گېراسىموف: غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئۇكرائىنا بىلەن توقۇنۇشىغا ئارىلىشىشى دۇنياۋى خەتەر پەيدا قىلىدۇ
رۇسىيە باش ئىشتاب باشلىقى ۋالېرىي گېراسىموف موسكۋانىڭ غەربنىڭ ھەر خىل بىخەتەرلىك تەھدىتىگە مۇۋاپىق قوراللار بىلەن جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئۇكرائىنا بىلەن بولغان توقۇنۇشقا ئارىلىشىشى دۇنياۋى خەتەر ئېلىپ كېلىدۇ» دېدى.
00:00
گېراسىموف: غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئۇكرائىنا بىلەن توقۇنۇشىغا ئارىلىشىشى دۇنياۋى خەتەر پەيدا قىلىدۇ
Герасимов Русия / AA

ۋالېرىي گېراسىموف پايتەخت موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلدى؛ يىغىنغا چەت ئەللەرنىڭ ھەربىي دىپلوماتلىرىمۇ قاتناشتى.

گېراسىموف رايون ۋە خەلقئارا بىخەتەرلىككە مۇناسىۋەتلىك جىددىيچىلىكنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ: «بۇنىڭ سەۋەبى ئامېرىكا رەھبەرلىكىدىكى غەربنىڭ يەر شارىدىكى ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى ساقلاپ قېلىش ۋە ئۆزىنىڭ قائىدىلىرىنى زورلۇق بىلەن تېڭىش ئارزۇسى» دېدى.

ئامېرىكانىڭ يېقىنقى 10 يىلدا «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» نامىدا ياۋروپا، ئوتتۇرا شەرق ۋە ئافرىقادا كىرىزىس پەيدا قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن گېراسىموف، بۇنىڭغا قارشى تۇرۇش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ يېقىندا ياۋروپادا جىددىيلىكنىڭ كۈچىيىپ كەتكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىپ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى - ناتونىڭ رۇسىيە چېگراسىغا قاراپ كېڭەيگەنلىكىنى ۋە ھەربىي ئۇل ئەسلىھەلىرىنى كۈچەيتكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

گېراسىموف ناتونىڭ رۇسىيە چېگراسىغا يېقىن جايلاردىكى پائالىيەتلىرىنى كۆپەيتكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «ئىتتىپاقداش كۈچلەرنىڭ كەڭ كۆلەملىك ھەربىي مانېۋىرى بۇ يىل  40 قا يەتتى. نۇرغۇن ھەربىي قىسىملار چېگرامىزغا يېقىن جايلارغا دائىمىي سالاھىيەت بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلدى» دېدى.

بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىكىنى زىلزىلىگە كەلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن گېراسىموف، رۇسىيەنىڭ بۇلارغا قارشى زۆرۈر تەدبىرلەرنى يولغا قويغانلىقىنى بايان قىلدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ئوتتۇرا شەرق رايونىدا ۋەزىيەت يامانلاشماقتا. كىرىزىسنىڭ رايون خاراكتېرلىك ئۇرۇشقا ئايلىنىپ كېتىش خەۋپى بار» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

رۇسىيە ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى گېراسىموف غەربنىڭ ئۇكرائىنانى بولغان ماددىي ۋە ھەربىي جەھەتتىن قوللاشنى ئاشۇرغانلىقىنى ھەمدە ئۇكرائىنا ئەسكەرلىرىنى تەربىيەلەشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «غەرب دۆلەتلىرىنىڭ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا بىلەن بولغان توقۇنۇشىغا ئارىلىشىشى دۇنياۋى خەتەر ئېلىپ كېلىدۇ» دېدى.

ۋالېرىي گېراسىموف ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيە زېمىنلىرىغا ئۇزۇن مۇساپىلىك قوراللار بىلەن زەربە بېرىشىگە رۇخسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بىز ھەر قانداق بىخەتەرلىك تەھدىتىگە ئۆزىمىز مۇۋاپىق دەپ قارىغان قوراللارنى ئىشلىتىپ جاۋاب قايتۇرىمىز» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە يېڭى  تەتقىق قىلىش – تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىش پىلانىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويماقتا
تۈركىيە سۈرىيەنىڭ ئىدلىب ۋىلايىتىدىكى پارتلاش مۇناسىۋىتى بىلەن سۈرىيەگە تەزىيە بىلدۈردى
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە ماگناتى MKE مىسىردا ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن تارماق شىركەت قۇردى
ئىران ئىيوردانىيەدىكى ئامېرىكا بازىسىغا ھۇجۇم قىلدى
دونالد ترامپ كانادا مەھسۇلاتلىرىنى خېرىدار چاقىرىش تۈرلىرىدىن چىقىرىۋېتىش بۇيرۇقى چۈشۈردى
مالايشىيادا تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىپ، بەش كىشى قازا قىلدى
يېڭى زېلاندىيە ئىسرائىلىيەنى  قانۇنسىز ئولتۇراق رايونلىرىنى كېڭەيتىشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىردى
ئىسرائىلىيە شەرقىي قۇددۇستىكى ئەنگلىيە كونسۇلخانىسىنى 30 كۈن ئىچىدە تاقاش بۇيرۇقى چۈشۈردى
كانادانىڭ ئامېرىكاغا قاراتقان قايتۇرما تاموژنا بېجى رەسمىي يولغا قويۇلدى
تۈركىيە ھۇسىيلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا قىلغان ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بېرنھام: مەن غەززەدىكى ئازاب-ئوقۇبەتكە قاراپ تۇرالمايمەن
تۈركىيە مۇداپىئە ساھەسىدىكى تېخنولوگىيە تەجرىبىلىرىنى پۇقراۋى ساھەلەرگە يۆتكەشنى نىشان قىلماقتا
قاتار ۋە خىتاي ھورمۇز بوغۇزىدىكى ئەركىن قاتناش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ئىران تاجاۋۇزچىلار تاكى پۇشايمان قىلغانغا قەدەر قارشىلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ۋەدە بەردى
زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ بىر تېلېۋىزىيە قانىلى ۋە يولۇچىلار پويىزىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى جاكارلىدى