى موسساد جاسۇسى قولغا چۈشۈرۈلدى
ئىران: ئامېرىكا بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان ئومان سۆھبەتلىرىدە «ياخشى نىيەت» بىلەن ھەرىكەت قىلىمىز
خىتاي بىلەن جەنۇبىي كورېيە ئورتاق دېڭىز مانېۋىرلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلماقتا
ئەردوغان تۈركىيەنىڭ  ئىرانغا ھەربىي مۇداخىلە قىلىنىشىغا قارشى  ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى
تۈركىيە سومالىنىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرىشىنى ئىزچىل قوللىماقتا