تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە سۇلىنگېندا يۈز بەرگەن ئوت قويۇپ بېرىش ھۇجۇمىنىڭ 32 - يىللىقىنى خاتىرىلىدى
1993 - يىلى گېرمانىيەنىڭ سۇلىنگېن شەھىرىدە ئاشقۇن ئوڭچى گۇرۇپپىلار تەرىپىدىن ئوت قويۇپ بېرىلگەن بىر ئۆيدە بەش تۈركىيە پۇقراسى ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.
تۈركىيە سۇلىنگېندا يۈز بەرگەن ئوت قويۇپ بېرىش ھۇجۇمىنىڭ 32 - يىللىقىنى خاتىرىلىدى
تۈركىيە سۇلىنگېندا يۈز بەرگەن ئوت قويۇپ بېرىش ھۇجۇمىنىڭ 32 - يىللىقىنى خاتىرىلىدى / AA

تۈركىيە گېرمانىيەنىڭ سۇلىنگېن شەھىرىدە 1993-يىلى يۈز بەرگەن ئىرقچى ئوت قويۇپ بېرىش ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان بەش تۈركىيە پۇقراسىنى خاتىرىلىدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى چارشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ: «سۇلىنگېندا 32 يىل ئىلگىرى يۈز بەرگەن ئىرقچى ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغان بەش پۇقرايىمىزنى ھۆرمەت بىلەن ئەسلەيمىز» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

مىنىستىرلىق يەنە ھۇجۇمدا ئىككى قىزى، ئىككى نەۋرىسى ۋە بىر جىيەنىدىن ئايرىلغان، ئەمما كېيىن تىنچلىق ۋە مۇتەدىللىك چاقىرىقلىرى بىلەن گېرمانىيەدە يارىشىشنىڭ سىمۋولىغا ئايلانغان مەۋلۇدە گەنچكىمۇ ھۆرمەت بىلدۈردى. 2022-يىلى ۋاپات بولغان مەۋلۇدە گەنچ گېرمانىيەدە دائىم «دانىشمەن ئانا» دەپ ئاتىلاتتى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتىدا: «بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەۋلۇدە گەنچنىڭ ئەزىز خاتىرىسىنى يەنە بىر قېتىم ھۆرمەت ۋە مىننەتدارلىق بىلەن ئەسلەيمىز» دېيىلدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارA Turkish victim of neo-Nazi hatred, a messenger of peace dies in Germany

ئىرقچىلىق ۋە ئىسلامئوفوبىيە (ئىسلامغا ئۆچمەنلىك قىلىش) گە قارشى كۈرەش

باياناتتا يەنە تۈركىيەنىڭ «كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ئىرقچىلىق، چەت ئەللىكلەرگە ئۆچمەنلىك قىلىش ۋە ئىسلامغا دۈشمەنلىك قىلىشقا قارشى ھەر قايسى مۇنبەرلەردە كۈرەش قىلىشنى» داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

1993 – يىلى 29-مايدا يېشى 16 دىن 23 كىچە بولغان تۆت ئاشقۇن ئوڭچى گېرمانىيەلىك ياش، شىمالىي رېيىن-ۋېستفالىيە ئۆلكىسىگە قاراشلىق سۇلىنگېن شەھىرىدە ياشايدىغان تېگى تۈرك گەنچ ئائىلىسىنىڭ ئۆيىگە ئوت قويۈپ بەرگەن ئىدى. ھۇجۇمدا بەش كىشى ھاياتىدىن ئايرىلىپ، 14 كىشى يارىلانغان ئىدى.

ھۇجۇم قىلغۇچىلاردىن ئۈچ نەپىرى 10 يىللىق قاماق جازاسىغا، تۆتىنچىسى 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

بۇ ھۇجۇم گېرمانىيەنى قاتتىق زىلزىلىگە سالغان ۋە خەلقئارانىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچراپ، دۆلەتتە ئىرقچىلىق ۋە ئىنتېگىراتسىيە مەسىلىلىرى ھەققىدە مۇنازىرىلەرنى قوزغىغان ئىدى.

مەنبە:TRT Global
ئىزدىنىڭ
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ
مېرز: تۈركىيەدىن كەلگەن كۆچمەنلەر گېرمانىيەنى بېيىتتى
ۋىتكوف زېلېنىسكىي بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن پۇتىنغا يېڭى تىنچلىق تەكلىپىنى سۇنىدۇ
ب د ت: «غەززەدە كىشىلەر ئۈمىدىنى يوقىتىشقا ۋە ئۇنتۇلۇپ قالغاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدى»
ئۇكرائىنا: «رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئوخشىمىغان رايونلارغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا 8 كىشى قازا قىلدى»
مالىدا دائىشقا چېتىشلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ھۇجۇمدا 48 پۇقرا قازا قىلدى
مىسىردا يۈز بەرگەن قاتناش ۋەقەسىدە 13 كىشى قازا قىلدى
كۈلتەپەنىڭ 78 يىللىق قېزىش تارىخىدا ئەڭ كاتتا يېڭى بايقاش
فرانسىيەدە سېرىق جىلىتكىلىكلەر نامايىشىدىن كېيىن جىددىي ھالەت ئېلان قىلىش پىلانلانمىدى
فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون دۆلىتى ئۈچۈن قوشۇمچە دىزېل ھەل قىلدى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فىدان بىريۇسسېلدا ناتو باش كاتىپى رۇتتې بىلەن كۆرۈشتى
ئىران: ھورمۇز بوغۇزىدا ئامېرىكانىڭ بىر «MQ-9» ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردۇق
ئامېرىكا پالاتا ئەزاسى ساندېرس ئىسرائىلىيەگە ھەربىي ياردەمنى توختىتىشقا چاقىردى
ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ  تاڭ ئاتقۇچە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ئۈچ كىشى ئۆلدى، 11 كىشى يارىلاندى